شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مونتېنېگرو زۇڭتۇڭى مىلاتوۋىچ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - مونتېنېگرو ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 يىلدىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىپ، ئوخشاش بولمىغان چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ئۆتۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈلگىسىنى تىكلىدى. مەن زۇڭتۇڭ مىلاتوۋىچ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - مونتېنېگرو مۇناسىۋىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مىلاتوۋىچ مۇنداق بىلدۈردى: مونتېنېگرو بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ۋە چۈشىنىش ئاساسىدا دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى. مونتېنېگرو تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.