شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئانانى بىلەن كۆرۈشتى

2026-05-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرۋېن شىن) 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئانانى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، شۇنداقلا دۇنياۋى مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن پائال رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى پائال قوللايدۇ، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، دۇنياۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىش قىلدى. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمى ئۆزگەرمىدى، لېكىن سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى، زومىگەرلىك، يەككە تەرەپچىلىك قايتا باش كۆتۈرۈپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قالدى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي ئەمەلدە كۆرسىتىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزىنى قوللايدۇ ۋە قوغدايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنى مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىسقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئوچۇق ئىلىم - پەن، رەقەملىك مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر ئارا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئىناق بىللە ئۆتۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئانانى مۇنداق بىلدۈردى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. مەن ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سۆھبەتلىشىش - ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2014 - يىلى زىيارەتكە بارغاندا سۆزلىگەن مۇھىم نۇتقى ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمىزدە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.