جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ «يولداش ھەم قېرىنداش»تەك چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ ياشلىق نۇرىنى جۇلالاندۇرۇش

2026-04-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن بىرلىكتە جۇڭگو - ۋيېتنام ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ يىجۈن، دۇڭ شۆ، فېڭ شىنرەن

4 - ئايدىكى بېيجىڭدا مەيىن شامال چىقىپ، ئىللىق قۇياش پارلاپ، باھار تۈسى قويۇقلاشقانىدى.

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ غەربىي زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى بىلەن ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى قاتار تىزىلغان بولۇپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بىلەن ئالتۇن رەڭدىكى يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى.

ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى، قويۇق دوستلۇقىنى مەدھىيەلەيدىغان «ۋيېتنام − جۇڭگو» مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن بىرلىكتە يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، «قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرى»گە قاتناشقان جۇڭگو - ۋيېتنام ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

«كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.» 300دىن ئارتۇق كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق جۇڭگو - ۋيېتنام ياشلار ۋەكىلى ئالدىدا، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەمىمىي ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇلتۇرقى بۈگۈنكى كۈندە، مەن يولداش باش شۇجى سۇ لىن بىلەن بىرلىكتە <قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرى> تۈرىنى قوزغاتقانىدۇق.»

دەل بىر يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، 2025 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ۋيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو - ۋيېتنام خەلقىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ۋيېتناملىق ياشلارنى جۇڭگوغا بېرىپ «قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرى»نى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم باش شۇجى سۇ لىن بىلەن بىرلىكتە كۇنۇپكىنى بېسىپ «قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرى» تۈرىنى قوزغاتتى.

بىر يىلدىن بۇيان، ۋيېتنامنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى 1000دىن ئارتۇق ياش جۇڭگو ياشلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ ئىنقىلاب ئىزىنى بويلاپ، جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ قىزىل گېنى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك - تۈمەن قىياپىتىنى ھېس قىلدى.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق» «قىزىل يۇلتۇزنى چاقنىتىش» «ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش» «غايە نۇرى» «خۇ تاغىنىڭ ئىزىنى بويلاپ مېڭىش»... «قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرى»دىكى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش لاگېرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان باش تېمىلىرى جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئورتاق داۋاملاشتۇرۇپ ۋارىسلىق قىلىۋاتقان قىزىل گېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

كۆككە تاقاشقان دەرەخنىڭمۇ يىلتىزى بولىدۇ، ئەزىم دەريانىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ. جۇڭگو - ۋيېتنام ئىككى تەرەپ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە بىر - بىرىنى قوللىدى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىدى، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشى داۋامىدا يىلتىز تارتىپ بىخ سۈردى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشى داۋامىدا چېچەكلەپ مېۋە بەردى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى داۋامىدا ۋارىسلىق قىلىنىپ يۈكسەلدى.

جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ ئاساسى خەلقتە، كەلگۈسى ياشلاردا. باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ۋيېتنام ياش ئەۋلادلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشىغا كۆڭۈل بۆلدى، ئىككى تەرەپنىڭ «يولداش ھەم قېرىنداش»تەك دوستلۇقىنىڭ ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى جۇلالاندۇرۇشىغا بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈپ تۈرتكە بولدى.

«ياشلار جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان جەڭگىۋار كۈچ، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشتىكى كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋالغۇچىلار.» كۆرۈشۈش نەق مەيدانىدا، ئىككى دۆلەت ياشلار ۋەكىللىرىنىڭ قىزغىن نەزەرى ئالدىدا، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

«بىرىنچى، سىلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئورتاق ھالدا قىزىل ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ <يولداش ھەم قېرىنداش>تەك چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ ياشلىق نۇرىنى جۇلالاندۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن»؛

«ئىككىنچى، سىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ياشلىق ھاياتىي كۈچىڭلار ۋە ئىجادچانلىقىڭلار ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان باھار دولقۇنىنى مەۋج ئالدۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن»؛

«ئۈچىنچى، سىلەرنىڭ دۇنيانى قەلبىڭلارغا پۈكۈپ، تىرىشىپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈڭلارنى تەقدىم قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».

باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: ياشلار ۋيېتنام بىلەن جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك، ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ غايە - ئېتىقادىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، سىياسىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، ۋيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ غەمخورلۇقى ئىپادىلەنگەن، ئۇزاق كەلگۈسى كۆزلەنگەن سەمىمىي ئۈمىدى جۇڭگو - ۋيېتنام ياشلار ۋەكىللىرىدە سەمىمىي ئورتاق سادا قوزغىدى، نەق مەيداندا پات - پات قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

ۋيېتنام ياشلار ۋەكىلى لى مىڭدې چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بۇ يەردە ئولتۇرغان ياش دوستلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماڭا ئوخشاش، ئىككى رەھبەرنىڭ سۆزىنى نەق مەيداندا ئاڭلىغاندىن كېيىن، قەلبىدە مۇقەررەر تېخىمۇ قىزغىن يالقۇننىڭ يالقۇنجاپ، ۋيېتنام - جۇڭگو دوستلۇقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ياشلىق ھاياتىي كۈچى ۋە جاسارىتىنى بېغىشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

ۋيېتنام ياشلار ۋەكىلى رۇەنشى جياۋيىڭ مۇنداق دېدى: ئىككى رەھبەرنىڭ سۆزىدىن زور ئىلھام ئالدىم. ياش ناخشىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ۋيېتنام - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشناپ تۇرۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

جۇڭگو ياشلار ۋەكىلى جوۋ جۈنجيې خېلى ئۇزاققىچە ھاياجېنىنى باسالمىدى: «بۈگۈنكى بۇ مەيدان پائالىيەت ماڭا قىزىل گېننىڭ پەقەت كىتابلاردا يېزىلغان يىراقتىكى ھېكايە بولماستىن، بەلكى ئىللىقلىققا، ھاياتىي كۈچكە، كەلگۈسىگە ئىگە قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. ئۇ بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىز، ھازىرىمىز ۋە كەلگۈسىمىزنى زىچ باغلاپ تۇرىدۇ.»

پائالىيەت رەسمىي باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئىككى دۆلەت ياشلار ۋەكىللىرى يىغىن مەيدانىدا تەسىراتلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، دوستانە ھەمتۈرتكە بولدى، يەنە ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ جۇڭگو تىل - يېزىقىدىكى ناخشا «شەرق قىزاردى»نى ئېيتتى، كەيپىيات قىزغىن ھەم تەسىرلىك بولدى. «نەق مەيداندا جۇڭگو - ۋيېتنام ياشلىرىنىڭ يانمۇيان تۇرۇپ، بىرلىكتە ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قەلبىمدە ئەڭ بىۋاسىتە ھېس قىلغىنىم شۇكى، قىزىل گېن مۇشۇ پەيتتە <جانلاندى>» دېدى جۇڭگو ياشلار ۋەكىلى لىن ۋېنكاڭ.

ياشلار ئىشلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى. دەل جۇڭگو - ۋيېتنام ياشلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىش - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى، ئۆزئارا چۈشىنىش - ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ياشلىق بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى يېڭى مۇساپىسىدە كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ياشلىق جاسارىتىنى نامايان قىلدى.

«جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ كەلگۈسى ياشلاردا. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو - ۋيېتنام ياشلىرى چوقۇم باتۇرلۇق بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستلۇقىنىڭ ۋارىسلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولالايدۇ، بىزنىڭ ئورتاق ئىشلىرىمىز چوقۇم ئۈزلۈكسىز گۈللەپ ياشنايدۇ!» باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو - ۋيېتنام ياشلىرىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتتى.

يىغىن مەيدانىدا، جۇڭگو - ۋيېتنام ئىككى دۆلەت ياشلار ۋەكىللىرىنىڭ ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)