مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2026-04-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

http://uy.ts.cn/pic/003/529/726/00352972646_a4faacbf.gif

ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى.

«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ھەم پائال يېتىلدۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چىڭىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە ئۇيغۇنلاشقان ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، جەمئىيەت نازارەت قىلىش، تەلەپچان بولۇش، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ بازارلىشىش، كەسىپلىشىش، قېلىپلىشىش تەلىپى بويىچە تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

«پىكىر» جەمئىي يەتتە قىسىم، 18 تەدبىردىن تۈزۈلگەن. بىرىنچى قىسىم ئومۇمىي تەلەپ بولۇپ، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى يېتەكچى ئىدىيە ۋە ئومۇمىي نىشان ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2 - قىسىمدىن 6 - قىسىمغىچە بولغان قىسمى ئاساسىي گەۋدە مەزمۇنى بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇش، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق بەش جەھەتنى چۆرىدەپ، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ۋە كونكرېت تەدبىرلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 7 - قىسىمدا تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش جەھەتتە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.