ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2026-07-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش - ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەريا ئېقىنى، كۆل، سۇ ئامبىرى، سۇغا ئالاقىدار قۇرۇلۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە ۋە تاغلىق رايوندىكى ئاھالە مەركەزلەشكەن نۇقتا، چارۋا بېقىش نۇقتىسى، زاۋۇت - كان قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئورۇنلارغا چىڭ قادىلىپ، تور يېيىش شەكلىدە بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە خەتەرنى تۈگىتىش، تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر ساقلانغان نۇقتىلىق رايوندىكى ئادەملەرنى يۆتكەپ خەتەردىن ساقلىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشنى ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلمىي، تۈجۈپىلىك ياخشى ئىشلەپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش بويىچە سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ياخشى ئىشلەش كېرەك. جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ماددىي ئەشيانى زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىپ، نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق قىلىش ۋە ئۇچۇر يوللاشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر - يېزا بىرتۇتاش پىلانلانغان، ئادىل، بىرلىككە كەلگەن، بىخەتەر، قېلىپلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ تەرتىپىنى ئىخچاملاپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان بىر تۈركۈم ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىش كېرەك. دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، مەركەز كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىش ئورنى ھازىرلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + ئىشقا ئورۇنلىشىش»تىن ئىبارەت رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق كۈچ قوشۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، دائىملىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىم ئىش ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، بېيىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: «خەلق تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىش، تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاش، قېلىپلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەبلەغ غەملەش ئۆلچىمى، تەمىنات ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، فوندلارنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، بېكىتىلگەن ئاپپاراتلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى بىرتۇتاش ياخشى ئىشلەپ، تۈزۈمنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە تۈرتكە بولۇپ، ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پەرۋىش ئاساسىي كاپالەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.