شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 1961 - يىلى، جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى»نى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن يۇغۇرۇلغان جەڭگىۋار دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇھىم سىياسىي، قانۇن ئاساسى سالدى، جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، رايون ھەتتا دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. 65 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ شەرتنامە روھىغا ئەمەل قىلىپ، بىر - بىرىنى قوللاپ، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتىن ئىبارەت روشەن ئالاھىدىلىكىنى جانلىق ئىزاھلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل 6 - ئايدا، مەن چاۋشيەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، يولداش باش شۇجى بىلەن جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھەم يېڭى دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى قوشۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلدۇق، يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدۇق. تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، مەن يولداش باش شۇجى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن شۇنى قايتا تەكىتلەشنى خالايمەنكى، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش قەتئىي مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ، يولداش باش شۇجى جىن جېڭئېننىڭ چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشىنى قەتئىي قوللىشى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە ياخشى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش قەتئىي ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ. ئىشىنىمەنكى، يولداش باش شۇجى باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەن خەلقى مۇقەررەر ھالدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 9 - قۇرۇلتىيىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا يېڭى تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرىدۇ.
جىن جېڭئېن مۇنداق بىلدۈردى: 65 يىل ئىلگىرى، ئىككى تەرەپ «چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇق، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى»نى ئىمزالاپ، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، تىنچلىق ۋە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش مۇساپىسى داۋامىدا ئورنىتىلغان چاۋشيەن - جۇڭگو جەڭگىۋار دوستلۇقى ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا پۇختا قانۇن ئاساسى سالدى. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، چاۋشيەن - جۇڭگو ئىككى دۆلەت تارىخنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، قويۇق ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن دۇنياغا ئەنئەنىۋى دوستلۇق سەۋەبىدىن ئالاھىدە بولغان، ئورتاق سوتسىيالىستىك ئۇلۇغ ئىش سەۋەبىدىن ئالاھىدە بولغان، قەتئىي تەۋرەنمەي ۋارىسلىق قىلىش سەۋەبىدىن ئالاھىدە بولغان چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ۋە يىمىرىلمەيدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.
جىن جېڭئېن مۇنداق بىلدۈردى: چاۋشيەن - جۇڭگو دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى ۋە ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە يۈكسىلىۋاتىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ ھەم مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ. سوتسىيالىزمنى يادرو قىلغان چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇش دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشقان ھەم ھەرقايسى ساھەلەردە تېخىمۇ جانلىق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، بۇ، چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس مەيدانى. مەن يولداش باش شۇجى بىلەن بىرلىكتە، ئۇزاق تارىخ ۋە مۇنەۋۋەر ئەنئەنىنى ئاساس قىلغان چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ مول ئىستراتېگىيەلىك سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن.