شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى مۇخبىرنىڭ 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 3 - نۆۋەتلىك 6 - تۈركۈمدىكى مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش ئومۇميۈزلۈك باشلانغان.
بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىشتا مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىدىن جەمئىي يەتتىسى تەشكىللەپ قۇرۇلغان، ئايرىم - ئايرىم ھالدا لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، شىزاڭ، شىنجاڭدىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە قارىتا نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ، كىرىپ ئورۇنلىشىش ۋاقتى بىر ئاي.
نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىدۇ. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ئالاقىدار تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. كىرىپ ئورۇنلاشقان مەزگىلدە، ھەرقايسى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىلىرى ئايرىم - ئايرىم ئالاقىلىشىش تېلېفونى ۋە پوچتا خەت ساندۇقى تەسىس قىلىپ، نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش جەھەتتىكى خەت، تېلېفون ئارقىلىق پاش قىلىشىنى قوبۇل قىلىدۇ.