مەملىكەتلىك مۇلازىمەت كەسپى يىغىنى 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى.
ھازىر، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرماقتا، مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، مۇھىم پىرىنسىپى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بەردى، بۇ، ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كۆلىمى پۇختا كېڭىيىپ، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى سىجىل ئۆسۈپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرەك بولۇش، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى».
كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، قانداق قىلغاندا مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟
باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىش، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىشنى گەۋدىلەندۈرۈش»نى تەكىتلەپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.
باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەم ئېھتىياج دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشى، پەن - تېخنىكا سېلىنمىسى، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىگە بولغان يېتەكلەش رولىنى كۆرۈپ يېتىش، ھەم ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، پەن - تېخنىكىنى تىرەك قىلىش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ بازار بوشلۇقىنى كېڭەيتىشكە بولغان ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى كۆرۈپ يېتىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرغاندا، ئاندىن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
«مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك» − باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا بىر تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق ھەرىكەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.
«چوڭقۇر يولغا قويۇش»نى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بۇ ئاددىي ھالدا كۆلەمنى كېڭەيتىش، ئېشىش سۈرئىتى ۋە ئىگىلىگەن نىسبەتنى ئۆستۈرۈش بولماستىن، بەلكى تەرەققىيات ئىدىيەسى، ئەندىزىسى، ئۆلچىمى قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق سىستېمىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشتۇر. «ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش»تا مۇھىمى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى يوچۇققا قارىتا ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىش، «سۈپەتنى ئۆستۈرۈش»تە مۇھىمى كەسىپلىشىش، ئۆلچەملىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قوشۇلما قىممەتنى ئاشۇرۇپ، تۆۋەن ئۈنۈملۈك، بىر خىللاشقان رىقابەتتىن ساقلىنىش كېرەك.
ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، مۇلازىمەت كەسپى مۇلازىمەت ئارقىلىق ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ، قىممەت يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تىرەك ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپى ۋە تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپى دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ئىككى خىل مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
«ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كەسپىيلىشىش ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ كېڭىيىشىنى ئالغا سىلجىتىش» − يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى دولقۇنى ئىشلەپچىقىرىش، ياساش شەكلىنى قايتا بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتنىڭ كەسىپلىشىشىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويماقتا. بۇ پۇرسەتنى ئىگىلەشتە، ئىلغار ياسىمىچىلىققا يۈزلەنگەن ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەشكەن مۇلازىمەتنى كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.
بازار رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ياسىمىچىلىق ھالقىسىنىڭ ئۆز قىممىتى «تۆۋەنلەپ كەتتى»، تېخىمۇ يۇقىرى قوشۇلما قىممەت بوشلۇقى ھەمىشە كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى ئۇزارتىلغان مۇلازىمەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتىدىن ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ ئىلگىرىلەشتە، جەزمەن «تەبەسسۇم ئەگرى سىزىقى»نىڭ ئىككى ئۇچىدىكى ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت ھالقىلىرىنى ئىگىلەپ، يۇقىرى قوشۇلما قىممەت مۇلازىمىتى ئارقىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك.
«تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان، قولايلاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» − دۆلىتىمىزدە شەھەر - بازارلىشىش نىسبىتىنىڭ مۇقىم ئېشىشى، ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپىنىڭ مۇقىم كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ ئاھالىنىڭ تۇرمۇش مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ ئاشتى، ئىستېمالنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «تېخىمۇ كۆپ تاۋار سېتىۋېلىش»تىن «تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت ۋە تەسىراتقا ئېرىشىش»كە قاراپ تېز ئۆزگەردى.
بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجى، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن تۈرگە بولغان ئېھتىياجى ۋە خاس ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خاس مۇلازىمەتنى سەرخىل، ئىنچىكە قىلغاندا، ئاندىن مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىپ، ئىچكى ئېھتىياجغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
داڭلىق ماركا كارخانىنىڭ بازار بەلگىسى. دۇنياۋى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى نىشانلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ «تېخىمۇ كۆپ <جۇڭگو مۇلازىمىتى> داڭلىق ماركىسىنى يېتىلدۈرۈش»نى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۆلىتىمىز مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، داڭلىق ماركا سانى كۆپ، لېكىن خەلقئارا داڭلىق ماركىلار تېخى يېتەرلىك ئەمەس، داڭلىق ماركا يېتىلدۈرۈش ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا بىرقەدەر ئارقىدا. بازاردىكى ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى يۇقىرى، رىقابەت كۈچى كۈچلۈك تېخىمۇ كۆپ داڭلىق مۇلازىمەت ماركىلىرىنى بەرپا قىلىپ، «جۇڭگو مۇلازىمىتى»نى ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇلازىمەتنىڭ ۋەكىللىك نامى قىلغاندا، ئاندىن دۆلىتىمىز مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئاشۇرۇپ، كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىقىنى پۇختا ئىگىلىيەلەيمىز.
«15 - بەش يىل» باشلاندى، قەدەم ئېلىندى، باش شۇجى كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى يېتىشتۈرۈش، يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىش، يېڭى ساھەنى كېڭەيتىشنى تېزلەتكەندە، جەزمەن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشقىلى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە تېخىمۇ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)