شى جىنپىڭ شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىقى خىزمىتىنى دائىملىق ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى
فۇجيەن - نىڭشيا ھەمكارلىقى قاتارلىق پايدىلىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تەتبىقلاپ، رايونلار تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشتا پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىقى خىزمىتىنى دائىملىق ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىقى قانات يايدۇرۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا دائىملىق يار - يۆلەك بولۇشنى قانات يايدۇرىدىغان تۇنجى يىل. فۇجيەن - نىڭشيا ھەمكارلىقى قاتارلىق پايدىلىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تەتبىقلاپ، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ كەسىپلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، خادىملار ھەمتۈرتكە بولۇش، تېخنىكىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئىستىلدا ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت دائىملىق يار - يۆلەك بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىش ئەھۋالى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي پۇختا ساقلاپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، رايونلار تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشتا پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
مەملىكەتلىك شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىقى خىزمىتى يىغىنى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى نىڭشيا يىنچۇەندە ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، مەزمۇنى مۇپەسسەل ھەم چوڭقۇر، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىقىنى دائىملىق ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، جەزمەن چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، فۇجيەن - نىڭشيا ھەمكارلىقى قاتارلىق پايدىلىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تەتبىقلاپ، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ كەسىپ ھەمكارلىقى، ئەمگەك - مۇلازىمەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، قوش يۆنىلىشلىك كۈچ قوشۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يىغىندا شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىقى خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى، فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئايرىم - ئايرىم فۇجيەن - نىڭشيا ھەمكارلىقىغا دائىر تەجرىبە - ئۇسۇللارنى تونۇشتۇردى، بېيجىڭ شەھىرى، شاڭخەي شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، سىچۇەن ئۆلكىسى، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىندا سۆز قىلدى.
شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا قىسمەن ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.