شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا «تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى»نىڭ 55 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ھەم جۇڭگو - ئامېرىكا ياش - ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 55 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى قالتىس سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن ئىككى دۆلەت خەلقى دوستانە ئالاقىسىنىڭ دەرۋازىسىنى قايتا ئېچىپ، «كىچىك توپ چوڭ توپنى ئايلاندۇرۇش»تەك تارىخىي داستاننى ياراتقانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى دۆلەتتىكى ياش - ئۆسمۈرلەر «تىكتاك توپ رىشتى»نى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، بۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلىنى خەلق سالغان، كەلگۈسىنى ياشلار يارىتىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى زاتلار بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ تارىختىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش داۋامىدا ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، دوستلۇق رىشتىنى بىرلىكتە چىڭىتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو - ئامېرىكا «تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى»نىڭ 55 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ھەم جۇڭگو - ئامېرىكا ياش - ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋە مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.