
5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭنەنخەيدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن كىچىك دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: تىرامپ يېتىپ كەلگەندە، شى جىنپىڭ قىزغىن كۈتۈۋالدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، سۈن يى) 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭنەنخەيدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن كىچىك دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ئەتىياز ئاخىرلىشىپ ياز باشلانغان چاغدىكى جۇڭنەنخەيدە، يېشىللىق تۈسى بارغانسېرى قويۇقلاشقان، ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەنىدى. تىرامپ يېتىپ كەلگەندە، شى جىنپىڭ قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ماڭغاچ پاراڭلاشتى، پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ، باغچىدىكى مەزمۇت ھەم ئېگىز ئۆسكەن قەدىمىي دەرەخلەرنى ۋە رەڭگارەڭ جۇڭگو ئەتىرگۈللىرىنى تاماشا قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى بىر قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك، بەلگە خاراكتېرلىك زىيارەت بولدى، بىز جۇڭگو - ئامېرىكا ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىنى ئورتاق بېكىتىپ، ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدۇق. زىيارەت قىلىش ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. بۇ يەنە بىر قېتىم شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ئاساسىدا تىنچ بىللە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى تېپىپ چىقىش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۈمىدى. زۇڭتۇڭ تىرامپ ئامېرىكىنى قايتا ئۇلۇغۋارلىققا ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، مەن جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىمەن. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىككى تەرەپ بىز ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىرقى تەستە قولغا كەلگەن ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مېنى جۇڭنەنخەيدە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ قېتىم جۇڭگودا قىلغان زىيارىتىم بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەت بولۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇنتۇلغۇسىز بولدى. ئىككى تەرەپ بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى شەكىللەندۈرۈپ، كۆپ تۈرلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق، بۇ، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا ئىنتايىن پايدىلىق. رەئىس شى جىنپىڭ مېنىڭ قەدىناس دوستۇم، مەن رەئىس شى جىنپىڭنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيمەن، بىز ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتتۇق. ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ناھايىتى مۇھىم، چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن داۋاملىق سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايمەن، ۋاشىنگتوندا رەئىس شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىشنى قىزغىن ئارزۇ قىلىمەن.
ئىككى تەرەپ يەنە بەزى رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
سەي چى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.