باش شۇجى كىتابخۇمار جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى

2026-04-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ جەنفېي

31 - قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىققان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

بۈگۈنكى دەۋردە، ئىلىم دولقۇنى مىسلى كۆرۈلمىگەن سۈرئەتتە مەۋج ئۇرۇپ يېڭىلانماقتا.

دېھقانچىلىق دەۋرىدىكى «بىرقانچە يىل ئوقۇسىلا، ئۆمۈر بويى يېتەتتى»دىن سانائەت ئىقتىسادى دەۋرىدىكى «ئون نەچچە يىل ئوقىسا، ئاندىن ئۆمۈر بويى يېتىدىغان بولدى»غىچە، يەنە بىلىم ئىقتىسادى دەۋرىدىكى «دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېتىشىپ مېڭىش ئۈچۈن ئۆگىنىشنى ئۆمۈر بويى توختاتماسلىق كېرەك»گىچە −

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەرگەن بۇ تارىخىي ئۆزگىرىش جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەش بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر خىل تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىغا ئىگە دەۋر سوئالى: مانا مۇشۇنداق كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان دۇنيادا، بىز قانداق قىلغاندا پۇت تىرەپ تۇرالايمىز؟ قانداق قىلغاندا تەشەببۇسكارلىقنى، ئەۋزەللىكنى ۋە كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز؟

بۇنىڭ جاۋابى دەل باش شۇجىنىڭ كىتاب ئوقۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار چوڭقۇر ئويلىنىشى ۋە سەمىمىي تاپشۇرۇقىغا مۇجەسسەملەنگەن.

رەھبىرىي كادىرلار چوقۇم ئۆگىنىشنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك.

يېڭى بىلىم، يېڭى ئەھۋال، يېڭى شەيئىلەر ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان خىرىس ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەگەر بىز ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بىلىم ساپايىمىزنى تىرىشىپ ئۆستۈرمىسەك، ھەرخىل پەن، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئاڭلىق ئۆگەنمىسەك، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىلىمىمىزنى يېڭىلاشنى تېزلەتمىسەك، بىلىم قۇرۇلمىمىزنى ئەلالاشتۇرمىساق، نەزەر دائىرىمىز بىلەن بىلىش دائىرىمىزنى كېڭەيتمىسەك، قابىلىيىتىمىزنى كۈچەيتىش تەسكە توختايدۇ.

قانداق قىلغاندا «قابىلىيەت ۋەھىمىسى»نى تۈگىتىپ، كىتاب ئوقۇپ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ؟

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق سەمىمىي يېتەكلىدى: «بىر قىسىم ماركسىزم كىلاسسىك يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقۇپ، پىششىق ئوقۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قىسىم كىلاسسىك سەھىپىلەرنى كۆپ ئوقۇپ، پىششىق ئوقۇپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، ئىچكى جەھەتتە قەلبكە سىڭدۈرۈش كېرەك»، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي تۈردە غايە - ئېتىقادنى قەلبىمىزدىكى ماياكقا ئايلاندۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز.

«بىر كۈندە مەيلى يېرىم سائەت ۋاقىت ئاجراتسىمۇ، مەيلى نەچچە بەت كىتاب ئوقۇسىمۇ، پەقەت قەتئىي داۋاملاشتۇرسىلا، چوقۇم ئاز - ئازدىن توپلىنىپ كۆپىيىدۇ، قۇم يىغىلىپ تاغ بولىدۇ، قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەپ، ئۇزۇن سەپەرنى باسقىلى بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ رەھبىرىي كادىرلارنى ۋاقىت چىقىرىش ۋە ئىزدىنىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆپ كىتاب ئوقۇپ، ياخشى كىتاب ئوقۇپ، كىتابتىن ئەقىل - پاراسەت ۋە ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان كىتاب ئوقۇش ئىدىيەنى قوراللاندۇرىدىغان جەريان، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلايدىغان پېچ، ئىشلىرىمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغان مەنبە ئېقىن سۈيى.

كىتاب ئوقۇش شەخسنىڭ ئوزۇق ئېلىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا چوڭقۇر ھەم ئەتراپلىق بولىدۇ، ئۇ قەلبنى بېيىتىش ۋە پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭ كىتاب ئوقۇشنى بىر خىل تۇرمۇش شەكلى دەپ قاراپ، خىزمىتى ئالدىراش بولسىمۇ، كىتاب ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. باش شۇجى ئىلگىرى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق ھەمبەھرىلىگەن ئىدى: «كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ ئىدىيەۋى ھاياتىي كۈچىنى ساقلايدۇ، ئادەمگە ئەقىل - پاراسەت ۋە ئىلھام بېغىشلايدۇ، ئادەمدە ئۇلۇغۋار جاسارەت يېتىلدۈرىدۇ.»

تېخىمۇ كەڭ مەدەنىيلىك نەزەر دائىرىسىدىن قارىغاندا، «تارىخ ئۆگەنگەندە مۇۋەپپەقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەتنى كۆرگىلى، ئېرىشىش بىلەن يوقىتىشنى ئەينەك قىلغىلى، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلگىلى بولىدۇ؛ شېئىر ئۆگەنگەندە مېھىر - مۇھەببەتنى كۈچەيتكىلى، يۈكسەك ئىرادە يېتىلدۈرگىلى، ئىلھامنى قوزغىغىلى بولىدۇ؛ ئېتىكا ئۆگەنگەندە ئار - نومۇسنى بىلگىلى، شەرەپ - نومۇسنى چۈشەنگىلى، ھەق - ناھەقنى ئايرىغىلى بولىدۇ». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىخچام، جاراڭلىق سۆزلىرىدىن كىتاب ئوقۇشنىڭ كۆپ خىل قىممىتى ئىپادىلەپ بېرىلدى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشىش، سەمىمىي - دۇرۇس بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش خىسلىتىنى ياراتقان. شۇڭا، كىتاب ئوقۇش ئۆز - ئۆزىنى تەربىيەلەپ ئېسىل پەزىلەت يېتىلدۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر، ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى −

كەڭ ياشلارنى «يەڭگىلتەكلىك خاھىشىنى يېڭىپ، كۆڭۈلنى توختىتىپ كىلاسسىك ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇپ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى كۆپرەك بىلىش»كە چاقىرىق قىلدى؛

بالىلارنىڭ «كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، خۇشال - خۇرام كىتاب ئوقۇپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى»نى ئۈمىد قىلدى؛

پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ «كىتاب ئوقۇشقا قاتنىشىپ، كىتاب ئوقۇشقا ئىشتىياق باغلاش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش قويۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشى»نى ئۈمىد قىلدى...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كىتاب ئوقۇش توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە يەنە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئەمەلىيەت ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن.

رەقەملەشكەن دەۋر ئالدىدا، باش شۇجى «كۆڭۈلنى توختىتىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇش ئاسان ئەمەس» دېگەن رېئال ئەھۋالغا دىققەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، توردا كىتاب ئوقۇشنىڭ زامانىۋى كىتاب ئوقۇشتىكى مۇھىم شەكىل ئىكەنلىكىنى ئىگىلەپ، «رەقەملىك ئوقۇش بىلەن ئەنئەنىۋى ئوقۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى يادرويىمىز ۋە ساپايىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ دىيالېكتىكىلىق بايان بۈگۈنكى دەۋردە كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆگىنىش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى: تېخنىكا قولايلىقىغا قۇچاق ئېچىش بىلەن بىللە، يەنە كۆڭۈل قويۇش بىلەن چوڭقۇر ئويلىنىشنى ساقلاش كېرەك.

ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى مەقسەت، ئومۇمىي خەلق ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىدىغان ئۆگىنىشچان جەمئىيەت، ئۆگىنىشچان چوڭ دۆلەت بەرپا قىلىپ، «ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت. ھەممە ئادەم ئۆگىنىدىغان، ھەممە جايدا ئۆگىنىدىغان، ھەر ۋاقىت ئۆگىنىدىغان گۈزەل ئارزۇ كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى ئەۋج ئالغان جۇڭگو زېمىنىدا قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلانماقتا.

شەخسنىڭ «ئۇلۇغۋار جاسارىتى»دىن مىللەتنىڭ «مەنىۋى ماكانى»غىچە، ئەنئەنىۋى كىتاب ئوقۇشتىن رەقەم دولقۇنىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كىتاب ئوقۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، دەۋر تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇپ، كىشىلەرگە كۈچلۈك چاقىرىق قىلدى.

خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كىتاب ئوقۇشنى بىر خىل تۇرمۇش شەكلى قىلغانغا ئوخشاش، بىز ھەقىقىي تۈردە كىتاب ئوقۇشنى بىر خىل كۈندىلىك ئادەت، بىر خىل مەنىۋى ئىنتىلىشكە ئايلاندۇرساق، ئېرىشىدىغىنىمىز شەخسنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپلا قالماي، يەنە بىر مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشىدىكى چوڭقۇر كۈچ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)