شى جىنپىڭ سېيشېل زۇڭتۇڭى ھېرمىنىر بىلەن جۇڭگو - سېيشېل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2026-07-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سېيشېل زۇڭتۇڭى ھېرمىنىر بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن سېيشېل باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىگە ئىشىنىپ، قەتئىي تۈردە ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، ئىككى دۆلەت دوستلۇقى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تەڭ ئىلگىرىلىگەندىلا، جۇڭگو - سېيشېل مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ داغدام يولى جەزمەن ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى جەزمەن تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ. مەن جۇڭگو - سېيشېل مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ھېرمىنىر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - سېيشېل ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

ھېرمىنىر مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، سېيشېل - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئاساسىدا مۇقىم راۋاجلاندى. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر سېيشېلنىڭ قىممەتلىك ھەمراھى، سېيشېل تەرەپنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ياخشىلاش، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۆپ مەدەت بەردى. سېيشېل تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، داۋاملىق تۈردە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.