شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى

2026-05-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارۋېن شىن،فېڭ شىنرەن) 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى.

خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ى باشلانغان يىل، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى مەۋقەنى 5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا. بۇ يىل يەنە ئامېرىكا مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 250 يىللىقى، 300 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكا خەلقى ۋەتەنپەرۋەرلىك، يېڭىلىق يارىتىش، يول ئېچىش روھىنى قايتىدىن ئۇرغۇتۇپ، ئامېرىكا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولماقتا. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقى ئوخشاشلا ئۇلۇغ خەلق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن ئامېرىكىنى يەنە بىر قېتىم ئۇلۇغۋارلىققا ئىگە قىلىش تامامەن بىر - بىرىگە دەخلى قىلمايدۇ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدۇ، دۇنياغا بەخت يارىتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 55 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا «تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى»نى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ 20 نەچچە يىل مۇز قاپلىغان دەرۋازىسىنى ئاچتى، بۇ، ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدىكى زور ئىش بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا نۇرغۇن ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىش ھېكايىلىرى ئارقىلىق دوستلۇق داستانلىرى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقىلماقتا. يېڭى ۋەزىيەتتە، مەن زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ ۋە تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. بىز بىردەك مۇنداق قارىدۇق: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، پەقەت ياخشىلاشقىلا بولىدۇكى، يامانلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ئىككى دۆلەت ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئېلىشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق، رەقىبلەردىن ئەمەس، بەلكى ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. بىز جۇڭگو - ئامېرىكا ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدۇق، بۇ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ تىنچلىق، گۈللىنىش، ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش - ئاشۇرالماسلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىش - قىلالماسلىقىدىكى ئاچقۇچ. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئىككى دۆلەتتىكى 1 مىليارد 700 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى مۇجەسسەملەنگەن، دۇنيادىكى 8 مىلياردتىن ئارتۇق خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. بىز بۇ تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوتنىڭ توغرا يولنى بويلاپ مۇقىم ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشۇمنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بۈگۈن گۈزەل بىر كۈن بولدى، بۇ، بىر قېتىملىق مۇھىم زىيارەت، ئىككى تەرەپ ئاكتىپ ۋە ئىجابىي سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. ئامېرىكا خەلقى بىلەن جۇڭگو خەلقى بىر - بىرىدىن زوقلىنىدۇ، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ، دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئۈچۈن گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشى كېرەك.

لى چياڭ، سەي چى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار زىياپەتكە قاتناشتى.