شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئانتونىئو جوسې سېگۇروغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 47 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا قوللاشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ ئاۋمېن مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ھەمراھلىق روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ماسلىشىپ كەلدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى. مەن جۇڭگو - پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ سېگۇرو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - پورتۇگالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايمەن.