شى جىنپىڭ بىرۇنېينىڭ تەخت ۋارىسى بىلا بىلەن كۆرۈشتى

2026-05-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرۋېن شىن) 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بىرۇنېينىڭ تەخت ۋارىسى بىلا بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرۇنېي يېقىن قوشنا دۆلەت، دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى ئىككى دۆلەتنى زىچ باغلىدى. جۇڭگو - بىرۇنېي ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. بۇلتۇر مەن سۇلتان خاسانئال بىلەن جۇڭگو - بىرۇنېي تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن بىرۇنېي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى. ئۆزگىرىش، قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - بىرۇنېي تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ى باشلانغان يىل، بىرۇنېي «2035 - يىل ئۇلۇغۋار ئارزۇسى»غا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە، ئىككى تەرەپ بۇنى بىرىكىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو - بىرۇنېي ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بىرىنچى، يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇپ، بىر - بىرىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئىككىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىيات ھەمراھلىرىدىن بولۇپ، مۇھىم بايراقدار ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئۆزئارا چۈشىنىدىغان - ئۆزئارا ئىناق ئۆتىدىغان مەدەنىي ھەمراھلاردىن بولۇپ، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. تۆتىنچى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىن بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز رايونىنى يۈز يىللىق ئۆزگىرىش داۋامىدا تىنچ، مۇقىم بولغان ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەن ئۈلگە ئېگىزلىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

بىلا سۇلتان خاسانئالنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. بىلا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىرۇنېينىڭ ئۇزاق مەزگىللىك دوستى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر. بىرۇنېي تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بېكىتكەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئارزۇسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قويۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، سودا، سېلىنما ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە خەلقئارا تەرتىپنى قوغداشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى، بىرۇنېي تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى − جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى رايونغا بەخت ئېلىپ كېلىدۇ، بىرۇنېي تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايوننىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.