جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2026-03-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى» قاراپ چىقىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنىتېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى» قاراپ چىقىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىشلارنى قويۇۋەتمەي چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ تەرەققىياتنى كۆزلەش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشتا باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار بولۇپ، قەدەمنى پۇختا بېسىشى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىشى كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك. يەرلىك پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىلىرىدە دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش، تەدبىر بەلگىلەش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاسسىپ تىزىملىكنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىنىدىغان نۇقتىلىق ئىشلار، كونكرېت تەدبىرلەر، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يەرلىك پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئەزالىرى نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ساپانى ئۆستۈرۈشى، رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى بوشاشماي قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىقنى چوڭقۇر تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈپ، پاكلىق تۆۋەن چېكىنى ياخشى ساقلاپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.