باش شۇجى ئىككى يىغىندىن كېيىن تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈشتە بولۇپ «15 - بەش يىل»نى باشلاش، قەدەم ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى

2026-03-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇاڭيۆ جاۋ خۇڭيۈ

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي دۆلەتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

قوزغىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ 4 - ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شيۇڭئەن مەكتەپ رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ... باش شۇجىنىڭ شيۇڭئەن سەپىرىگە «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى چوڭقۇر ئويلىنىشى مۇجەسسەملەندى.

بىرىنچى، بېكىتىلگەن ئىكەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قەدەممۇقەدەم ئالغا قاراپ مېڭىش كېرەك.

يىرىك پىلان بېكىتىلدى، مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: «ياخشى پىلان بىلەن ئىجرا قىلىش كۈچىدىن ئىبارەت بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك».

توققۇز يىلدا، بىر پارچە يەر، بىر پارچە خەرىتىدىن بىر شەھەرگىچە، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ بەلگىلەنگەن پىلان، ئورۇنلاشتۇرمىلار بويىچە ئىشنى پۇختا قىلىپ، تېز تەرەققىي قىلىپ، «مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى» دەل بۇ تەلەپنىڭ تولۇق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشى.

توققۇز يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شيۇڭئەندە تۆت قېتىم تەكشۈرۈشتە بولدى، ھەر قېتىم ئاچقۇچلۇق تۈگۈندە قاراتمىلىققا ئىگە پىلان ۋە كۆرسەتمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قەدەممۇقەدەم ئالغا سىلجىتتى، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.

ئىستراتېگىيەلىك پىلان تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىزچىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئىجرا قىلىندى. بەش يىللىق يىرىك پىلان ۋە شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشى جۇڭگونىڭ ئۆزگىچە تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە ئىدارە قىلىش ئەقىل - پاراسىتىنى نامايان قىلدى.

بەش يىل ئىلگىرى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى تۇنجى قېتىم دۆلەتنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلدى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، قوزغىتىش رايونى ۋە باشلىنىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يىل 3 - ئايدا ئېلان قىلىنغان «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا، «شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ زامانىۋىلاشقان شەھەر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىككى يىرىك پىلاندا، شيۇڭئەن يېڭى رايونى رايون تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈلدى ھەم باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە قارىتا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشى بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى دەۋردە ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر پارچە تەجرىبە ئېتىزى، ئۇنىڭغا كەلگۈسى بەش يىللىق، ئون يىللىق ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق بىر مەزگىللىك جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش مەسئۇلىيىتى مۇجەسسەملەنگەن.

بىر رايوننى كۆزىتىش ئومۇملۇقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش ئۈچۈن. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بېكىتىلگەن ئىكەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار بىردەك ئومۇمىيەت قارىشى، ئىجرا قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.»

بۇ قېتىم شيۇڭئەندە، باش شۇجى مۇنداق تەلەپ قىلدى: «ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر ئومۇمىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك».

ئومۇمىيەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئەستايىدىل بولۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار خەرىتە بويىچە قۇرۇلۇش قىلىپ، قەدەممۇقەدەم قەتئىي ئالغا قاراپ ماڭدى.

ئىككىنچى، تەرەققىيات ئاساسىي تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۆرنىكى بەرپا قىلىندى.

تەسىس قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئۆرنەك بولۇش»تىن ئىبارەت بۇرچنى يۈكلىدى. بۇ قېتىم، باش شۇجى شيۇڭئەندىن يېڭى ئۈمىد كۈتتى: «تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۆرنىكى بەرپا قىلىش كېرەك.»

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش» يەتتە چوڭ ئاساسلىق نىشاندا باش ئورۇندا تۇرىدۇ.

يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرى توپلاندى، ئاقىل قۇرۇلما ئۆسۈپ يېتىلدى، كۆك، يېشىل بوشلۇق گىرەلەشتى... بۇ «شيۇڭئەن تەسىراتلىرى» يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى جانلىق ئىزاھاتى.

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە بولۇش نۇقتىسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. «جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ تور گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو جۇڭخۇا گۇرۇھى، جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھىنىڭ باش ئىشتابى، 83 مەركەز كارخانىسىنىڭ بالا شىركەتلىرى تەرتىپلىك كۆچۈپ ئەنگە ئالدۇردى، بۇ، كەلگۈسىدىكى شيۇڭئەننىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي ئىشەنچ.» «ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى يەنە چەكسىز يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، بۇ جاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ.

بۇ قېتىم شيۇڭئەنگە بېرىشتا، «بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە قوبۇل قىلىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش»تىن «يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ياخشى تۇتۇش»قىچە «ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شيۇڭئەن قۇرۇپ چىقىش»تىن «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى يېتىلدۈرۈش»كىچە... باش شۇجى ھەر جەھەتتىن شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلەشتە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىندى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تەييار جاۋابى يوق. شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئەمەلىيىتى شېنجېن، پۇدۇڭنى ئاددىي ھالدا نۇسخىلاش بولماستىن، بەلكى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى ئارقىلىق، مەشغۇلات قىلغىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يول ئېچىشتىن ئىبارەت.

ئۈچىنچى، باشتىن - ئاخىر دىققەت ئادەمگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى بىرلىككە كەلتۈرۈلدى.

بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب دەل «ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىغا رىشتە باغلىدى، شۇنداقلا بۇ مېھىرلىك تۇپراقتىكى خەلققە كۆڭۈل بۆلدى.

يېڭى رايوننى پىلانلاش خىزمىتى باشلىنىشى بىلەنلا، باش شۇجى «شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛ 2019 - يىلى «مىڭ يىللىق شيۇلىن»دا، شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى خىزمەتنى تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال ھالدا: «پۇقرالارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك» دېدى؛ 2023 - يىلى، مەخسۇس نەنۋېنيىڭ مەھەللىسىگە بېرىپ، قايتا كۆچۈپ كەلگەن ئاممىنى يوقلاپ: «ئاممىنى مۇقىم تۇرىدىغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، ئۈمىدۋار ياشايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى؛ بۇ قېتىم، بېيجىڭ 4 - ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شيۇڭئەن مەكتەپ رايونى ئاشخانىسىغا كىرىپ، مەكتەپنىڭ چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكىنىڭ بىخەتەر ۋە قۇۋۋەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى تاپىلىدى.

«بىز بىر چىرايلىق يېڭى شەھەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دەل پۇقرالارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن يېڭى شەھەر قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلدۇق.» مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان ئاخىرقى ھېسابتا ھەربىر خىش - كاھىش، ھەربىر ۋاق تاماق، ھەربىر ئارزۇ ئارىسىدا ئەمەلىيلىشىدۇ.

تەرەققىيات ئادەم ئۈچۈن، قۇرۇلۇش قىلىش ئادەمگە تايىنىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ شەھەرنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە يول ئاچقۇچىلىرىنى باشتىن - ئاخىر ئۇنتۇپ قالمىدى. بۇ قېتىم شيۇڭئەنگە كېلىپ، باش شۇجى بۇ جايغا ماكانلاشقان ۋە تارقاقلاشتۇرۇلۇپ قۇرۇلۇۋاتقان ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئالاقىدار تەرەپلەرگە تارقاقلاشتۇرۇلىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ بىۋاسىتە ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ئامال قىلىپ ھەل قىلىپ بېرىشنى تاپىلىدى.

تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇققا چىن ھېسسىيات مۇجەسسەملەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى «شيۇڭئەنلىك بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ، باشلامچى بولۇپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، شيۇڭئەننىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش»قا ئىلھاملاندۇردى؛ بالىلاردىن «بەختنى قەدىرلەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پائال يۇقىرى ئۆرلەپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىش»نى ئۈمىد قىلدى.

شيۇڭئەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى باشتىن - ئاخىر دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسى بىلەن ماس قەدەمدە بولدى، ئۇنىڭ مەقسىتى ھەربىر ئادەمنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھېس قىلغىلى، مەنپەئەتلەنگىلى، ئورتاق بەھرىلەنگىلى بولىدىغان گۈزەل كەلگۈسىگە بىرلىكتە ئاتلىنىش.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)