كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىندى، بىپايان دۆلەت زېمىنى كىتاب خۇش ھىدىغا تولدى

2026-04-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

—— شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى كىتاب خۇمار جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شۈ جۇاڭ، ياڭ جەنفېي، شىڭ تو

باھار كۈنلىرى جۇڭگو زېمىنى كىتاب خۇش ھىدىغا تولدى.

گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان مەملىكەت بويىچە تۇنجى «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ھەپتىلىكى» ۋە 5 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ماس قەدەمدە باشلىنىدۇ.

«خەلق ئاممىسى كىتابنى كۆپ ئوقۇسا، مىللەت روھىمىز كۈچىيىدۇ، چوڭقۇرلىشىدۇ.» پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق ۋە تەستىقىي يوليورۇقلارنى بېرىپ، كىتاب ئوقۇشقا باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولدى ۋە كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلدى. «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش» پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈلدى ھەم ئۇدا 13 يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا كىرگۈزۈلدى.

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۈگۈنكى جۇڭگودا، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش «سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش»تىن «قانۇنچىللىق ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش» يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، جۇڭگو زېمىنىدا كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى قويۇقلىشىپ، مەنىۋى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ خۇش پۇراق چاچتى.

كىتاب ئوقۇش كىشىلىك ھايات يولىنى ماڭغانسېرى كېڭەيتىدۇ −

«كىتابنى كۆپ ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىش كېرەك»

4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىققان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

بۇ ماقالىگە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2013 - يىلى 3 - ئايدىن 2025 - يىلى 3 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرى كىرگۈزۈلۈپ، كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئىزاھلىنىپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىش، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى روشەن يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

پەقەت كىتاب ئوقۇشلا كىشىلىك ھايات يولىنى ماڭغانسېرى كېڭەيتەلەيدۇ.

لياڭجياخېدىن جۇڭنەنخەيگىچە، ئاساسىي قاتلامدا ئىجتىھات بىلەن ئەمەلىي ئىشلەشتىن جۇڭگوغا يول باشلاشقىچە، كىتاب ئوقۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باشتىن - ئاخىر «ئەڭ چوڭ قىزىقىشى» بولۇپ كەلدى.

«كىتاب ئوقۇش ئىنسانلارنىڭ بىلىمگە ئېرىشىش، ئەقىل - پاراسىتىنى ئېچىش ۋە ئۇرغۇتۇش، ئەخلاق يېتىلدۈرۈشىدىكى مۇھىم يول» «كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ ئىدىيەۋى ھاياتىي كۈچىنى ساقلايدۇ، ئادەمگە ئەقىل - پاراسەت ۋە ئىلھام بېغىشلايدۇ، ئادەمدە ئۇلۇغۋار جاسارەت يېتىلدۈرىدۇ» «كوممۇنىستلار ماركسىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئوقۇش، ماركسىزم قائىدىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى بىر خىل تۇرمۇش ئادىتىگە، بىر خىل مەنىۋى ئىنتىلىشكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك»...

باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي تاپىلاپ، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ، كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى قايتا - قايتا تەكىتلەپ، «كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى»نى سەمىمىي ئۆگەتتى.

«جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشىش، سەمىمىي - دۇرۇس بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملىشىپ كەلگەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش خىسلىتىنى ياراتقان.» قانداق قىلغاندا كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى ئىچىدە جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەنىۋى بىنا بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكتى، چوڭقۇر ئۈمىد كۈتتى −

گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «كىتابنى كۆپ ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ئىدىيە مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى؛

2021 - يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدا، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا «كىتابتىن ئۆگىنىش بىلىمنى بېيىتىش، ئىقتىدارنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى؛

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «رەقەملىك ئوقۇش بىلەن ئەنئەنىۋى ئوقۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى يادرويىمىز ۋە ساپايىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك»؛

...

شەخسنىڭ «ئۇلۇغۋار جاسارىتى»دىن مىللەتنىڭ «مەنىۋى ماكانى»غىچە، ئەنئەنىۋى كىتاب ئوقۇشتىن رەقەم دولقۇنىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى چوڭقۇر ئويلىنىشى سىڭگەن بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ئىدىيە نۇرى ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى، قانۇنچىللىق كۈچى تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىدى.

بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىزدە ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان تۇنجى مەمۇرىي نىزام − «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلدى. نىزامدا ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا مۇناسىپ بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

5 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى مەزگىلىدە، نىزامنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، يۈرۈشلۈك مۇنبەر ۋە باش تېمىلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەرقايسى جايلار باش تېمىلىق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى بىرلا ۋاقىتتا قانات يايدۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىگە تەشكىللەيدۇ. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنىڭ ئامما قاتنىشىش دەرىجىسى، تەسىر دائىرىسى ۋە تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ.

ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنىنىڭ ئۇدا كۆپ نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈشىدىن «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»نىڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش خىزمىتىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشى، ئىلمىيلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشىگىچە، يەنە «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش»نى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقىچە، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىدىكى «ئاساسىي قۇرۇلما» تەدرىجىي پۇختىلىنىپ، مۇستەھكەملىنىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ئىدىيەسى قەلبلەردىن ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىندى، بىپايان دۆلەت زېمىنى كىتاب خۇش ھىدىغا تولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش توپلىنىپ ئەۋزەللىككە ئايلىنىپ، ئەۋج ئېلىپ جەمئىيەت كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەدەنىيەت ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

سۈپەت ئۆستۈرۈلدى، ئۈنۈم ئاشۇرۇلدى −

«پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كىتاب ئوقۇشقا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»

2022 - يىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، سەمىمىي تاپشۇرۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كىتاب ئوقۇشقا قاتنىشىپ، كىتاب ئوقۇشقا ئىشتىياق باغلاش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش قويۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، بۇ شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئىشى. سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەلىك نىشانى چىڭ كۆزلىنىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش مۇلازىمىتىدە «بار بولۇش - بولماسلىق» بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، بەلكى «ياخشى بولۇش - بولماسلىق»قا تېخىمۇ ئىنتىلىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش خىزمىتى بىر خىللىق، ئىستىخىيەلىك، قىسقا مۇددەتلىك پائالىيەتتىن كۆپ قاتلاملىق، سىستېمىلىق، سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشقا قاراپ ئۆزگەردى.

− داڭلىق ماركا يارىتىلىپ، كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى جۇشقۇن قانات يايدۇرۇلدى.

«ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ھەپتىلىكى» ھارپىسىدا، 2026 - يىللىق ئەتىياز پەسىللىك بېيجىڭ كىتاب بازىرى باشلاندى. 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، بۇ كىتاب بازىرىنىڭ ۋاقتى تۇنجى قېتىم بىر ئايغا ئۇزارتىلدى. ئىلگىرىكى مۇقىم نۇقتىلاردا مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىشقا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ يىلقى كىتاب بازىرىدا يەنە پۈتۈن شەھەردىكى 2000 دىن ئارتۇق كىتابخانىدا «ھەمتۈرتكىلىك كۆرگەزمە مەيدانى» تەسىس قىلىنىپ، كىتاب ئوقۇش مۇلازىمىتى پۈتۈن رايوننى قاپلاش تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «كىتابخۇمار جۇڭگو»نى ئومۇمىي داڭلىق ماركا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردى، «كىتابخۇمار جياڭسۇ» «كىتابخۇمار خېنەن» «كىتابخۇمار جىڭچۇ» «كىتابخۇمار گەنپو» «كىتابخۇمار لۇڭيۈەن» قاتارلىق زور بىر تۈركۈم رايون كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرى خاسلىققا، ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇپ، «بىر جايدا بىر خاسلىق بولۇش» داڭلىق ماركا پائالىيەتلىرىدە كۈچ ئۇلاپ كىتاب ئوقۇش شەكىللەندى.

جۇڭگوغا نەزەر سالساق، رەڭگارەڭ كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى پۈتكۈل جەمئىيەتتە كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

− ئاساس سېلىنىپ، كىتاب ئوقۇش ئەسلىھەلىرى دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشتى.

كىتاب ئوقۇش − ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇق - مەنپەئىتى، بىر خىل ئەڭ ئاساسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى. خەلق ئاممىسىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مۇناسىپ مەدەنىيەت بايلىقى، ئەسلىھە ۋە مۇلازىمەت قاتارلىقلار بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: «مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك».

شەندۇڭدا، جىنەن لىشيا رايونلۇق كۇتۇپخانا «كىتابخۇمار لىشيا. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش» داڭلىق ماركىلىق پائالىيەتنى باشلىدى. ئاساسىي قاتلام كۇتۇپخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ تەدرىجىي ھالدا 100 مەھەللە كۇتۇپخانىسىنىڭ شۆبە كۇتۇپخانىسىنى قۇرۇپ، «15 مىنۇت كىتاب ئوقۇش تۇرمۇش چەمبىرىكى»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىي 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئوقۇرمەنگە مۇلازىمەت قىلدى.

لىشيا رايونلۇق كۇتۇپخانىنىڭ تەرەققىياتى دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانا سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 3253 ئاممىۋى كۇتۇپخانا بار بولۇپ، ھەممىسى ئوقۇرمەنلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى.

ئاممىۋى كۇتۇپخانىدىن يىراققا نەزەر سالساق، چوڭ - كىچىك كىتاب ئوقۇش بوشلۇقى شەھەر تۇرمۇشىنىڭ قىل قان تومۇرلىرىغا ئۈن - تىنسىز چوڭقۇر سىڭىپ كىردى.

نەنچاڭ غەربىي ۋوگزالى پويىز كۈتۈش زالى 2 - قەۋىتىنىڭ بىر بۇرجىكىدىكى «رۇزى كىتاب ئوقۇش ئۆيى» كېلىپ كېتىۋاتقان نۇرغۇن يولۇچىنى قەدىمىنى توختىتىشقا جەلپ قىلدى. كۇتۇپخانا باشلىقى چېڭ شياۋچىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ كىتاب ئوقۇش ئۆيى ھەر كۈنى 300دىن 400گىچە ئوقۇرمەننى كۈتۈۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جاي - جايلارغا بېرىش ئۈچۈن پويىز ساقلاۋاتقان يولۇچىلار. كىتاب ئوقۇش بىلەن سەپەر بۇ جايدا ئۇچرىشىپ ئاجايىپ مەنزىرە شەكىللەندۈردى.

5 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي جياڭشى نەنچاڭدا بۇنىڭغا ئوخشاش رۇزى كىتاب ئوقۇش ئۆيىدىن يەنە 100دىن ئارتۇقى بار. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە 2692 ناھىيە (شەھەر، رايون)دە كۇتۇپخانىنىڭ باش ۋە شۆبە كۇتۇپخانا سىستېمىسى قۇرۇلۇپ، شەھەرلەردىكى يېڭىچە كىتاب ئوقۇش بوشلۇقى 40 مىڭدىن ئاشقان، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، مەزمۇن بايلىقى ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىلغان.

مەھەللە ئەتراپىدا، كارخانا - باغچە رايونىدا، قاتناش تۈگۈنىدە، مەنزىرە رايونىدا، باغچىلاردا... «كىتاب ئوقۇش ئۆيى» شەھەر تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش مۇلازىمىتى بىلەن تېخىمۇ بىۋاسىتە ئۇچراشقىلى بولىدىغان بولدى.

− كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، كىتاب ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشقا دەل جايىدا كۈچ چىقىرىلدى.

«يېزا رايونلىرى، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللەتلەر رايونلىرى، چېگرا رايونلار، ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلاردىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا نۇقتىلىق يار - يۆلەك بولۇش ۋە ياردەم بېرىش» «يېزىلاردا كىتاب ئوقۇش مەزمۇن تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، يېزىلاردا كىتاب ئوقۇش مۇھىتى شارائىتىنى ئەلالاشتۇرۇش» «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش» ... «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»نى ۋاراقلاپ كۆرسەك، ھەربىر دەل جايىدا كاپالەتلەندۈرۈش، ئاجىزلارغا تىرەك بولۇش تەدبىرلىرى كىشىلەرگە ئىللىقلىق بېغىشلىدى.

كىتابخۇمار جەمئىيەت قۇرۇلۇشىدا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. كىتاب ئوقۇشنىڭ «ئومۇمىي خەلقلىشىشى» كىتاب ئوقۇش بايلىقى ۋە مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشتىن ئايرىلالمايدۇ.

گۇاڭشى رۇڭشۈي مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى كۇتۈپخانا بايلىقىدا «ھەممىباب كارتا» ئارقىلىق ھەممىباب ئارىيەت ئېلىپ قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا - بازار ئاھالىلىرىنى ئىشىك ئالدىدىلا ناھىيە بازىرى بىلەن ئوخشاش كىتاب ئوقۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى؛ جياڭشى نەنفېڭدا دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى جانلاندۇرۇلۇپ، بىر پارچە كىتاب پۈتۈن ناھىيەدىكى يېزا - كەنت مەكتەپلىرى ئارىسىدا نۆۋەت بىلەن ئايلاندۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقماي تۇرۇپلا ئوخشاش بولمىغان دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيىدە ساقلانغان كىتابلارنى ئوقۇيالايدىغان بولدى؛ جياڭسۇ شۈجوۋدىكى ھەرقايسى كىتاب ئوقۇش سورۇنلىرى ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان مۇلازىمەتنى پائال يولغا قويۇپ، لوپا ئەينەك، كۆز تورلىشىشتىن ساقلىنىش ئەينىكى قاتارلىق خەلققە قولايلىق بۇيۇملارنى سەپلىدى...

ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ مەقسىتى كەڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش بولۇپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز قىسقاردى.

توغرا كەيپىيات ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەندى −

«كىتاب ئوقۇش بىر خىل كەيپىيات»

2025 - يىلىدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرىكى كىتابخۇمار ئائىلىدىن ھازىرقى كىتابخۇمار مەكتەپ قۇرۇش، كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشقا ئۆتۈپ، زور ئۈمىد كۈتۈپ مۇنداق دېدى: «كىتاب ئوقۇش بىر خىل كەيپىيات».

كەيپىيات قويۇق بولدى، توغرا كەيپىيات ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەندى. كىتابخۇمار جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش خەلقنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك، پۈتكۈل مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، ئىجادچانلىقىنى يېتىلدۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك.

بۇنىڭغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ئويلىنىپ يىراق كەلگۈسىنى كۆزلىدى: «ئەگەر بىز ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بىلىم ساپايىمىزنى تىرىشىپ ئۆستۈرمىسەك، ھەر خىل پەن، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئاڭلىق ئۆگەنمىسەك، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىلىمىمىزنى يېڭىلاشنى تېزلەتمىسەك، بىلىم قۇرۇلمىمىزنى ئەلالاشتۇرمىساق، نەزەر دائىرىمىز بىلەن بىلىش دائىرىمىزنى كېڭەيتمىسەك، قابىلىيىتىمىزنى كۈچەيتىش تەسكە توختايدۇ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرۈش، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئامالسىز قالىمىز.»

كىتاب ئوقۇيدىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولىدۇ، كىتاب ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە كىتاب ئوقۇشقا ماھىر مىللەتتە ئۈمىد بولىدۇ. ھازىر، رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش دولقۇنى پۈتۈن دۇنيانى قاپلىدى، بىلىمنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلەشتى، كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش خىزمىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى كىتاب ئوقۇشقا ئىشتىياق باغلاش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇشقا يېتەكلەپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ مول مەدەنىيەت ئوزۇقى بىلەن تەمىنلەش شەرت.

ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشتە، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

چۇڭچىڭ شيېجياۋەن مەكتىپىدە، مەكتەپنى ئاۋۋال ئويغىتىدىغىنى ھەمىشە دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازى بولماستىن، بەلكى كىتاب ئوقۇش ئۆيى، دەرەخ سايىسى، كارىدور بۇلۇڭلىرىدىن ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇرغان كىتاب ۋاراقلىغان ئاۋاز. بۇ جايدا كىتاب ئوقۇش ۋاقتى دەرس ۋە دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى يېتەرلىك ئۆز ئالدىغا كىتاب ئوقۇش ۋاقتىغا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.

«مەن ياش ۋاقتىمدا نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان، ئەينى چاغدا تاپقىلى بولىدىغان ھەر خىل كىتابلار بىلەن ئۇچراشقان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن قالتىس بۆلەكلەر، چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەر ھېلىھەم ھازىرقىدەكلا ئېسىمدە، يەنە ئۇنىڭدىن تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن چىن مەنىسىنى چۈشىنىپ يەتكەنىدىم.» كىتاب ئوقۇشنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئوزۇق ئىكەنلىكىگە نىسبەتەن باش شۇجى شى جىنپىڭ بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە ئىدى.

ياش - ئۆسمۈرلۈك باسقۇچى كىشىلىك ھاياتتىكى «غول تارتىپ باشاق چىقىرىش مەزگىلى» بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق. كىتاب ئوقۇشقا ئىلھام بېرىدىغان مائارىپ يۆنىلىشىنى ئېنىق تۇرغۇزۇپ، ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە تەتبىقلاشنى كۈچەيتىپ، ئائىلىدە كىتاب ئوقۇش، ئاتا - ئانا ۋە بالىلار بىرلىكتە كىتاب ئوقۇش، مەكتەپتە كىتاب ئوقۇشنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، خۇشال - خۇرام كىتاب ئوقۇپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن ئۈمىدى يۈز مىليونلىغان ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىپ بىخ سۈردى.

ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشتە، ئۈزلۈكسىز ئەلا سۈپەتلىك مەزمۇن بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

بۇ يىل 3 - ئايدا، 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو نەشرىياتچىلىقى ھۆكۈمەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلى» «ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى»... 120 خىل نەشر بۇيۇمى، 50 ئىلغار نەشرىيات ئورنى، 70 مۇنەۋۋەر نەشرىيات خادىمى نەشرىيات «دۆلەت مۇكاپاتى» ئالاھىدە شان - شەرىپىگە ئېرىشىپ، نەشرىيات كەسپىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

«خەلقنى تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش كېرەك، بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ياخشى ئىش يوق.» خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى باش ئورۇنغا قويۇشتا، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت كەسپى يىرىك پىلانى ۋە سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك.

يۆنىلىش ئايدىڭلاشتى، ئاساس تۇتۇلۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىلدى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جەزمەن نەشر سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، بەدىئىيلىكى يۇقىرى، ئىشلىنىشى سەرخىل تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، نادىر نەشر بۇيۇملىرى ئارقىلىق كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، كىتاب ئوقۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىك كىتاب ئوقۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشتە، كىتاب ئوقۇش كاپالىتىنى ئىزچىل زورايتىش كېرەك.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14 - شى كۇنيۈ شەھىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان. بۇ جايدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىر مەزگىل بىرلا خىل ئۆتكەن بولۇپ، كۈننىڭ پېتىشى بىلەنلا ئارام ئالاتتى. 2020 - يىلى، بېيجىڭ ياردەم بېرىپ قۇرغان «ئۈچ ساراي، بىر مەركەز» ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، كۇتۇپخانىنىڭ پەلەمپەيسىمان كىتاب ئوقۇش رايونى تەدرىجىي ھالدا كىشىلەر كەچتە كىتابنى قولىغا ئېلىپ جىمجىت ئوقۇيدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى.

«ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، باراۋەرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك» «ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ۋە قوللىنىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك» «مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئاممىنىڭ يېنىغىچە يەتكۈزۈش كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئېنىق قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

«ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»دا شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان، ئەمەلىي ئىشلىتىشكە قولايلىق، مۇلازىمىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ئەسلىھەلىرىنى پىلانلىق تەسىس قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نىزامدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلار ئۈزلۈكسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كىتاب ئوقۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ سەپلىنىشى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بايلىقى بىرىكتۈرۈلۈپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىغا تېخىمۇ ياخشى كىتاب ئوقۇش شارائىتى يارىتىلماقتا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كىتاب ئوقۇشنى بىر خىل تۇرمۇش شەكلىگە ئايلاندۇرماقتا.

ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىندى؛ كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىق بىلىم جۇغلانمىسى ھاسىل قىلىپ، ئۈزۈلمەس ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كىتاب ئوقۇشقا قاتنىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەزمەن قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىي رېڭىگە ئىگە قىلىدۇ، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)