□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋېي گۇەنيۈ
«1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى، نەنخۇ كۆلى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلىرىگە سەمىمىي جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىلىم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىرادە ۋە پەزىلىتىنى تاۋلاپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قىزىل پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ، يېڭى مۇساپىدىكى تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى ھەم ئۇلارنىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىچىك دوستلارنىڭ بايرىمىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يازغان پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بارلىققا كەلگەن جاي − شاڭخەي ۋە جېجياڭ جياشىڭدىن كەلگەن. 2017 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنى باشلاپ مەخسۇس ئىككى جايغا بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي ۋە نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇش تارىخىنى ئەسلەپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئالىيجاناب روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ھەر ۋاقىت ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقنى تەكىتلىدى.
قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان كەڭ ئۆسمۈر - بالىلاردىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى.
10 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇن» ھارپىسىدا داچېنداۋ ئارىلىدىكى پېشقەدەم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئەۋلادلىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى تەيجوۋ شەھىرىنىڭ جياۋجياڭ رايونىدىكى 12 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى داچېنداۋ ئارىلى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، ياخشى ئۆگىنىش، پەزىلىتىنى تاۋلاشقا ئىلھاملاندۇردى؛ بەش يىل ئىلگىرى، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدا، باش شۇجى «1 - ئىيۇن» ھارپىسىدا جياڭسۇ ئۆلكىسى خۇەيئەن شەھەرلىك شىنئەن باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى پىيونېرلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسىنى چىڭىتىشقا ئىلھاملاندۇردى؛ بۇ يىل پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم بالىلارغا «ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى... چوڭقۇر تارىخىي ئەسلىمىلەر مۇجەسسەملەنگەن بۇ پەيتلەرنىڭ ھەممىسى كەڭ ئۆسمۈر - بالىلارنى غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلەيدىغان قىممەتلىك پۇرسەت.
بۇ قېتىم قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بالىلارنىڭ «پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، چېنىقىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئېرىشكەنلىكى»دىن ئىنتايىن خۇشال بولدى، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى سۆزىدە ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
قىزىل بايلىق پارتىيەمىزنىڭ جاپالىق، شۇنداقلا شانلىق كۈرەش مۇساپىسىنىڭ گۇۋاھچىسى، ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق؛ قىزىل مەيدان - سارايلار، قىزىل كۆرگەزمىلەر جانلىق ئىدىيەۋى - سىياسىي چوڭ دەرسخانا. بۇ يىل ئەتىيازدا خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ 4 - ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شيۇڭئەن مەكتەپ رايونىغا كېلىپ، سىنىپقا كىرىپ، بالىلارنىڭ «خۇاڭخې دەرياسىغا مەدھىيە»نى دېكلاماتسىيە قىلىشىنى كۆردى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئوتى ئىچىدە ئىجاد قىلىنغان «خۇاڭخې دەرياسىغا مەدھىيە» زامان - ماكاندىن ھالقىغان كۈچ تارقىتىپ، «چوڭ ئەدەبىيات دەرسى» «چوڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس»نىڭ مەنىۋى ئوزۇقىغا ئايلاندى.
ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە «پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قىزىل پەرزەنتلىرى»نى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەنى قانداق قىلىپ ياخشى ئىشلەشكە باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى: «قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، ياش - ئۆسمۈرلەرگە بولغان ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك» «ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە <كىچىك دەرسخانىسى> بىلەن جەمئىيەت <چوڭ دەرسخانىسى>نى ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇش كېرەك»...
ئۆسمۈر - بالىلار قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىدىغان كەلگۈسى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇپ، ئەتراپلىق يېتىلىشكە، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم قايتۇرغان جاۋاب خېتىگە ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشىغا بولغان ئۇزاق مەزگىللىك ئويلىنىشى مۇجەسسەملەنگەن، بۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بالىلاردىن كۈتكەن ئۈمىدى بىلەن ئىزچىل بىردەك.
كىچىك دوستلارغا «ئىمتىھان نەتىجىسى پەقەت بىر تەرەپ، ئالدى بىلەن ساغلام ئادەم بولۇپ، كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىش كېرەك» دەپ تاپىلىدى؛ پايتەختتە خالىسانە كۆچەت تىكىشكە قاتناشقاندا، پىيونېرلارنى «بىلىمنى سۆيۈپ، ئەمگەكنى سۆيۈپ، تەبىئەتنى سۆيۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلىش»كە ئىلھاملاندۇردى؛ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ئۆمەك، گۇرۇپپىلارغا بارغاندا، «بىزنىڭ مائارىپىمىز 5000 يىللىق جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئېسىل جەۋھەرلەرنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە غەربنىڭ مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنىمۇ تاشلاپ قويماسلىقى، ھەقىقىي تۈردە ياش - ئۆسمۈرلەرنى <تۆت ئىشەنچ>كە ئىگە بالىلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى.
«پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قىزىل پەرزەنتلىرى» ۋەتەن بىلەن ئورتاق ئىلگىرىلەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مۇقەررەر ھالدا چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالالايدىغان تايانچ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، قىزىل گېن مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزىدۇ، قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)