دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ زىچ كۈنتەرتىپىدىن جۇڭگونىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشى، كەڭ قورساقلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقىغا نەزەر

2026-04-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما جويەن

4 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ زىيارەتكە كەلگەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئابۇزەبىنىڭ تەخت ۋارىسى خالىد، ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئوتتۇرا شەرق ۋە دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەردىن ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگىچە، ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەتتىن سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەتكىچە، كۆپ دۆلەت سىياسىي ئەربابلىرىنىڭ جۇڭگوغا زىچ زىيارەتكە كېلىشى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نەزەرىنى «شەرققە قاراش»قا ئاغدۇرغانلىقىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك سالاپىتىنىڭ تەسۋىرى.

«شەرققە قاراش»تا كۆرگىنى جۇڭگونىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىشەنچى بولدى.

تۆت يىلدىن بۇيان 4 - قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئاچقۇچىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى: «جۇڭگو ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك نىشان بىلەن باسقۇچلۇق نىشاننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەيدىغان تارىخىي سەۋرچانلىق بىلەن بەش يىللىق يىرىك پىلاننى داۋاملاشتۇرۇپ تۈزدى ۋە يولغا قويدى.»

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.4 ئېشىش ئىشقا ئېشىپ، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا بېكىتىلگەن 20 تۈرلۈك ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ، 17 جەھەتتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، 102 تۈرلۈك چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرى غەلىبىلىك تاماملاندى. بۇ يىل 1 - پەسىلدە، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.0 ئاشتى.

شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇش، جۇڭگو گاۋتيېسىگە ئولتۇرۇش، پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالقىشلاش... «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدىكى باھاردا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى جۇڭگوغا كەلدى، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى، بۇنىڭ ماھىيىتى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئېقىمغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان غەيرىتىنى كۆرۈش.

«شەرققە قاراش»تا كۆرگىنى جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا دۇنيادىكى پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت كەڭ قورساقلىقى بولدى.

«بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىدىغان ئىرادىمىز بار، شۇنداقلا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىيات پۇرسىتىدىن دۇنيا بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان كەڭ قورساقلىقىمىز بار، ئۆز تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىمىز.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كۈچكە تولغانىدى.

بۇ كەڭ قورساقلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان پوتېنسىئال ئېنېرگىيەسىدىن كەلگەن، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارنىڭ گەۋدىلىك ئەۋزەللىكىدىن كەلگەن، دۇنيانىڭ ئېجىل - ئىناق بولۇشى، گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت قىممەت ئىنتىلىشىدىن كەلگەن.

بېكىنمىچىلىك قىلىپ باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان، بىرى يېڭىلىپ بىرى يېڭىدىغان تار تەپەككۇرغا ئوخشىمايدىغىنى، جۇڭگو «دۇنيا ياخشى بولسا، جۇڭگو ئاندىن ياخشى بولىدۇ؛ جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېگەننى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، باشتىن - ئاخىر ئۆز تەرەققىياتىنى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ كوئوردىنات سىستېمىسىغا قويۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئارقىلىق ئارازلىق توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش ئارقىلىق نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشتىن ھالقىپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا پۇرسەت يارىتىدۇ.

خالىد جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ سانچېز جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىسپانىيەدىكى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى ئىسپانىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، دەپ ماختىدى، سودا، سېلىنما، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى؛ سۇ لىن جۇڭگو تەرەپنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق يولغا قويىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا، سېلىنما، تۆمۈريول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە ساياھەت جەھەتتىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى...

«شەرققە قاراش»تا كۆرگىنى جۇڭگونىڭ بارلىق دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ئۆتۈشتىن ئىبارەت چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيەتچانلىقى بولدى.

خەلقئارا ۋەزىيەت داۋالغۇش، ئەنسىزلىككە تولدى، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ خالىد بىلەن كۆرۈشكەندە، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا توختىلىپ، تىنچ بىللە ئۆتۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، خەلقئارا قانۇنچىللىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە «چوڭ دۆلەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىشى» «خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى» كېرەك.

بۈگۈنكى دۇنيادا قالايمىقانچىلىق ئەۋج ئېلىپ، ھەققانىيەت بىلەن زوراۋانلىقنىڭ كۈچ سىنىشىشىغا دۇچ كەلمەكتە. چوڭ دۆلەتنىڭ چوڭلۇقى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ھەجمىنىڭ زورلۇقى، بەستىنىڭ چوڭلۇقى، مۇشتۇمىنىڭ چوڭلۇقىدا ئەمەس، بەلكى كۆكسى - قارنىنىڭ كەڭلىكى، ئەندىزىسىنىڭ بۈيۈكلۈكى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدە. خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا تەرتىپكە قانداق مۇئامىلە قىلىش بىر دۆلەتنىڭ دۇنيا قارىشى، تەرتىپ قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە مەسئۇلىيەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى تەرىپىدە تۇرغان جۇڭگو باشلامچىلىق بىلەن پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، تىنچلىقنى كۆزلەپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا دۇنيانىڭ ئورمان قائىدىسىگە چېكىنىشىگە قارشى تۇرۇپ، داۋالغۇپ تۇرغان دۇنياغا قىممەتلىك مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشتى، شۇنداقلا مۇقەررەر ھالدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن موزامبىك زۇڭتۇڭى چابو 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خۇنەنگە يېتىپ كېلىپ جۇڭگودىكى زىيارەت سەپىرىنى باشلىدى. بۇ باھار پەسلىدە، ئارقا - ئارقىدىن كەلگەن ھەرقايسى دۆلەتتىكى دوستلار ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك جۇڭگونى نەق مەيداندا چۈشىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك - تۈمەن قىياپىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)