□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما جويەن
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
بۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇلتۇر 10 - ئايدا پۇساندا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم يۈزتۇرا ئۇچرىشىشى، شۇنداقلا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى بىر يىلدا، مەن سىز بىلەن جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىپ، چوڭ ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى خالايمەن.»
جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تۈرلۈك داۋالغۇشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسى باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ» بولۇپ، تەڭداشسىز ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.
2025 - يىلى 1 - ئايدا، 6 - ئايدا، 9 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچ قېتىم تىرامپ بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا قارىتا مۇھىم كۆرسەتمە بەردى.
2025 - يىلى 10 - ئايدا، كورېيە پۇساندا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ تىرامپ ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتۈپ يەنە كۆرۈشتى، بۇ يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۈزتۇرا ھەمتۈرتكە بولۇشى. ئىككى رەھبەر 100 مىنۇتتىن ئارتۇق چوڭقۇر پاراڭلاشتى.
«ئىككى تەرەپ چوڭ ھېسابات قىلىشى، ھەمكارلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىراق كەلگۈسى مەنپەئەتنى كۆپرەك كۆرۈشى كېرەك» «سۆھبەتلىشىش تىركىشىشتىن ياخشى» «بۈگۈنكى دۇنيادا يەنە نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەر بار، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئورتاق نامايان قىلسا بولىدۇ»... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ قىلغان چوڭقۇر بايانى دۇنياۋى داھىينىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى، تەمكىنلىكى ۋە كەڭ قورساقلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.
پۇسان سۆھبىتىدىن كېيىن، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ياخشىلىنىپ، ئىككى دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇلتۇر 11 - ئاي ۋە بۇ يىل 2 - ئايدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئىككى قېتىم تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق رول تۇتۇپ يول باشلىدى.
بۇ يىل، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا نۇرغۇن مۇھىم قارالمىلىرى بار، جۇڭگو «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئالىدۇ، ئامېرىكا دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 250 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئىككى دۆلەت ئايرىم - ئايرىم ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ. ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەتكە بەخت يارىتىشىنى، دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا «ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئېلىشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق» بولۇش ئەمەلىيەت ئارقىلىق قايتا - قايتا دەلىللەنگەن ساۋات. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇقىم بولغان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دۇنياغا قىممەتلىك مۇقىملىق قوشۇشىغا تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ.
«باراۋەر بولۇش، ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش كېرەك» «سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك» «ھەمكارلىق تىزىملىكىنى ئۇزارتىش، مەسىلە تىزىملىكىنى قىسقارتىش كېرەك» «ياخشى ئىش كىچىك بولسىمۇ قىلىش، يامان ئىش كىچىك بولسىمۇ قىلماسلىق كېرەك»... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا توغرا يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىرى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى دۇنيا تارىخىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ئۆزىنىڭ ھەم دۇنيانىڭ ئومۇمىي ۋە كەلگۈسى مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقىغا ئۇيغۇن.
جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبىتى باشلىنىش پەيتىدە، دۇنيانىڭ نەزەرى بېيجىڭغا مەركەزلەشتى. كىشىلەر ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى تەرەپنىڭ تەستە قولغا كەلگەن مۇقىم ۋەزىيەتنى قوغداپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجابىي، مۇقىم بولغان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، 2026 - يىلىنى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم بولغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان بەلگە خاراكتېرلىك يىلغا ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)