شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر فېڭ شىنرەن) 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ لاۋروۋغا زۇڭتۇڭ پۇتىنغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو - رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، شۇنداقلا «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىيات ساقلاندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئېنىقلىقى ئىنتايىن قىممەتلىك، «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى ۋە ئۈلگىلىك ئەھمىيىتى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. ئىككى تەرەپ مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك ئورۇندا تۇرۇشى، تېخىمۇ پۇختا داۋاملىشىشى، تېخىمۇ يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە تېخىمۇ زىچ، كۈچلۈك بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئارقىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ يوللۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، چوڭ دۆلەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، بىر - بىرىنى قوللاپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشى كېرەك. قوشنىدارچىلىق ۋە ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قول تۇتۇشۇپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ھاياتىي كۈچىنى قايتىدىن ئۇرغۇتۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە زىچ ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
لاۋروۋ زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ تاشقى مۇھىتتا يۈكسەك ئەۋرىشىملىكنى نامايان قىلدى، سودا، سېلىنما ھەمكارلىقى ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا زىچ ماسلاشتى. كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.