شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن ۋە رەپىقىسى ۋۇ فاڭلى بىلەن سەمىمىي خوشلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن، مەن باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن بىلەن ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇزاق ۋاقىت چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نۇرغۇن يېڭى مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. مەن شۇنى ئېنىق ھېس قىلدىمكى، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئوخشاشلا سوتسىيالىستىك دۆلەت، بىز بېكىتىلگەن يۆنىلىشنى بويلاپ بۇ يولدا داۋاملىق قەتئىي ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇشىمىز كېرەك؛ بىز بەخت - سائادەت ۋە جاپادا بىللە بولىدىغان ياخشى قوشنىلار، زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ بىرلىكتە ئاتلىنىۋاتىمىز، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇشىمىز كېرەك؛ بىز ئوخشاشلا دۇنيانىڭ ئېجىل - ئىناق بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىمىز، دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. ئەتە سىز گۇاڭشىدا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن يولغا چىقىسىز، يەنە بىر قېتىم جۇڭگونى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىسىز. بىز ۋيېتنام تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىدىغان تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمىز.
سۇ لىن باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو تەرەپنىڭ ۋيېتنام تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى يولداشلارچە ھەم قېرىنداشلارچە قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. سۇ لىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ بىر قاتار ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ۋيېتنام تەرەپكە بولغان ئالاھىدە دوستلۇق ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى، بۇنىڭدىن ۋيېتنام تەرەپ چوڭقۇر تەسىرلەندى. ھازىر ۋيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، نۇرغۇن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدۇق، ھازىرغا قەدەر تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ قېتىم بىز يەنە يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيەنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى ھەم زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدۇق. ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ھاسىل قىلىنغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ يېڭى قەدەم تاشلاشنى خالايدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.