جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى

2026-07-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

(2026 - يىلى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى)

تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكى ئىگىدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش ئادا قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەبىئىي بايلىقتىن بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مەڭگۈلۈك پايدىلىنىش ۋە مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ھازىر تۆۋەندىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1. ئومۇمىي تەلەپ

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتكە ماسلىشىپ، تەبىئەتنى قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تەبىئىي بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك قوغداشنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سەپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكى ئىگىدارلىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بايلىق بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئاساسلىق نىشان: 2030 - يىلىغا بارغاندا، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئاساسىي گەۋدىسى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مۈلۈك ئاساسى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك قوغداش تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ، مۈلۈك تەقسىماتى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىنىپ، باھالاش - نازارەت قىلىش تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۈرلۈك تەبىئىي بايلىق مۈلكى ۋە بارلىق دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئۈنۈملۈك قوغدىلىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ. 2035 - يىلىغا بارغاندا، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنىڭ ئايلىنىشى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ.

2. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ ئاساسىنى ئېنىقلاش

(1) تەبىئىي بايلىقنى بىرتۇتاش تەكشۈرۈش، كۆزىتىش - ئۆلچەش، باھالاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. يەر، قېزىلما بايلىق، ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، سۇ بايلىقى، دېڭىز - ئوكيان، چۆللۈك قاتارلىق تۈرلۈك تەبىئىي بايلىق شۇنداقلا دۆلەت باغچىسى قاتارلىق دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى قاپلىغان، بىرتۇتاش تەكشۈرۈش ئۆلچەم سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. دۆلەت زېمىنىنى تەكشۈرۈش ۋە يىلدا يېڭىلاپ تەكشۈرۈش، تەبىئىي بايلىقنى مەخسۇس تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش - ئۆلچەش، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش - ئۆلچەش بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇلۇپ، دېڭىز - ئوكياننى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش سىستېمىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، چۆللۈكنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش - ئۆلچەش قاتارلىقلار ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تەبىئىي بايلىق ئاساسى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىنىدۇ. يېڭى تىپتىكى ئاساسىي ئۆلچەش - سىزىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، بىرلىككە كەلگەن زامان - ماكان ئۆلچىمى ئاساسىدا تەبىئىي بايلىقنى باشقۇرۇش ۋە دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنىڭ «بىر پارچە خەرىتە»سى تۈزۈپ چىقىلىدۇ. دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئاساسىي ئۇچۇر سۇپىسى ئاساسىدا تەكشۈرۈش، كۆزىتىش - ئۆلچەش، سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش، باھالاش كۈچەيتىلىپ، تەبىئىي بايلىقنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش - ئۆلچەش، باھالاش نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. تەكشۈرۈش، كۆزىتىش - ئۆلچەش خىزمىتىدە رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش تېزلىتىلىدۇ.

(2) تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ئېنىق تەكشۈرۈش، ئىستاتىستىكا قىلىش، ھېسابلاش تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. تەبىئىي بايلىقنى تەكشۈرۈش، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش، دەرىجىگە ئايرىپ، دەرىجىسىنى بېكىتىپ باھا قويۇش قاتارلىق نەتىجىلەردىن يۇغۇرۇپ قوللىنىلىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ئېنىق تەكشۈرۈش قەرەللىك قانات يايدۇرۇلۇپ، ئەمەلىي بۇيۇم مىقدارى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، قىممەت مىقدارىنى ھېسابلاش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ تېگى - تەكتى ئېنىقلىنىدۇ، ئىشلىتىش ھوقۇقى ئەھۋالى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ئېنىق تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى يىللىق يېڭىلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىلىپ، ئېنىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەھلىل قىلىش، قوللىنىش كۈچەيتىلىدۇ. ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ئىستاتىستىكا قىلىش تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلۈك - قەرز جەدۋىلىنى تۈزۈش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ ھەمدە دائىملىق تۈزۈش ئالغا سىلجىتىلىدۇ. تەبىئىي كاپىتالنى ھېسابلاشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.

3. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش

(3) تەبىئىي بايلىق مۈلكىدىن پايدىلىنىش نەرسە ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇق - مەنپەئەت سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. بايلىق ئومۇمنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇش، نەرسە ھوقۇقىنى قانۇندا بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنىپ ۋە قوغدىلىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىلەن ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئايرىشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مۇناسىپ ھوقۇق - مەنپەئەت مەزمۇنى ۋە يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، بايلىق تۈرلىرى گىرەلىشىپ ئۈستىلەنگەندە ھوقۇق ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنىلىدۇ. چوڭقۇر قاتلام يەر ئاستى بوشلۇقىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئايرىم تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، پىلانلاش، قوغداش ۋە پايدىلىنىش ئۇسۇلىغا ئۇيغۇنلاشقان يەر ئاستى بوشلۇقى ھوقۇق - مەنپەئەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. دۆلەت ئىلكىدىكى يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تەسىس قىلىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى يېزا ئىگىلىك يېرى ھوقۇق - مەنپەئەت سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. دېڭىزنى تىندۇرۇپ قۇرۇقلۇق بەرپا قىلىنغاندىن كېيىنكى دېڭىز تەۋەلىكىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئايلاندۇرۇش بويىچە جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئاھالىسىز دېڭىز ئارىلى ھوقۇق - مەنپەئەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ. سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىسلاھاتى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەرقايسى رايونلار ۋە تۈرلۈك سۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىش ھوقۇق - مەنپەئەت پاسىلى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ.

(4) تەبىئىي بايلىق ۋە كۆچمەس مۈلۈكنى بىرتۇتاش ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىدۇ. تەبىئىي بايلىق ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئېقىن، ئورمان، تاغ، ئوتلاق، قاقاسلىق، ساھىل، دېڭىز تەۋەلىكى، ئاھالىسىز دېڭىز ئارىلى ھەمدە زاپاس مىقدارى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىق قاتارلىق تەبىئىي بايلىق ۋە دۆلەت باغچىسى، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون، تەبىئىي باغچە (داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى بىرتۇتاش ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش ئالغا سىلجىتىلىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئاساسىي گەۋدىسى ۋە ھوقۇق تەۋەلىكى پاسىلى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ. كۆچمەس مۈلۈكنى بىرتۇتاش تىزىملاش ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرى مۇستەھكەملىنىپ، تىزىملاشنىڭ قېلىپلىشىش سەۋىيەسى ۋە قولايلىق بولۇش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. يېزا كوللېكتىپ يېرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تىزىملاش نەتىجىسىنى يېڭىلاش - قوللىنىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. ئورمان ھوقۇقى تۈرى، دېڭىز تەۋەلىكىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە ئاھالىسىز دېڭىز ئارىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دائىر كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلىنىدۇ. يەر تەۋەلىكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تېزلىتىلىپ، بىرلىككە كەلگەن مۈلۈك ھوقۇقى ئۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ.

4. تەبىئىي بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك قوغداشنى كۈچەيتىش

(5) تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ ھەم يېتەكلەش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك قوغداش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىش كۈچەيتىلىپ، تېرىلغۇ يەر ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش قىزىل سىزىقى قاتتىق ساقلىنىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى ۋە تۆۋەن چەك چەكلىمىسى كۈچەيتىلىپ، شەھەر - بازارلارنى ئېچىش پاسىلىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش چىڭىتىلىدۇ. دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، يەرنى ئارىلاش ئېچىش، بوشلۇقتىن بىرىكمە پايدىلىنىش ۋە يەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق ئالماشتۇرۇش ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ئاساسىي گەۋدە ئىقتىدار رايونى تۈزۈم سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ھەرقايسى جايلار مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇش، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىنىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ قىممىتى تولۇق قېزىلىدۇ ۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. تەبىئىي بايلىقتىن ئېچىپ پايدىلىنىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سىستېمىلىق تۈزەش كۈچەيتىلىپ، بازارلاشقان، كۆپ خىللاشقان سېلىنما مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بايلىق ھوقۇق - مەنپەئەت كۆرسەتكۈچىنى بازارلاشتۇرۇپ سودا قىلىش مېخانىزمى، چوڭ قۇرۇقلۇق تەبىئىي قىرغاق لىنىيەسىنى ئىگىلەش بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مېخانىزمى، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى ئىچىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنى بوشىتىش - قايتۇرۇش كۆرسەتكۈچى سودىسىغا ئىلھام بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، قوغداش تەننەرخىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىش، ئېكولوگىيە ئۈنۈمىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

(6) تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى زاپاس ساقلاش، باشقۇرۇش - قوغداش مېخانىزمى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. يەرنى زاپاس ساقلاشنى دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسى بېكىتىلمىگەن بارلىق دۆلەت ئىلكىدىكى قۇرۇلۇش يېرى زاپاس ساقلاش - باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ئۇنىۋېرسال يىغىپ ساقلاشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى زاپاس ساقلاش پىلانى تۈزۈلۈپ، زاپاس مۈلۈكنى باشقۇرۇش - قوغداش تۈرگە ئايرىپ يولغا قويۇلۇپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان تەبىئىي بايلىق مۈلكىگە قارىتا ئاساسلىقى دائىملىق باشقۇرۇش - قوغداش يولغا قويۇلىدۇ، تىجارەت خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان تەبىئىي بايلىق مۈلكىگە قارىتا زۆرۈر ئالدىنقى مەزگىللىك ئېچىش ۋە ۋاقىتلىق پايدىلىنىشقا بولىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى كەسپىي يۈرۈشتۈرۈش ئاپپاراتى، دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانچىلىق ياكى دېھقانچىلىق تىجارەت ئورۇنلىرى قاتارلىق شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ مۇئەييەن تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش - قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.

5. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سەپلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش

(7) تەبىئىي بايلىق مۈلكى بازىرىنىڭ تۈزۈمى ۋە قائىدىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ئاجرىتىپ بېرىش، ھەقلىق بېرىش، ئىجارە بېرىش، باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ قىلىپ قوشۇش (پاي قوشۇش)، بىرلىشىپ تىجارەت قىلىش ۋە ھۆددە ئېلىپ تىجارەت قىلىش قاتارلىق سەپلەش قائىدىلىرى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ئورنىتىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى سەپلەشكە ئالاقىدار توختام مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە مەجبۇرىيىتى، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەم پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ. دۆلەت ئىلكىدىكى يېزا ئىگىلىك يېرىنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىلىنىدۇ. كانچىلىق ھوقۇقىنى رىقابەتلەشتۈرۈپ ھەقلىق بېرىش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىدۇ، كېلىشىملىك ھەقلىق بېرىش قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ. دېڭىز تەۋەلىكىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بازارلاشتۇرۇپ سەپلەش نىسبىتى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلىدۇ. سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى سودا بازىرى يېتىلدۈرۈلىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى دەرىجىگە ئايرىپ، دەرىجىسىنى بېكىتىپ باھا قويۇش قائىدىسى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە تۈزۈلۈپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكى باھا سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكى سودىسى مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بازارنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، بازار ئىناۋەت سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكى بازىرىنىڭ تەرتىپى قوغدىلىدۇ.

(8) تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى سەپلەش يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى يولى بەرپا قىلىنىدۇ. خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى سەپلەش لايىھەسى تۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىلىنىپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق، تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلۈكنى پەرقلەندۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىدا زاپاس رايون، سەپلەش بۆلىكىنى بېكىتىش، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى زاپاس ساقلاش، سەپلەش، قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پايدىسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، مۈلۈك بىرىكمە نىشانى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى سەپلەش لايىھەسى بىلەن دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى ماسلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، تەپسىلىي يىرىك پىلاندىكى يەر ۋە بوشلۇقنىڭ ئىشلىتىلىش خاراكتېرى، ئېچىش سىجىللىقى قاتارلىقلارغا دائىر تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈلۈپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى سەپلەشنىڭ كۆلىمى، ئىشلىتىش ئورنى، قۇرۇلمىسى، ھالىتى، شەكلى، ۋاقىت تەرتىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ ھەم ئىنچىكىلەشتۈرۈلىدۇ. كۆپ ئامىللىق تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى گۇرۇپپىلاشتۇرۇپ سەپلەش قائىدىسى ۋە باھا قويۇش تېخنىكا سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن دۆلەت زېمىن بوشلۇقى دائىرىسى ئىچىدىكى ئوخشاش بىر ئىشلىتىش ئاساسىي گەۋدىسىگە چېتىلىدىغان كۆپ خىل تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشلەتمەكچى بولسا، قانۇن بويىچە گۇرۇپپىلاشتۇرۇپ سەپلەشنى يولغا قويۇشقا بولىدۇ. ھەرخىل تۈردىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ ئىشلىتىلىش شەرتى، ئېچىش تەلىپى، باشلىنىش باھاسى، پايدىنى ھېسابلاش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلىپى قاتارلىقلار گۇرۇپپىلاش نىشانى بويىچە سەپلەش لايىھەسىگە كىرگۈزۈلۈپ، بىرلىكتە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ، مۈلۈك سەپلەش توختامى ئىمزالىنىدۇ، ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى گۇرۇپپىلاشتۇرۇپ سەپلەش پايدىسىنى بايلىق تۈرى بويىچە ھېسابلاش ئۇسۇلى ھەم تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ پايدىسىنى تەقسىملەش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بىلەن ياخشى جىپسىلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ.

6. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى نازارەت قىلىش، باھالاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

(9) تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ پايدىسىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. بىرلىككە كەلگەن ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ پايدىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ئالاقىدار كىرىمنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ. ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ پايدا تەننەرخىنى ھېسابلاش تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ پايدىسىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا كىرگۈزۈپ قوشۇلما قىممەت پايدىسىنى تەقسىملەش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ.

(10) تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش - نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىدۇ. ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى بايلىق تىزىملىكى بويىچە باشقۇرۇش چارىسى تۈزۈلۈپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى بايلىق تىزىملىكى تۈزۈلۈپ، ئاساسىي گەۋدە، ئوبيېكت، ھوقۇق - مەنپەئەت، مەجبۇرىيەت، مەسئۇلىيەت قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ. تەبىئىي بايلىقنى قوغداش - پايدىلىنىشنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدىغان ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ قوغداش مەسئۇلىيىتى چىڭىتىلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى باھالاش بىرتۇتاش قانات يايدۇرۇلۇپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكى بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدىغان ئاساسىي گەۋدىلەرنى باھالاش، باھا بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. دۆلەت تەبىئىي بايلىقنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنىڭ رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ئىگىدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ۋە ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ئەھۋالىغا ئاساسەن نازارەت قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ. دۆلەت ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكى زىيىنىغا تۆلەم بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ ھەم تەپتىشلىك بويىچە ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى قىلىش تۈزۈمى، ئېكولوگىيە - مۇھىت زىيىنىغا تۆلەم بېرىش تۈزۈمى بىلەن ياخشى جىپسىلاشتۇرۇلىدۇ، ئىگىدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئاساسىي گەۋدىلەر ۋە باشقۇرۇش - قوغداش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئاساسىي گەۋدىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى ياكى تىزىملىك بويىچە باشقۇرىدىغان ئىشلارغا ئاساسەن، مۈلۈك زىيىنىنى بايقاش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، تۆلەم تەلەپ قىلىش ۋە دوكلات قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغۇچىدىن زىيان يەتكۈزۈشنى توختىتىش، ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈش، زىياننى تۆلەپ بېرىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلىشقا ھەم دەۋاگەر سۈپىتىدە سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

(11) تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى بىرتۇتاش دوكلات قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ھۆكۈمەت تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى مەخسۇس دوكلات قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. دۆلەت تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە باشقۇرۇش ئەھۋالى قانۇن بويىچە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتى قوبۇل قىلىنىدۇ.

7. تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەركەز بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۆلكە ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر - ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش تەلىپى بويىچە، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، زىچ ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن زەنجىرلىك ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەبىئىي بايلىق ساھەسىدە ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تەبىئىي بايلىق مۈلكى ساھەسىگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش كېرەك. پەن - تېخنىكىنىڭ تىرەك بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەبىئىي بايلىق مۈلكىگە ئالاقىدار پەن ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېشىل پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، تەبىئىي بايلىقنى قوغداش ۋە پايدىلىنىش قاتارلىق ساھەلەرگە قارىتا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلەش كېرەك. رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پەرقلىق ئىسلاھاتنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بۇ پىكىرنى يولغا قويۇش جەريانىدا كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك. چوڭ - چوڭ ئىشلارنى ۋاقتىدا تەرتىپ بويىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە يوللاپ يوليورۇق سوراش ۋە دوكلات قىلىش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)