قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە ئەلا جاۋاب قەغىزى پۈتۈش كېرەك

2026-06-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جاڭ ليەنشېڭغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى

قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە ئەلا جاۋاب قەغىزى پۈتۈش كېرەك

جاۋاب خەت

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى يولداش جاڭ ليەنشېڭ:

ياخشىمۇسىز! خېتىڭىزنى تاپشۇرۇۋېلىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. سىز ئەينى يىلى مەركىزىي زۇڭدۈي «4 - چوڭ ئەترەت»نىڭ تېلېگرافچىسى بولۇپ، ئۇرۇش ئىس - تۈتەكلىرى ئىچىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئەگىشىپ شىمالىي شەنشىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلىپ، خەۋەرلىشىش تېخنىكا ئىش ئورنىدا يىلتىز تارتىپ بىر ئۆمۈر جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردىڭىز، ياشانغان چېغىڭىزدىمۇ يەنىلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلدىڭىز، سىزگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

سىز خېتىڭىزدە، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، مەڭگۈ «4 - چوڭ ئەترەت»نىڭ ئەزاسى بولىمەن دەپسىز، بۇنىڭغا سەمىمىي، چوڭقۇر بولغان پارتىيەگە ئىشىنىش، پارتىيەنى سۆيۈش ھېسسىياتىڭىز مۇجەسسەملىنىپتۇ. يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلار قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى مۇساپىدە ئەلا جاۋاب قەغىزى پۈتۈشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى پەيتىدە، سىزگە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن، تېنىڭىزگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىڭىزغا بەخت تىلەيمەن!

شى جىنپىڭ

2026 - يىلى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 102 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جاڭ ليەنشېڭغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىز ئەينى يىلى مەركىزىي زۇڭدۈي «4 - چوڭ ئەترەت»نىڭ تېلېگرافچىسى بولۇپ، ئۇرۇش ئىس - تۈتەكلىرى ئىچىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئەگىشىپ شىمالىي شەنشىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلىپ، خەۋەرلىشىش تېخنىكا ئىش ئورنىدا يىلتىز تارتىپ بىر ئۆمۈر جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردىڭىز، ياشانغان چېغىڭىزدىمۇ يەنىلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلدىڭىز، سىزگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: سىز خېتىڭىزدە، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، مەڭگۈ «4 - چوڭ ئەترەت»نىڭ ئەزاسى بولىمەن دەپسىز، بۇنىڭغا سەمىمىي، چوڭقۇر بولغان پارتىيەگە ئىشىنىش، پارتىيەنى سۆيۈش ھېسسىياتىڭىز مۇجەسسەملىنىپتۇ. يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلار قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى مۇساپىدە ئەلا جاۋاب قەغىزى پۈتۈشى كېرەك.

مەركىزىي زۇڭدۈي «4 - چوڭ ئەترەت» ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋە ماۋ جۇشىغا ئەگىشىپ شىمالىي شەنشىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلغان خىزمەت ئەترىتى بولۇپ، ئاخبارات - خەۋەر ئالاقىسىگە مەسئۇل ئىدى. يېقىندا، يولداش جاڭ ليەنشېڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، «4 - چوڭ ئەترەت»تىكى ئىنقىلابىي خىزمەت كەچۈرمىشىنى ئەسلەپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش قەتئىي ئېتىقادىنى بىلدۈردى.