​تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرلەرنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە تۈزەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك

2026-07-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ فۇجيەن چۈەنجوۋنىڭ جىنجياڭ شەھىرىدىكى بىر ئاياغ زاۋۇتىدا يۈزبەرگەن ئوت ئاپىتى ھادىسىسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرلەرنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە تۈزەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك

لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سائەت 12 لەردە، فۇجيەن چۈەنجوۋنىڭ جىنجياڭ شەھىرىدىكى بىر ئاياغ زاۋۇتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: فۇجيەن چۈەنجوۋنىڭ جىنجياڭ شەھىرىدىكى بىر ئاياغ زاۋۇتىدا ئوت ئاپىتى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئادەم ئىزدەش - قۇتقۇزۇش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، تەسەللى بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ھەم جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدە كۆپ قېتىم ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈزبەردى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە تۈزەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ۋە ئىنچىكە تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش - قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىككىلەمچى ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرقايسى جايلارنىڭ تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىغا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، مەسئۇلىيەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى نەق مەيدانغا بېرىپ يېتەكچىلىك قىلدى. فۇجيەن ئۆلكىسى كۈچ تەشكىللەپ يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى. نۆۋەتتە، تۈرلۈك خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.