4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا «تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى»نىڭ 55 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ھەم جۇڭگو - ئامېرىكا ياش - ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتتىكى ياش ئەۋلادلاردىن زور ئۈمىد كۈتتى −
«ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى زاتلار، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ تارىختىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش داۋامىدا ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، دوستلۇق رىشتىنى بىرلىكتە چىڭىتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
1971 - يىلى 4 - ئايدا، ئامېرىكا تىكتاك توپ كوماندىسى جۇڭگو تەرەپنىڭ تەكلىپى بىلەن، جۇڭگودا تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولدى، جۇڭگو - ئامېرىكا «تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى» ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. «كىچىك توپ چوڭ توپنى ئايلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىجادىيەت ئىدېئولوگىيەدىكى ئىختىلاپلاردىن ھالقىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپلا قالماي، ھەتتا ئەينى چاغدىكى دۇنيا ئەندىزىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.
«جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دەرۋازىسىنى خەلق ئاچقان.» بۇ تارىخىي كاتتا سۆزگە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر ھۆكۈمى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، «دەۋر ئېقىمى بىزنى بىر - بىرىمىزگە يۈزلەندۈردى، ئورتاق مەنپەئەت جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنى ئىختىلاپلاردىن ھالقىتتى، خەلق ئارزۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىككى دۆلەت قېلىن مۇزنى يېرىپ تاشلىدى.»
تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرىدا، ئەڭ ئاخىردا ساقلىنىپ قالىدىغىنى ھەمىشە ئەڭ قىممەتلىك نەرسە بولىدۇ. «تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى» تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرى جەزمەن خەلق ئارىسىدىن ئۇل تېپىشى، خەلق ئارىسىدىن كۈچ توپلىشى كېرەك، بۇنى خەلق ئورتاق تاماملايدۇ. ياشلار − خەلق دوستلۇقىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى.
جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىكى ياش ئەۋلادلار تارىختىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا خەلقنىڭ دوستلۇقىدىن ئىبارەت بۇ زور ئىشقا ئاتلىنىشى كېرەك.
«تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى» مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇشىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۇچرىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئارازلىق قېلىن مۇزىنى ئېرىتكەنلىكىدە. دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق، خەلق يېقىن ئۆتكەندە دۆلەتلەر ئارا ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
يېڭى دەۋردىكى ئىككى دۆلەت ياشلىرى بۇ روھقا تېخىمۇ ۋارىسلىق قىلىپ، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە ئارازلىقنى تۈگىتىپ، ئۆزئارا توغرا تونۇشنى تۇرغۇزۇشى كېرەك. مەيلى تىكتاك توپ ئۈستىلىدىكى تىركىشىش، مۇسابىقە مەيدانىدىكى ماھارەت سىنىشىش بولسۇن، ياكى مەدەنىيەت سۆھبىتى، ئىلىم ئالماشتۇرۇش بولسۇن، جۇڭگو - ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ ھەربىر قېتىملىق ھەمتۈرتكە بولۇشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى ئۈچۈن خەلق رايى ئاساسى توپلايدۇ، جۇڭگو - ئامېرىكا دوستلۇق دەرىخى ئۈچۈن توپا يۆلەپ ئاساسنى مۇستەھكەملەيدۇ.
رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلىنى خەلق سالغان، كەلگۈسىنى ياشلار يارىتىدۇ» «مەيلى ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئارزۇسى ئۆزگەرمەيدۇ، ئىككى دۆلەت ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا يېقىن ئۆتىدىغان دوستلۇق مېھرى ئۆزگەرمەيدۇ.»
جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ گەرچە تارىخىي مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تەرەققىيات يولى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن خەلقى ئاق كۆڭۈل، دوستانە، ئىشچان، ئەمەلىيەتچىل، ھەممىسى ۋەتىنىنى سۆيىدۇ، ئائىلىسىنى سۆيىدۇ، تۇرمۇشنى سۆيىدۇ، ھەممىسى بىر - بىرىنى ياقتۇرىدۇ ۋە بىر - بىرىدىن زوقلىنىدۇ. دەل ئاق كۆڭۈل، دوستانە ئېقىنلار قوشۇلغاچقا، بىپايان تىنچ ئوكيان ئەمدى تەبىئىي توسۇق ئەمەس؛ دەل خەلق ئارىسىدىكى قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئوڭۇشسىزلىقتىن قايتا - قايتا توغرا يولغا باشلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «كەلگۈسى بەش يىلدا ئامېرىكىدىكى 50 مىڭ ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىش» قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىنى چېگرادىن ئۆتۈشتە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ياكى يەككە تەرەپلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش قولايلىقى بىلەن تەمىنلەشكىچە، تېخىمۇ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان جۇڭگو ئامېرىكا خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق زامانىۋى جۇڭگونى ھېس قىلىپ، سەمىمىي، دوستانە جۇڭگو خەلقى بىلەن تونۇشۇپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، تىنچ بىللە ئۆتىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى ھېس قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەندەك، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلغان ھامان قايتا تاقىلىپ قالمايدۇ. ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرى باشلانغان ھامان يېرىم يولدا توختاپ قالمايدۇ. خەلقنىڭ دوستلۇق دەرىخى باراقسان ئۆستى، چوقۇم بوران - چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.
بۇ قېتىمقى جۇڭگو - ئامېرىكا «تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى»نىڭ 55 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو - ئامېرىكا ياش - ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. «تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى» روھىغا ۋارىسلىق قىلىنغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك مول مەزمۇنلۇق ياش - ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇشى جۇڭگو - ئامېرىكا خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىسىگە يېڭى ياشلىق ھاياتىي كۈچى قوشماقتا.
كىچىككىنە تىكتاك توپ تارىخقا گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا كەلگۈسىنى يورۇتتى. بۇ يىل جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى «چوڭ يىل». ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ زاتلار، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ «تىكتاك توپ رىشتى»نى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا خەلقىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ قاتناشقۇچىسى، قوللىغۇچىسى، تۈرتكە بولغۇچىسىغا ئايلىنىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور خەلق ئىچى كۈچىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)