شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋېنېزۇئېلادا كۈچلۈك يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى رودرىگۇزغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ۋېنېزۇئېلادا كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. جۇڭگو تەرەپ ۋېنېزۇئېلا تەرەپنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىشىنىمەنكى، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ۋېنېزۇئېلا خەلقى چوقۇم ئاپەت ئۈستىدىن بالدۇر غەلىبە قىلىپ، يۇرت - ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدۇ.