شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى
ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەر يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشى، تەجرىبە ھاسىل قىلىشى كېرەك

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل»لىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشتا، تېخىمۇ مۇرەككەپ مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇشقا، تېخىمۇ كۆپ چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. جياڭسۇ قاتارلىق ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەر ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشى، تەجرىبە ھاسىل قىلىشى كېرەك.
جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشى قىزغىن، كەيپىياتى جانلىق بولدى. شى جىجۈن، جاڭ شياۋخۇڭ، شى لېي، ياڭ خېڭجۈن، گاۋ دېرۇڭ، جاڭ يۈفېي قاتارلىق ئالتە ۋەكىل ئايرىم - ئايرىم ھالدا يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش، ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇش، ئۇرۇقچىلىقتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەنتەربىيە روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆز قىلدى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ سۆز قىلدى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم جياڭسۇنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل»لىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم، جياڭسۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاساسى بىرقەدەر ياخشى، تىرىشىپ ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى كېرەك. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى ۋە ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە يۈكسەلدۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەرنىڭ تەرەققىيات ئاساسى مۇقىم، تاشقى زەربىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ مۇقىملىقىغا تىرەك بولالايدۇ. جياڭسۇ ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتىش جەھەتتە سىجىل كۈچىشى كېرەك. ئىچكى ماھارەتنى ياخشى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۇنيا بازىرىنى كەڭ ئېچىپ، خەلقئارادىكى ئايلىنىشنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇشى كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئارقىلىق تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − پۈتكۈل خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. جياڭسۇ يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسى ۋە خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، قانداق قىلغاندا يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدۇ قاتارلىق تېمىلارغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قانچە ئۈنۈملۈك بولسا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات كاپالىتى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇش، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى قاتناشتى.