شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىسمايىل ئومار جىليەگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ جىبۇتى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن جىبۇتىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. زۇڭتۇڭ جىليە ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو بىلەن جىبۇتىنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ كەلدى، مەن بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىمەن. مەن جۇڭگو - جىبۇتى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ جىليە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، داۋاملىق تۈردە بىر - بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىمىزنى قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - جىبۇتى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.