− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خاۋ ۋېيۋېي، ياڭ يىجۈن، خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، خۇ زېشى
2026 - يىلى تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىپ، تاغ - دەريالىرى تۇتاش، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولىدىغان سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەتكە باردى −
6 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېننىڭ تەكلىپى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.
«ھۆرمەتلىك يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ، پىڭراڭ ئىزچىل سىزنى كۈتمەكتە.» «ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزىز مېھمان» كېلىشكىنى بويىچە يېتىپ كەلدى، باش شۇجى جىن جېڭئېن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ، چاۋشيەن تەرەپ ئۈچۈن «غايەت زور ئىلھام».
باش يازنىڭ شامىلىدا جەۋلان قىلىپ تۇرغان كۆركەم بايراقلار، ھەيۋەتلىك زەپەر دەرۋازىسى، كەڭ چيەنۋېي چوڭ كوچىسى، ھەيۋەتلىك جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارى... يەتتە يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە چاۋشيەنگە بېرىپ، بۇرۇنقى جايدا قايتا جەم بولۇپ يېقىملىق ھېس قىلدى، شۇنداقلا يېڭى قىياپەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ خۇشال بولدى. «قاتار - قاتار ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپتۇ، مۇشۇ يىللاردا، پىڭراڭدا نۇرغۇن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بوپتۇ.»
2025 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى جىن جېڭئېن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندىمۇ يۈرەك سۆزىنى ئېيتقانىدى: «بۇ ئالتە يىلدىن بۇيان جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات بوپتۇ، مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر ھاياجانلاندىم.»
جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن تەرەققىيات تېز سۈرئەتلىك يولىغا قەدەم قويدى، دۇنيادىمۇ زور ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەكتە. «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىغا 65 يىل بولغان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان پىڭراڭ سەپىرى قانداق مۇھىم ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدى؟
«بىز چاۋشيەنلىك يولداشلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ تېخىمۇ جۇلالىق دەۋر نۇرىنى چاقنىتىپ، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى - گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز.»
( 1 )
6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باسما مېيى پۇرىقى تارقىلىپ تۇرغان چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى» گېزىتى پىڭراڭ كوچىلىرىدىكى گېزىت تاختىسىغا ئېسىلدى.
گېزىتنىڭ باش بېتىگە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جاسارەت بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقايلى» دېگەن ئىمزالىق ماقالىسى بېسىلدى. شەھەر ئاھالىلىرى بەس - بەستە توختاپ، ئەستايىدىل ئوقۇدى. ئوخشاش بىر بەتكە بېرىلگەن دوستانىلىق ئۇرغۇپ تۇرغان باش ماقالىدە: «دۆلىتىمىز خەلقى جۇڭگو خەلقىگە بولغان قېرىنداشلارچە قىزغىن دوستلۇق ھېسسىياتى بىلەن، يولداش شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ» دەپ يېزىلغانىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى «تۇغقان يوقلىغاندەك دائىم بېرىپ كېلىش قىلىش» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىگەن. 2018 - يىلى باش شۇجى جىن جېڭئېن 100 كۈن ئىچىدە جۇڭگونى ئۈچ قېتىم زىيارەت قىلىشتىن 2019 - يىلى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى يېرىم يىل ئىچىدە ئۆزئارا زىيارەت قىلىشقىچە، يەنە بۇلتۇردىن بۇيان توققۇز ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئىككى قېتىم تارىخىي خاراكتېرلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكىچە... يېڭى دەۋردە بىر - بىرلەپ يېزىلغان ئېسىل داستانلار، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا...
ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزىز مېھمان، ئەڭ كاتتا ھۆرمەت.
21 ھۆرمەت موتوسىكلىتى يول بويى مۇھاپىزەت قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئولتۇرغان ئاپتوموبىل پىڭراڭ شۈنئەن خەلقئارا ئايروپورتىدىن شەھەر مەركىزىدىكى جىنرىچېڭ مەيدانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتە، باش شۇجى جىن جېڭئېن بۇ جايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچۈن كاتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرى جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ چوڭ سۈرىتى مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغانىدى. ياڭراق قارشى ئېلىش مۇزىكىسى، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن قارشى ئېلىشقا كەلگەن باش شۇجى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇ بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. توققۇز ئاق ئات بىر تەرەپتە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ جىمجىت تۇراتتى، قىزىل كىيىملىك چەۋەندازلار قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇراتتى، چاۋشيەن تەرەپ بۇ كاتتا ھۆرمەت ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭغا ئېھتىرام بىلدۈردى.
پارات مۇنبىرىنىڭ ئارقا تەرىپىدە، خەلق كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىش زالى نەپىس ھەم ھەيۋەتلىك ئىدى. ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى، يەر - جاھاننى لەرزىگە سالىدىغان ھۆرمەت توپى، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنىڭ 150 نەپەر ئەزاسى چاۋشيەن تىلىدا «يولداش شى جىنپىڭنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز» دەپ توۋلىدى. سەبىي بالىلارنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، رەڭگارەڭ شارلار كۆك ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، داتۇڭ دەرياسىدا فونتانلار قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرە ھاسىل قىلدى، قويۇق بايرام كەيپىياتى ھەممە جاينى قاپلىدى.
«مۇستەھكەم چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقى، ئىتتىپاقلىقى ياشىسۇن» «چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقى مەڭگۈ ياشنىسۇن »... يول - يول قىزىل پىلاكاتلار بىرلىكتە دوستلۇقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلدى. ئوقۇغۇچىلار، ئىشچىلار، دوختۇرلار، مەمۇرلار بار ئىدى... پىڭراڭدىكى ھەر ساھە ئامما بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، قوللىرىدا گۈلدەستە كۆتۈرۈپ، ئۆزلۈكىدىن كوچىلارغا چىقىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.
جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش تارىخقا نەقىشلەنگەن، شۇنداقلا قەلبلەرگە سىڭىپ كەتكەن.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پىڭراڭدىكى 27 سائەت، توققۇز مەيدان پائالىيىتىنىڭ كۈنتەرتىپى زىچ بولۇپ، ھەربىر مەيدان پائالىيەتتە باش شۇجى جىن جېڭئېن پۈتۈن مۇساپىلىك ھەمراھ بولدى. ئۆزى ئايروپورتقا بېرىپ قارشى ئالدى ۋە ئۇزىتىپ قويدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى چۈشكەن جايغا قايتقاندا ئۆزى ئۇزىتىپ باردى... تۈرلۈك ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا چىن قەلب، چىن ھېسسىيات مۇجەسسەملەندى.
ئاق تام، كۆك كاھىش، قۇشلار قانات قېقىپ تۇرغان شەكىلدىكى پېشايۋان، قارىغاي، ئارچىلار يېشىللىققا پۈركەنگەن، مۇلەن پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. خوشلىشىش ئالدىدىكى ئىللىق ئائىلە زىياپىتىدە جىنشيۇشەن ئالىي مېھمانسارىيىدىكى چاۋشيەن ئاھالىلەر تۇرالغۇسى ئۇسلۇبىدىكى زىياپەت بىناسى مەخسۇس تاللاندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چاۋشيەن تەرەپنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن باش شۇجى جىن جېڭئېنغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى: «بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، بىز چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە بولغان قىزغىنلىقى ۋە دوستلۇقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇق.»
ئالىي رەھبەرلەرنىڭ دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلىشى جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى. ھەر قېتىمدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ھەر مەيداندا سەمىمىي ھەمتۈرتكە بولدى، ئىشەنچ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، دوستلۇق بارغانسېرى قويۇقلاشتى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى تېخىمۇ ئېنىق، روشەن بولدى.
6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جىنشيۇشەن ئالىي مېھمانسارىيىنىڭ 1 - بىناسىدىكى سۆھبەت زالى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش شۇجى جىن جېڭئېن بىلەن بولغان رەسمىي سۆھبىتى ئەسلىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتتىن 20 نەچچە مىنۇت ئۇزارتىلدى.
يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تۆت تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى: يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك؛ خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش رىشتىسىنى چىڭىتىش كېرەك؛ ئادىل، ھەققانىي بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىش كېرەك.
ئۈچ «ئۆزگەرمەسلىك» جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىزچىللىقىنى نامايان قىلدى: «مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش قەتئىي مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ، يولداش باش شۇجى جىن جېڭئېننىڭ چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشىنى قەتئىي قوللىشى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە ياخشى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش قەتئىي ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ.»
«يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم پىكرىگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، چاۋشيەن تەرەپنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى جۇڭگو تەرەپتىكى يولداشلار بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىدۇ.» باش شۇجى جىن جېڭئېن تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق بىلدۈردى: «بىز چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرىكىدەكلا دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بىرىنچى ئىستراتېگىيەلىك ئىشى دەپ بىلىپ، چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز.»
( 2 )
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پىڭراڭ سەپىرىدە «تارىخ» بىلەن «ئەنئەنە» كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۆز بولدى. ئىمزالىق ماقالىدە قاينام - تاشقىنلىق يىللاردىكى جەڭگىۋار دوستلۇق، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يولداشلارچە دوستلۇق ئەسلەپ ئۆتۈلدى؛ قارشى ئېلىش زىياپىتىدە ئورتاق غايە - ئېتىقادقا ئەمەل قىلغان ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلىرى ياد ئېتىلدى...
تارىخقا بولغان چوڭقۇر ئەسلىمە باش شۇجى جىن جېڭئېندا كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى: «چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدىلىكى بىزنىڭ بىر - بىرىمىزگە قوشنا بولغانلىقىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى ئىككى تەرەپنىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇق ۋە ئورتاق غايە - ئېتىقادقا ئىگە بولغانلىقىمىزدا ھەم بۇنى ئۆزئارا قەدىرلەيدىغانلىقىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىمىزدا.»
پۇتۇڭجياڭ دەرياسى بويىدا نېئون چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، پىڭراڭ تەنتەربىيە سارىيى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەنىدى، جۇڭگو ناخشىسى «ۋەتەنگە مەدھىيە» بىلەن چاۋشيەن ناخشىسى «شانلىق ۋەتەن» گىرەلىشىپ ياڭرىدى. 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلانغان بىر مەيدان ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى دوستلۇقنىڭ يېڭى مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.
جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارغا ھەسسىلەپ يېقىملىق تۇيغۇ بېغىشلىغان «يەسىمەنگۈلى»، چاۋشيەن خەلق ئاممىسىغا تونۇشلۇق بولغان «قىزىل بايراق جەۋلان قىلماقتا»، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى ۋە خەلقىنىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان دوستلۇقىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلگەن «چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقى مەڭگۈ ياشنىسۇن»، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەدھىيەلەنگەن «يېڭى مەنزىل»... ھەربىر تەسىرلىك مېلودىيە جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ «چوڭقۇر تارىخىي جۇغلانمىسى، پۇختا سىياسىي ئاساسى، مۇستەھكەم ھېسسىيات رىشتىسى»نى نامايان قىلىپ، «ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى» ئىكەنلىكىنى جانلىق ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.
جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارغا بوشلۇقتىكى ئۇچار ئادەم ئويۇنىنى تەقدىم قىلغان چاۋشيەن دۆلەتلىك سېرىك ئۆمىكى بۇلتۇر كۈزدە جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو ۋۇچياۋ خەلقئارا سېرىك سەنئەت بايرىمىغا قاتنىشىپ، مۇسابىقىدىكى ئالىي مۇكاپات بولغان ئالتۇن شىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى.
ئادىمىيەت جەھەتتە يېقىن ئۆتۈش بېرىش - كېلىشنى يېقىنلاشتۇرىدۇ. پۇختا قەدەمدە يۈكسىلىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسىدىن كۈنسېرى جانلىنىۋاتقان چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا قىلىش بازىرى سودا رايونىغىچە؛ چاۋشيەن ياشلىرىنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىزغىنلىقىدىن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ چاۋشيەنگە بېرىپ ئوقۇش سەپىرىگىچە... بىر مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگو - چاۋشيەن ئالاقىسىدە يارقىن نۇقتىلار ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى.
زىيارەت داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «چېگرا پورتلىرىدا قاتناشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلق ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانى ۋە خەلقئارا يولۇچىلار پويىزىنىڭ تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» قاتارلىق ئەمەلىي ھەمكارلىقلاردىكى يېڭى ئىلگىرىلەشلەر ئۈستىدە توختالدى. باش شۇجى جىن جېڭئېن چوڭقۇر ھاياجانلاندى: «بۇلتۇر 9 - ئايدا مەن باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بېيجىڭدا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەرقايسى ساھەلەردە جانلىنىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى.»
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى ئوخشاشلا ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بولۇپ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەختى، خاتىرجەملىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا.
جۇڭگوغا قارايدىغان بولساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پات ئارىدا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭگو خەلقى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن ياراتماقتا.
چاۋشيەنگە قارايدىغان بولساق، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 9 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەزگىلىنى ئاچتى.
«پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش»نىڭ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى سالمىقى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى.
زىيارەت مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ باش شۇجى جىن جېڭئېن بىلەن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى: «سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەت سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىش كېرەك.»
باش شۇجى جىن جېڭئېن سەمىمىي ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى: «پارتىيەلەر ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش يوللىرى ئارقىلىق تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، چاۋشيەن تەرەپنىڭ سوتسيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، چاۋشيەن خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقى بىلەن بىرلىكتە زامانىۋىلىشىش يولىدا مېڭىشىغا ياردەم بېرىدۇ.»
چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى كادىرلار مەكتىپىدە ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇش مەناسى چوڭقۇر ئورۇنلاشتۇرۇش بولدى.
بۇ مەكتەپ مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى يېقىندىلا تەبرىكلىگەن بولۇپ، يېڭى ئورنى بۈك - باراقسان جىنشيۇشەن رايونىغا جايلاشقان، باش شۇجى جىن جېڭئېن كۆپ قېتىم بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى، باش شۇجى جىن جېڭئېن كۆپ قېتىم باش شۇجى شى جىنپىڭغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى بىرلىكتە 3 - بىنادىكى پەلەمپەيسىمان سىنىپقا كىردى، 300دىن ئارتۇق كۇرسانت «چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسىتى» دەرسىدىكى «سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتى» توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىۋاتاتتى. كۇرسانتلارنىڭ ئالدىدىكى كومپيۇتېر ئېكرانىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەمگەك خەۋەرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئىمزالىق ماقالىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن باش شۇجى جىن جېڭئېن قەدىمىنى توختىتىپ دەرس ئۆتۈش ئەھۋالىنى كۆردى، پات - پات بېشىنى لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلىدى.
ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى قولىغا گۈرجەك ئېلىپ توپا يۆلەپ، سۇ ئەكىلىپ سۇغىرىپ، ئوقۇتۇش بىناسى ئارىسىدىكى چىملىققا بىر تۈپ ئاق شەمشاد دەرىخى تىكتى. دەرەخنىڭ يېنىغا تاشتىن بىر بەلگە ئابىدىسى تىكلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا جۇڭگو تىل - يېزىقى ۋە چاۋشيەن تىل - يېزىقىدا «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقى مەڭگۈ ياشنايدۇ» دېگەن خەتلەر ئويۇلغانىدى.
ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرىنىڭ يېنىغا يىغىلدى، ئالقىش سادالىرى مەكتەپ قورۇسىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.
( 3 )
پىڭراڭ شەھەر رايونىدىكى مۇدەن چوققىسى ئېتىكىدە، ياپيېشىل قارىغاي ۋە ئارچىلار ئارىسىدا دوستلۇق ۋە تىنچلىق ئابىدىسى ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەتتە يىلدىن كېيىن بۇ جايغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنى زىيارەت قىلدى.
پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر ھەيۋەتلىك ئابىدە خېتىنى جۇلالاندۇرۇپ تۇراتتى: «سىلەر قالدۇرغان ئۆچمەس تۆھپىلەر، چاۋشيەن - جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىنتېرناتسىيونالىزملىق دوستلۇقى گۈللەپ ياشنىغان بۇ تۇپراقتا مەڭگۈ نۇر چاچىدۇ.»
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاستا قەدەم بىلەن سۇپىغا چىقىپ، ئالدىغا مېڭىپ گۈل سېۋىتىنىڭ لېنتىلىرىنى رەتلىدى، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى، سۈكۈتكە چۆمدى.
دوستلۇق مۇنارى خاتىرە زالىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2019 - يىلى زىيارەت قىلغاندا يېزىپ بەرگەن «قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتەيلى» دېگەن بېغىشلىما كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇلغانىدى. 2021 - يىلى، باش شۇجى جىن جېڭئېن دوستلۇق مۇنارىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى، بۈگۈنكى كۈندە يېپيېڭى تۈستە نامايان بولدى.
«ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، يۇرت ۋە ۋەتەننى قوغداش» «ئىسسىق قېنى بىلەن يۇغۇرۇلغان جەڭگىۋار دوستلۇق» «ھايات - ماماتتا بىللە بولغان، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولغان ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى، خەلقى»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۆرگەزمە رايونىدا، باش شۇجى جىن جېڭئېن باش شۇجى شى جىنپىڭغا بىر - بىرلەپ تونۇشتۇردى. يۈنشەندىكى زور غەلىبە، چاڭجىنخۇ جېڭى، شاڭگەنلىڭ ئۇرۇشىنىڭ تارىخىي سۈرەتلىرى ئالدىدا، پېڭ دېخۇەي، ياڭ گېنسى، چيۇ شاۋيۈن قاتارلىق 12 نەپەر «چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قەھرىمانى»نىڭ ئىش ئىزلىرى، قىسقىچە تونۇشتۇرۇشى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ ئۇزاققىچە تۇردى.
رېمونت قىلىنغاندىن كېيىنكى گۇيساڭدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ سۈرىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىققىتىنى تارتتى. قىزىل تۈۋرۈك، يېشىل كاھىشلىق بىر جۇڭگوچە ئۇسلۇبتىكى ئالتە بۇرجەكلىك شىپاڭدا، «مەڭگۈ ھايات» دېگەن خەتلەر ئويۇلغان تاش ئابىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە باش شۇجى جىن جېڭئېننىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، گۇيساڭ قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇن پىدائىي قىسىمدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقلىرى قايتىدىن نۇر چاچتى.
بۇ قېتىمقى پىڭراڭ سەپىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە باش شۇجى جىن جېڭئېن بىردەك مۇنداق قارىدى: ئىككى تەرەپ پىدائىي قىسىمدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى ئورتاق ياخشى قوغداپ، مول، ئۆزگىچە ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇلۇغ جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك.
ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن، تىنچلىق ئۈچۈن «ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر» جىسمى ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە تىرەك بولۇپ، ئىسسىق قېنى بىلەن تىنچلىق گۈللىرىنى سۇغاردى. ئاجىزلار كۈچلۈكلەرنى يەڭگەن ئاشۇ «دۆلەتنى مۇستەھكەملەش ئۇرۇشى» جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى، شۇنداقلا 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئاسىيا ھەتتا دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ياراتتى.
1961 - يىلى، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى»نى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن يۇغۇرۇلغان جەڭگىۋار دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك دوستانە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم سىياسىي، قانۇن ئاساسى سالدى. بۇ يىل شەرتنامە ئىمزالانغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككى تەرەپ داغدۇغىلىق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.»
جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، تىنچلىقنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بىلىدۇ.
6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچتە، پىڭراڭدىكى مۇلەن سارىيىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، باش شۇجى جىن جېڭئېن باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. زىياپەت ئۈستىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تىنچلىق كەپتىرىنىڭ پەرۋاز قىلىۋاتقان ھەيكىلى ناھايىتى جانلىق كۆرۈنەتتى.
سۆزگە چىققاندا، باش شۇجى جىن جېڭئېن مۇنداق بىر ئابزاس سۆز قىلدى: «يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە قىلغان بۇ قېتىمقى زىيارىتى يېڭى دەۋردىكى چاۋشيەن - جۇڭگو دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرىدىغان، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشىدىغان بىر چوڭ ئىش بولۇپ قالىدۇ.»
جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقى ئۈچۈن كەلدى، شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن كەلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بىز دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش - ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق قوغداپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇشىمىز، مىلىتارىزمنى تىرىلدۈرىدىغان، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بارلىق سۇيىقەست ۋە قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.»
باش شۇجى جىن جېڭئېن قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى ۋە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى.» «چاۋشيەن تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغداش سىياسىتى ۋە مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ.»
6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، يامغۇر توختاپ ھاۋا ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان پىڭراڭ شۇنئەن خەلقئارا ئايروپورتىدىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى. باش شۇجى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇ پىڭراڭدىكى نەچچە مىڭ ئامما ۋە ئۆسمۈر - بالىلار بىلەن بىللە ئۇزىتىش ئۈچۈن كېلىپ، ئۇزاققىچە قول پۇلاڭلاتتى.
بوشلۇقتىن تۆۋەنگە قارىغاندا، دەل دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بولۇپ، ئېتىزلار يېڭىدىن يېشىللىققا پۈركەنگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)