− جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبىتى بىر قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك سۆھبەت بولدى، مول نەتىجىلەر ھاسىل قىلىندى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تاراتقۇلارغا جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبىتى توغرىسىدىكى ئەھۋاللار ۋە ئورتاق تونۇشنى تونۇشتۇردى.
1. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبىتىگە قانداق باھا بېرىسىز؟
ۋاڭ يى: بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەمدە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا داۋاملىق سەمىمىي، چوڭقۇر، ئىجابىي، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى ھەم بۇ ھەقتە بىر قاتار ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. خۇددى كۆپلىگەن تاراتقۇلاردىكى دوستلارنىڭ كۆرسەتكىنىدەك، بۇ، بىر قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك سۆھبەت بولدى.
بىرىنچى، بۇ، ئىككى دۆلەت ئۆز تەرەققىياتىدا ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويغان پەيتتىكى بىر قېتىملىق مۇھىم سۆھبەت. بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ى باشلانغان يىل، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز. بۇ يىل يەنە ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 250 يىللىقى. بۇ ئاچقۇچلۇق يىلدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بېيجىڭدا جەم بولۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سىرتقا مۇھىم ئۇچۇر تارقاتتى، ئۇ بولسىمۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن ئامېرىكىنى قايتا ئۇلۇغۋارلىققا ئىگە قىلىش بىر - بىرىگە دەخلى قىلمايدۇ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدۇ، دۇنياغا بەخت يارىتىدۇ.
ئىككىنچى، بۇ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغان پەيتتىكى بىر قېتىملىق مۇھىم سۆھبەت. بۇ قېتىمقى سۆھبەت بۇلتۇر 10 - ئايدا پۇساندا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىشى، شۇنداقلا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئارىسىدىكى ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇش ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇردى ۋە مۇستەھكەملىدى. ھازىر يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قالدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا «تۇسىدېد توزىقى»دىن ھالقىپ ئۆتۈپ، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئۆرنىكىنى يارىتالامدۇ - يوق؟ قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق قوشالامدۇ - يوق؟ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتالامدۇ - يوق؟ بۇ تارىخنىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى ئالدىدا، بىز دەۋر جاۋاب قەغىزىنى ئورتاق پۈتۈشىمىز كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوتقا ياخشى يول باشلاپ، رولنى ياخشى باشقۇرۇشى مۇقەررەر ھالدا خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
3. بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مول نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم سۆھبەت. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ھەم رەسمىي سۆھبەت ۋە قارشى ئېلىش زىياپىتى بار، ھەم كىچىك دائىرىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئېكسكۇرسىيە پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى توققۇز سائەتكە يېقىن ھەمتۈرتكە بولۇپ بىللە بولدى. ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش باشتىن - ئاخىر سۆھبەتكە سىڭگەن ئاساسىي رىتىم بولدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ «جۇڭگو - ئامېرىكا ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتى»نى بەرپا قىلىشقا قوشۇلغانلىقى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئورتاق تونۇش. بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى تەرەپ يەنە دىپلوماتىيە، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى، ئىقتىساد - سودا، سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت، ئادىمىيەت، قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىككى دۆلەت ئالاقىسىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
2. «جۇڭگو - ئامېرىكا ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتى»دىن ئىبارەت يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
ۋاڭ يى: سۆھبەتتە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭگو - ئامېرىكا ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتى»نى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسى قىلىشقا قوشۇلۇپ، كەلگۈسى ئۈچ يىل ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيە يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو تەرەپ مۇنداق قارايدۇ:
بۇ، ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان ئاكتىپ مۇقىم بولۇش بولۇشى كېرەك، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزئارا سىڭىشكەن، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان بولۇپ، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھەمكارلىشىش ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئېلىشىش ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق. قارشىلىشىش ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا ئۈچۈن مۇقەررەر بىر مەيدان ئاپەت، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا پايدىلىق نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.
بۇ، رىقابەت لايىقىدا بولغان ياخشى سۈپەتلىك مۇقىم بولۇش بولۇشى كېرەك، بىرى يېڭىلىپ بىرى يېڭىدىغان نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش بىلەن مەشغۇل بولماسلىق كېرەك. چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا رىقابەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، لېكىن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بارلىق مۇناسىۋىتىگە رىقابەت ئارقىلىق ئېنىقلىما بېرىشكە بولمايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا رىقابەت بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ياخشى سۈپەتلىك رىقابەت، ئۆزئارا بەسلىشىدىغان ئاكتىپ رىقابەت، قائىدىگە رىئايە قىلىدىغان ئادىل رىقابەت بولۇشى كېرەك. رىقابەتلىشىشتىكى مەقسەت ئۆزئارا ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت.
بۇ، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلىگىلى بولىدىغان نورمال مۇقىم بولۇش بولۇشى كېرەك، غالتەكلىك سىيرىلغۇچتەك كۆتۈرۈلۈپ - تۆۋەنلەپ تۇرسا بولمايدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىشى، بولۇپمۇ بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، باشتىن - ئاخىر بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ ئىجابىي كۆزلىمىسى ئارقىلىق ئۆز تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
بۇ، تىنچ، ئۈمىدكە تولغان ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان مۇقىم بولۇش بولۇشى كېرەك، توقۇنۇش، قارشىلىشىش ھەتتا ئۇرۇش يۈز بەرسە بولمايدۇ. تىنچ بىللە تۇرۇش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ توقۇنۇشى ۋە قارشىلىشىشىنىڭ ئاقىۋىتىگە ھېچكىم بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئاچقۇچ جۇڭگو - ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىغا رىئايە قىلىش، بىر - بىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىش، قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، ھەرقايسىسىنىڭ تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىشتا.
ئومۇمەن، «جۇڭگو - ئامېرىكا ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتى» بىر جۈملە شوئار ئەمەس، بەلكى ئىككى تەرەپ چىڭ تۇرىدىغان نىشان، ئورتاق قوللىنىدىغان ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئايدىڭلاشتۇرغان يۆنىلىشنى بويلاپ، بۇ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئۇنى كونكرېت سىياسەت ۋە ئەمەلىي تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئېچىشىمىز كېرەك.
3. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر ئالاقىسىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا قانداق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى؟
ۋاڭ يى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ مۇرەككەپ بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى «نېگىزلىك مۇقىملاشتۇرغۇچ». زۇڭتۇڭ تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى قېتىم سۆھبەتلىشىپ، بەش قېتىم تېلېفونلىشىپ، كۆپ قېتىم خەت ئالاقىسى قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ داۋالغۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت داۋامىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى داۋاملىق سۆھبەتلىشىش، تېلېفونلىشىش ياكى ئۆزئارا خەت ئەۋەتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق زىچ ئالاقىنى ساقلاشقا قوشۇلدى. زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ تەكلىپى بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىل كۈزدە ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇپ ئالاقىلىشىشى ئۈچۈن ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىپ، مۇۋاپىق كەيپىيات يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى توپلىشى كېرەك.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن، سىياسىي دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى بويىچە، جۇڭگو - ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد - سودا كوللېكتىپلىرى كۆپ قېتىم كېڭىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇردى، شۇنداقلا بازار كۆزلىمىسىنى تۇراقلاشتۇردى. سىياسىي دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىساد - سودىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مېخانىزم رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق تىزىملىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، مەسىلە تىزىملىكىنى قىسقارتىدۇ.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە ئېھتىياجلىق. بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، يەرلىك، سودا - سانائەت، ئىلىم - پەن، تاراتقۇ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە 2026 - يىللىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئۆزئارا قوللاشقا قوشۇلدى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلىرىنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كۆرگىلى بولىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
4. قانداق قىلغاندا سۆھبەت ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟
ۋاڭ يى: رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى خەلقتە، ئاساسى خەلق ئارىسىدا، كەلگۈسى ياشلاردا، ھاياتىي كۈچى يەرلىكتە. بۇ قېتىمقى سۆھبەت داۋامىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختالدى. رەئىس شى جىنپىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئالاقە توغرىسىدىكى ھېكايىنى مەخسۇس تىلغا ئېلىپ: 55 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا «تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى»نى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ 20 نەچچە يىل مۇز قاپلىغان دەرۋازىسىنى ئاچتى، بۇ، ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدىكى زور ئىش بولۇپ قالدى، دەپ كۆرسەتتى. زۇڭتۇڭ تىرامپمۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئالاقىلىشىش مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا خەلقى بىلەن جۇڭگو خەلقى بىر - بىرىدىن زوقلىنىدۇ، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ، دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە.
جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ «بەش يىلدا ئامېرىكىدىكى 50 مىڭ ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىش» مۇھىم تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ئىككى دۆلەتتىكى ھەر ساھەنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشى ۋە ئاكتىپ قاتنىشىشىغا ئېرىشتى. رەئىس شى جىنپىڭ تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكىلىق ياش - ئۆسمۈرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇشى، ئۆگىنىشىنى قارشى ئالدى. زۇڭتۇڭ تىرامپمۇ كۆپ قېتىم جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا بېرىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خىل قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇش ياشلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى تېخىمۇ ياخشى يارىتىدۇ.
زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تيەنتەننى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىكى بارلىق شەيئىلەر ئىناق ئۆتۈش، تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىش، زامانغا لايىقلىشىش ئىدىيەسىنى ھېس قىلدى. بۇ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇلۇغ دۆلەتنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، يەرلىك، كارخانا ئۆمەك - گۇرۇپپىلىرىنىڭ بېرىش - كېلىشى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. بۇ قېتىم نۇرغۇن ئامېرىكا كارخانىچىلىرى زۇڭتۇڭ تىرامپقا ھەمراھ بولۇپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى. زۇڭتۇڭ تىرامپ ئۇلارنى باشلىقلار سۆھبىتى نەق مەيدانىغا مەخسۇس تەكلىپ قىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسىسىنى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە بىر - بىرلەپ ئىلھاملاندۇردى، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى پەقەت بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، دەپ تەكىتلىدى. زۇڭلى لى چياڭ ئامېرىكا كارخانىچىلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى، كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك ھالدا جۇڭگو بازىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگودا كەسىپلەرنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى، بۇ، جۇڭگونىڭ يەنىلا ئامېرىكا كارخانىلىرى مەبلەغ سالىدىغان مۇنبەت تۇپراق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
ئومۇمەن، جۇڭگو - ئامېرىكا خەلقى ئارىسىدا كۆپرەك بېرىش - كېلىش قىلىش، كۆپرەك ئالماشتۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى. جۇڭگو تەرەپ ئىلگىرىكىدەكلا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجتىمائي ئاساسىنى پۇختىلاپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو - ئامېرىكا خەلقلەر ئارا دوستلۇق ھېكايىلىرىنى داۋاملىق پۈتىدۇ.
5. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەتلەشكەن مەزگىلدە تەيۋەن مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى، سىز ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ بېرەمسىز؟
ۋاڭ يى: بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە، تەيۋەن مەسىلىسى نۇقتىلىق قارالمىلارنىڭ بىرى. جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى ناھايىتى ئېنىق:
بىرىنچى، تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى. دۆلەتنىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان تارىخىي بۇرچى. چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ ئوخشاش بىر جۇڭگوغا تەۋە بولۇشى قەدىمدىن بۈگۈنگىچە بولغان پاكىت بولۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھەقىقىي ھازىرقى ئەھۋالى، شۇنداقلا 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو - ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۆتەشكە تېگىشلىك خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئىككىنچى، تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياخشى بىر تەرەپ قىلىنسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، ئىككى تەرەپ تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلىپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرالايدۇ. ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئىككى دۆلەت سۈركىلىشىپ، ھەتتا توقۇنۇشۇپ، پۈتكۈل جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ھەمدە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئۈچىنچى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقى. بۇ نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قەتئىي قوللىماسلىق ۋە ئۇنىڭغا يول قويماسلىق، چۈنكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بىلەن تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدۇ. بىز سۆھبەت داۋامىدا شۇنى ھېس قىلدۇقكى، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى چۈشىنىدۇ، جۇڭگو تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئوخشاش تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىققا قاراپ مېڭىشىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلمايدۇ ھەم قوبۇل قىلمايدۇ.
6. سۆھبەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا ساھەسىدە قانداق نەتىجە ھاسىل قىلدى؟
ۋاڭ يى: ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى، كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش بولۇپ، ئىختىلاپ ۋە سۈركىلىشكە يۈزلىنىپ، باراۋەر كېڭىشىش بىردىنبىر توغرا تاللاش يولى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا كوللېكتىپلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ، ئاكتىپ نەتىجە ھاسىل قىلدى، بۇ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق كېڭىشىشتە ھاسىل قىلىنغان بارلىق ئورتاق تونۇشنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سودا كېڭىشى ۋە مەبلەغ سېلىش كېڭىشى قۇرۇشقا قوشۇلۇش، بىر - بىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازار ئىجازىتى جەھەتتە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، باراۋەر باج تۆۋەنلىتىش رامكىسىدا قوش يۆنىلىشلىك سودىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىككى تەرەپنىڭ خىزمەت كوللېكتىپلىرى يەنىلا ئالاقىدار تەپسىلاتلار توغرىسىدا كېڭىشىۋاتىدۇ، نەتىجىلەرنى تېزدىن بېكىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورتاق ياخشى تۇتىدۇ.
7. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قايسى خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالدى؟
ۋاڭ يى: رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن باشتىن - ئاخىر خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ يەنە بىر قېتىم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىزچىل مەيدانىنى بايان قىلىپ، قورال كۈچى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، سۆھبەتلىشىشلا توغرا يول، دەپ تەكىتلىدى. سۆھبەت بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، لېكىن سۆھبەتلىشىش دەرۋازىسى ئېچىلغان ئىكەن، قايتا تاقالماسلىقى كېرەك.
جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا بىلەن ئىران ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق سۆھبەت ئارقىلىق يادرو مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىختىلاپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئۇرۇش توختىتىش ھالىتىنى ساقلاشنى تەشەببۇس قىلىش ئاساسىدا، خورمۇز بوغۇزىنى تېزدىن قايتا ئېچىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېڭىز بوغۇزى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى مەڭگۈلۈك، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، دەپ قارايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، ئۇرۇش ئوتىنى تېزدىن تىنچىتىش، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بۇ مەيدان ئۇرۇشنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاددىي چارىسى يوق، تىنچلىق سۆھبىتىنى بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقىرىش تەس. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، كىرىزىسنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: دەل رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئىككى دۆلەتتىكى 1 مىليارد 700 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى مۇجەسسەملەنگەن، دۇنيادىكى 8 مىلياردتىن ئارتۇق خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبىتىدە ھاسىل قىلىنغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى بىرلىكتە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو - ئامېرىكا ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتى»نى بەرپا قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ مېڭىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ يىراق كەلگۈسى نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولىنى ئورتاق تېپىپ چىقىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.