
شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن پىڭراڭدىكى جىنشيۇشەن ئالىي مېھمانسارىيىدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇ ئۆتكۈزگەن كىچىك دائىرىلىك چۈشلۈك زىياپەتكە قاتناشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پىڭراڭ، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خاۋ ۋېيۋېي، ۋاڭ تيەنلياۋ) شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن پىڭراڭدىكى جىنشيۇشەن ئالىي مېھمانسارىيىدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇ ئۆتكۈزگەن كىچىك دائىرىلىك چۈشلۈك زىياپەتكە قاتناشتى.
سائەت 12دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى چۈشكەن جىنشيۇشەن ئالىي مېھمانسارىيىغا كېلىپ، سىم - سىم يامغۇردا بىرلىكتە توكلۇق ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ جىنشيۇشەن ئالىي مېھمانسارىيىنىڭ زىياپەت زالىغا باردى.
زىياپەت جەريانىدا، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
شى جىنپىڭ جىن جېڭئېننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتنى كۆڭۈل قويۇپ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، بىز چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە بولغان قىزغىنلىقى ۋە دوستلۇقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇق. مەن باش شۇجى جىن جېڭئېن بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق ھەم رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇق. جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى تېخىمۇ چوڭقۇر، ئومۇميۈزلۈك بولدى، كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى تېخىمۇ ئېنىق، روشەن بولدى. مەن باش شۇجى جىن جېڭئېن بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورتاق يېتەكلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا يېڭى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.
جىن جېڭئېن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، دۇنياغا چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاكتىپ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە مۇشۇ رايوننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چاۋشيەن تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ھاسىل قىلىنغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا يېڭى، ھەقىقىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.