—— جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى داۋالغۇپ تۇرغان دۇنياغا مۇقىملىق كۈچى قوشتى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خەن لياڭ، جۇ رۇيچىڭ
باھار تۈسىگە چۆمگەن مەزگىلدە، جۇڭگو چەت ئەللىك سىياسىي ئەربابلارنىڭ يېڭى بىر نۆۋەت جۇڭگودا زىچ زىيارەتتە بولۇشىنى كۈتۈۋالدى، «شەرققە قاراش» قىزغىن دولقۇنى دۇنيا مىقياسىدا سىجىل ئەۋج ئالدى.
غەرب دۆلەتلىرىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگىچە، تاغ - دەريالىرى تۇتاش دوستانە قوشنىلاردىن يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارغىچە، «جۇڭگوغا بارايلى» كېلىشىۋالغاندەكلا ئۇلارنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى.
رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ دۆلەت سىياسىي ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ زىچ سۆھبەت ئۆتكۈزدى، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش، قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئەمەلىي نەتىجە داۋالغۇپ تۇرغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىققا ئىنتىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئورتاق ئارزۇسى ۋە كۈچلۈك ئۈمىدىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن دەۋر ئالدىدا تۇرىدىغان، قەتئىي، تەمكىن پەزىلىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.
(1)
ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز تۆت يىل ئىچىدە 4 - قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققاندا جۇڭگونى تاللىدى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئابۇزەبىنىڭ تەخت ۋارىسى خالىد تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى، موزامبىك زۇڭتۇڭى چابو ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى... يېقىنقى بىر مەزگىلدە، بېيجىڭ، گۇاڭشى، خۇنەن، چىڭخەي قاتارلىق كۆپلىگەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر چەت ئەل رەھبەرلىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
«غەرب ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىن باشقا دۆلەتلەر بەس - بەستە يۆنىلىشنى جۇڭگوغا قاراتتى، بۇ ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس.» ئامېرىكا «سودا كۆز قارىشى» تور بېكىتى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىدە شۇنداق دېيىلدى.
ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە كەسكىن داۋالغۇش بولماقتا، قاتمۇقات خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس گىرەلىشىپ كەتتى. بوران - چاپقۇن كۈچەيگەندە، مۇقىملىق ۋە ئىتتىپاقلىق ئىنتايىن قىممەتلىك.
«بۈگۈنكى دۇنيادا قالايمىقانچىلىق ئەۋج ئېلىپ، ھەققانىيەت بىلەن زوراۋانلىقنىڭ كۈچ سىنىشىشىغا دۇچ كەلمەكتە. خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا تەرتىپكە قانداق مۇئامىلە قىلىش بىر دۆلەتنىڭ دۇنيا قارىشى، تەرتىپ قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە مەسئۇلىيەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.» سانچېز بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ «قانداق بىر دۇنيا قۇرۇش، بۇ دۇنيانى قانداق قۇرۇش»تا ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپى ۋە ئۆلچىمىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە ئوخشاشلا پىرىنسىپچان، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەتلەر، «دۇنيانىڭ ئورمان قائىدىسىگە چېكىنىشىگە قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قوغدىشى» كېرەك. مەردانە، جاراڭلىق سۆزلەر دۇنيا چىگىش، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە ئارزۇ قىلىدىغان ھەققانىيەت ساداسى.
ئىسپانىيە «ئاۋام» گېزىتى تور بېكىتىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق يېزىلدى: سانچېزنىڭ بۇ ۋاقىتتا جۇڭگونى زىيارەت قىلىش سەپىرىگە ئاتلىنىشى «يەككە تەرەپچىلىكنى ئەمەس، كۆپ تەرەپچىلىكنى تاللىغانلىقى، قارشىلىشىشنى ئەمەس، ھەمكارلىقنى تاللىغانلىقى، بېقىنىشنى ئەمەس، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى تاللىغانلىقى»دىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئابۇزەبىنىڭ تەخت ۋارىسى خالىد بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ياراشتۇرۇپ سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپال مەيدانىنى تەكىتلىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
ئىران «تېھران ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: باشتىن - ئاخىر سۆھبەتلىشىشنى تەشەببۇس قىلىش ۋە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ بىر چوڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، «رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇس ھازىرقى كىرىزىسنى تۈگىتىش ۋە ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قۇرۇلمىلىق تاكتىكا بىلەن تەمىنلىدى».
سۇ لىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ «دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى»نى ئۈمىد قىلدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ چوڭ دۆلەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى تەكىتلىدى، ئىككى تەرەپ «قول تۇتۇشۇپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ھاياتىي كۈچىنى قايتىدىن ئۇرغۇتۇشى كېرەك»، «خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
«جۇڭگونىڭ دۇنياۋى تەسىر كۈچى بارغانسېرى روشەنلەشمەكتە.» ئامېرىكا «سودا كۆز قارىشى» تور بېكىتىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق يېزىلدى: جۇڭگو بارغانسېرى ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا تەكلىپ ۋە لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە بارغانسېرى كۆپ ئورتاق تونۇشقا ئېرىشتى.
«ئىسپانىيە <يېڭى سوغۇق ئۇرۇش>قا قارشى تۇرىدۇ، <ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش>كە قارشى تۇرىدۇ، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقە ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ»، «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ»، «رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ»... رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسلارنى زىيارەتكە كەلگەن چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلدى.
قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو «ئىشەنچلىك، مۇقىم، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ھەمراھ»، داۋالغۇپ تۇرغان دەۋردە «جەلپ قىلىش كۈچىگە تولغان». ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتىنى مەركەزلىك تەتقىق قىلىش پىلانى تور بېكىتى جۇڭگونى خەلقئارا ئەندىزىدىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ» دەپ سۈپەتلىدى. ئەزەربەيجان «ئۆلچەم» ئاخبارات تورى ئېلان قىلغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: دۇنياۋى ئەندىزىدە كەسكىن ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى «ئۆزىگە ئىشىنىش، باغلىنىشلىق بولۇش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، باشتىن - ئاخىر بىردەك بولۇش»نى ساقلاپ كەلدى.
(2)
خەلقئارادىكى تاراتقۇلار سۇ لىننىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش سەپىرىدىكى بىر ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلدى: تۆت كۈن ئىچىدە ئىككى قېتىم جۇڭگو گاۋتيېسىغا ئولتۇردى.
جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان تۇنجى كۈنى، سۇ لىن «فۇشىڭ ناملىق» گاۋتيېغا ئولتۇرۇپ، «كەلگۈسى شەھەر» شيۇڭئەنگە باردى، ئىككى كۈندىن كېيىن يەنە گاۋتيېدا ئون سائەت ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن گۇاڭشىغا باردى. سەپەر جەريانىدا، ئۇ جۇڭگو گاۋتيېسىنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى، تىجارىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلىدى. گاۋتيې قاتارلىق كۆپ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىش ئىككى دۆلەتنىڭ قوشما باياناتىغا كىرگۈزۈلدى.
«ئېچىۋېتىش» «ھەمكارلىق» «پۇرسەت» رەئىس شى جىنپىڭ چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، كۆرۈشكەندە كۆپ تىلغا ئالغان سۆز.
«بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىدىغان ئىرادىمىز بار، شۇنداقلا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىيات پۇرسىتىدىن دۇنيا بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان كەڭ قورساقلىقىمىز بار، ئۆز تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىمىز.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سانچېز بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان بىر قاتار سۆزى دۇنياغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىدا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونىنى ھېس قىلدى... سانچېزنىڭ جۇڭگو سەپىرىدىكى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتا، ئىسپانىيە «دۇنيا گېزىتى» تور بېكىتى مۇنداق باھا بەردى: ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش «ئەڭ ئاقىلانە ھەم زۆرۈر تەدبىر».
ئىسپانىيەلا ئەمەس، فىرانسىيە، ئىرېلاندىيە، فىنلاندىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئۆتكەن يېرىم يىل ئىچىدە ئارقا - ئارقىدىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى. «قورۇقچىلىق ئەۋج ئالغان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنياغا دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇۋاتقان دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئۆزىلا كەم ئۇچرايدىغان بايلىق.» گېرمانىيە بېرلىن پىرۇسسىيان جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى فالكىر چاپۇك شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: غەرب رەھبەرلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىدىغان جۇڭگونى كۆردى، تېخىمۇ ئېنىق ھالدا جۇڭگونى تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە مۇقىملىق كۈچى دەپ قارىدى.
بەزى دۆلەتلەر «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»، كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام قوپۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى − ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دائىرىسى 23كە كېڭەيدى؛ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش «دوستلار چەمبىرىكى»نىڭ سىغىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى؛ 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 دۆلەتتىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ...
«رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان <تاموژنا بېجى ئالماسلىق> سىياسىتى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم» دېدى موزامبىك زۇڭتۇڭى چابو. بۇ ئافرىقا دۆلىتى زۇڭتۇڭى قىسقىغىنا بىرنەچچە كۈن ئىچىدە نۇرغۇن ياسىمىچىلىق، پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىدا ئېكىسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى، جۇڭگو - موزامبىك سودا ئىشلىرى مۇنبىرىگە قاتناشتى. چابو كۆپ قېتىم مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن».
چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرىنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىش زور ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى: سۇ لىن يۇقىرى ئۆلچەملىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كەلگەن بولۇپ، ئەدلىيە، مالىيە، سانائەت - سودا، يېزا ئىگىلىكى ۋە مۇھىت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەخت ۋارىسى خالىد ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سانائەت ۋە ئىلغار تېخنىكا مىنىستىرى، مەبلەغ سېلىش مىنىستىرى، تاشقى سودا مىنىستىرى قاتارلىق مۇھىم ئەمەلدارلارنى باشلاپ كەلدى. كۆپلىگەن چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق كۆرسەتتى: ئېنىقسىزلىققا تولغان دەۋردە، ھەرقايسى دۆلەتلەر «دۇنياۋى ھەمكارلىقنى ئەڭ مۇقىم رامكا بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان» ھەمراھ ئىزدىمەكتە.
تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشتىن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشتىن مەبلەغ سېلىش مۇددىئاسى ھاسىل قىلىشقىچە، چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرىنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندىكى مول نەتىجىلىرى ئارقىلىق دۇنيا قالايمىقانچىلىق ئىچىدىمۇ ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىدىغان جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بارغانسېرى كەڭ دائىرىدە ھۆرمىتى ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
(3)
قالايمىقانچىلىق ئەۋج ئالغان دۇنيادا، جۇڭگونىڭ ئىرادىسى قەيەردىن كەلگەن؟ ئەۋرىشىملىكى قانداق بارلىققا كەلگەن؟ چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە جۇڭگونىڭ كۆپ جايلىرىدا ئېكىسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگونىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندى، جۇڭگونىڭ پۇختا تەرەققىياتىنىڭ جاۋابى ئۈستىدە ئىزدەندى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىدا، سۇ لىن ماركسنىڭ قىممەتلىك ئەسلىي قول يازمىلىرىغا زەن سېلىپ قاراپ، ئۇزۇن سەپەر باش تېمىسىدىكى فىلىمنى كۆڭۈل قويۇپ كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم».
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 105 يىل، ئۇزۇن سەپەر غەلىبە قىلغانلىقىغا 90 يىل بولدى، نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىق ۋە جاپا - مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاندىن بۈگۈنكىدەك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى باشلاندى، يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو مەقسىتى ۋە نىشانى بىردەك بولغان ھەمراھلار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.
سۇ لىن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپ «سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇشىمىز كېرەك»، «زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇشىمىز كېرەك» ۋە «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇشىمىز كېرەك»، «يۈكسەك ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىك ۋە كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر يول ئىشەنچى ۋە تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھاتتا يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىسلاھ قىلىشتا ئاساسىي رەڭنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك».
ۋيېتنام خۇ جىمىڭ دۆلەت سىياسىي شۆيۈەنىنىڭ ئاخبارات - تەشۋىقات شۆيۈەنى پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋيېتنام - جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى رۇەن مىڭخۇەن بۇ ھەقتە كۆپ تەسىراتقا ئىگە بولدى. «ۋيېتنام بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى قىممەتلىك پايدىلانما قىلىشقا بولىدۇ، بۇ، دۇنيا تىنچلىقى، ھەمكارلىقى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق».
بۇ ئىرادە تارىخىي قانۇنىيەت ۋە دەۋر ئېقىمىنى دەل جايىدا ئىگىلەش، كەلگۈسى ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىنچىكە تۈزۈشتىن كەلگەن. بۇ ئەۋرىشىملىك پۇختا ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن سىجىل كۈچ قوشماقتا.
سانچېز بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك نىشان بىلەن باسقۇچلۇق نىشاننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەيدىغان تارىخىي سەۋرچانلىق بىلەن بەش يىللىق يىرىك پىلاننى داۋاملاشتۇرۇپ تۈزدى ۋە يولغا قويدى.
چابو مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىنتايىن مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.» خۇنەندە ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئۇ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە بىر قاتار دۇنياۋى تەشەببۇسلارنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ، جۇڭگو «قېرىنداشلارچە دوستلۇق»نى قەلبىگە پۈكۈپ، كەڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىياتقا ئىنتىلىدۇ، دەپ قارىدى.
خۇنەن شاۋشەندە، چابو يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ مىس ھەيكىلىگە گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى، يولداش ماۋ زېدۇڭ خاتىرە سارىيى ۋە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ سۆز قالدۇرۇش خاتىرىسىگە مۇنداق يازدى: «موزامبىك بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى موزامبىكنىڭ مىللەت مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تاۋلانغان... بۇ سەمىمىي ھەمكارلىشىش روھى ۋە قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىنى، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
چىڭخۇا داشۆدە نۇتۇق سۆزلىگەندە، سانچېز 16 - ئەسىردىكى ياۋروپا «غەرب مەركەز نەزەرىيەسى» نۇقتىسىدىن سىزىپ چىققان بىر پارچە «بۇرمىلانغان دۇنيا خەرىتىسى»دىن باشلاپ سۆزلەپ، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشتەك كونا تەپەككۇرنى چۆرۈپ تاشلاپ، بۈگۈنكى دۇنياغا، بۈگۈنكى جۇڭگوغا توغرا قاراشتا بولۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، «جۇڭگو شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتماقتا، مۇقەررەركى دۇنيانىڭ كەلگۈسىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ».
ئامېرىكا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش شىركىتى گاللوپ ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك دۇنياۋى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگونىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى سىجىل ئاشقان. «نۇرغۇن كىشى جۇڭگونىڭ مۇقىملىقى، ھەمكارلىشىش قىياپىتى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان ئەندىزىسىنى قەدىرلەشكە باشلىدى.» ئىسپانىيە جۇڭگونى چۈشىنىش دەرسخانىسى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى مارتا مونتورو ماقالىسىدە شۇنداق يازدى.
كۇبا خەلقئارا سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئېدۋاردو رېگالادو مۇنداق قارىدى: جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرىدۇ، بۇ، «جۇڭگونىڭ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش بىلەن بىللە، ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئورتاق تەرەققىياتقا ئىنتىلىپ»، بۇ ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى.
جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىۋاتقان، داغدام يولدا قەتئىي مېڭىۋاتقان جۇڭگو جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختى، شۇنداقلا دۇنيا خەلقىنىڭ بەختى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)