
شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنى زىيارەت قىلدى. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇ ھەمراھ بولدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پىڭراڭ، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جۇڭفا، جۇ جىچەي) شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنى زىيارەت قىلدى. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇ ھەمراھ بولدى.
سائەت 10دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ مۇدەن چوققىسى ئېتىكىگە جايلاشقان جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىغا يېتىپ كەلدى، جىن جېڭئېن ۋە لى شۆجۇ كۈتۈۋالدى. چاۋشيەن ھەربىي ئوركېستىرى جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى. مۇراسىم ئەسكەرلىرى گۈل سېۋىتىنى ئاستا - ئاستا سۇپىغا ئېلىپ چىقتى. گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارغا «جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار مەڭگۈ ھايات» دەپ يېزىلغانىدى. شى جىنپىڭ ئاستا قەدەم بىلەن سۇپىغا چىقىپ، گۈل سېۋىتىنىڭ لېنتىسىنى رەتلەپ قويدى. بارلىق خادىملار جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى. سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش ئاخىرلاشقاندا، شى جىنپىڭ بىلەن جىن جېڭئېن ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا دوستلۇق مۇنارى خاتىرە زالىغا كىردى. جىن جېڭئېن شى جىنپىڭغا دوستلۇق مۇنارى ئىچىدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ چاۋشيەن خەلقى بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ قان كېچىپ جەڭ قىلغانلىقى، بىرلىكتە يۇرت - ماكاننى قايتا قۇرۇپ چىققانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تارىخىي ماتېرىياللار، سۈرەتلەر ۋە ماي بوياق رەسىم ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ ئۇزاققىچە تۇرۇپ، تەپسىلىي كۆردى. شى جىنپىڭ پىدائىي قىسىمدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىسىملىكىنى ئەستايىدىل ۋاراقلاپ كۆرۈپ، جىن جېڭئېنغا پىدائىي قىسىمدىكى قۇربان بولغان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
شى جىنپىڭ بىلەن جىن جېڭئېن بىردەك مۇنداق قارىدى: 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن بىرلىكتە جەڭ قىلغان يىللار ئىككى تەرەپنىڭ مەڭگۈلۈك تارىخىي ئەسلىمىسى، ئىككى تەرەپ پىدائىي قىسىمدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى ئورتاق ياخشى قوغداپ، مول، ئۆزگىچە ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇلۇغ جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.