باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن بولغان ھېكايىسى

2026-07-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

«دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنىڭ تۈپ مەنبەسى ئادەمدە» «ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر كۆزىتىشى كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ھەر قېتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش سەمىمىي بولدى، ھەربىر پارچە جاۋاب خەت چوڭقۇر مەنىلىك بولدى، ھەربىر تاپشۇرۇقنىڭ ۋەزنى زور بولدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن كارخانا - سېخلارغىچە، ئالىي مەكتەپ تەجرىبىخانىلىرىدىن چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئارىسىغا كېلىپ، ئۇلارنى ئىلىم - پەنگە بولغان ئىنتىلىشىنى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاڭلىق سىڭدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن بولغان ھېكايىسى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا ھالقىما تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولۇپ، دۇنياۋى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

«دۆلىتىمىز يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىغا تايىنىشى كېرەك»

6 - ئاي، يەنە ئورما مەزگىلى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىرائەت گېن بايلىقى ۋە سورت يېتىشتۈرۈش مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ بىر تەجرىبە ئېتىزىدا، 66 ياشلىق يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋەن جيەنمىن ئېڭىشىپ تۇرۇپ بۇغداي باشاقلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، تەرلەپ كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى.

«باش شۇجى بولغاندىن كېيىن، ئۇ تۇنجى بولۇپ بىزنىڭ پەن - تېخنىكا گۇرۇپپىمىزغا كەلدى.» ۋەن جيەنمىننىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ، 2013 - يىلى 3 - ئايدا، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەن جيەنمىن ئەينى ۋاقىتتا تۇرۇشلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا كەلدى.

2022 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى، ۋەن جيەنمىن يەنە بىر قېتىم نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قاتناشتى.

ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىلگىرىكىدەكلا يېقىملىق ھېس قىلدى. ۋەن جيەنمىن باش شۇجىنىڭ «ئۇرۇقچىلىق پەن - تېخنىكىسىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش» توغرىسىدىكى تاپشۇرۇقىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئېتىز - قىرلاردا ئەمەلىيلەشتۈردى، ھەر پەسىلدە ھوسۇل ئالىدىغان يېڭى سورتلارغا سىڭدۈردى.

«دۆلىتىمىز يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىغا تايىنىشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى باشتىن - ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ، كۆپچىلىكنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش، ۋەتەننى سۆيۈپ، تۆھپە قوشۇش، قەتئىي ئىرادە بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش دۇنيا پەن - تېخنىكىسىدا يۇقىرى پەللىگە چىقىشتىكى مۇقەررەر يول. بۇ يول شەرەپلىك ھەم جاپا - مۇشەققەتكە تولغان بولۇپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ. يېڭى دەۋردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك نەزەر دائىرە، كەڭ قورساقلىق بىلەن پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى «سوغۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا رازى بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن كۆچەت تىككۈچى، قۇدۇق قازغۇچى بولۇش»قا ئىلھاملاندۇردى.

2026 - يىلى 5 - ئايدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە قەدىمكى ئىنسانلار تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى فۇ چياۋمېي كوللېكتىپنى باشلاپ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 400 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئالتە تال چىشنىڭ تاشقاتمىسىدىن ئۆرە ماڭىدىغان ئادەمنى باھالاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئاچقۇچلۇق مولېكۇلا ئۇچۇرىغا تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېرىشكەن.

2020 - يىلى 9 - ئايدا، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا، فۇ چياۋمېي باش شۇجى شى جىنپىڭغا مۇشۇ يىللاردا ئۆزىدىن دائىم سورالغان بىر مەسىلىنى دوكلات قىلدى: «تەتقىقاتىڭىزنىڭ نېمە پايدىسى بار؟»

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر ھاياجانلاندى: «يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان كەسىپكە قانداق قارايسىز؟ ئادەتتىكى ئۇقۇم بويىچە، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر قىسىم نەرسىلەر پايدىسى يوق، دەپ قارىلىدۇ. بۇ خىل تونۇش بەلكىم بىر ساھەدىكى ئىشلارنى كېچىكتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. پەن تەتقىقات ئىشلىرىنى باھالاشتا يىراق كەلگۈسى نەزەر دائىرە، دۇنياۋى نەزەر دائىرە، ئىلمىي نەزەر دائىرە بولۇشى كېرەك.»

ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا: يېڭىلىق يارىتىش ئەزەلدىن ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن بىزدە جەزمەن «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن چىن قەلبىمدىن قەدىرلەيمەن، ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتسەممۇ پۇشايمان قىلمايمەن» دەيدىغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى؛ يۈەن لۇڭپىڭ، جۇڭ نەنشەن، يې پېيجيەن قاتارلىق 25 نەپەر پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋەكىلىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىدىن «يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىلاردا كۈچەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش»نى ئۈمىد قىلدى؛ «دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، ئىقتىساد ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، كۈرەش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن يۈزتۇرا بولۇنغان شۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش باشتىن - ئاخىر مېنىڭ پەن تەتقىقات يولۇمدىكى مەنىۋى كوردىنات بولۇپ كەلدى.» ئاي شارىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىگىچە، يەنە قىزىل رەڭلىك مارسقىچە، سۇن زېجوۋ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چاڭئې 3 - نومۇر، چاڭئې 4 - نومۇر ۋە تيەنۋېن 1 - نومۇر ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى بولۇپ، كوللېكتىپنى باشلاپ دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش رېكورتىنى ئارقا - ئارقىدىن يېڭىلىدى.

2013 - يىلى 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنىغا كېلىپ، «جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياشلىق باھارىدا باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش» باش تېمىلىق ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى. سۇن زېجوۋ ياش ئالەم قاتنىشى خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باش شۇجىغا چاڭئې 3 - نومۇرنى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىنى دوكلات قىلدى.

«ھەر قېتىم باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئويلىغىنىمىزدا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.» سۇن زېجوۋ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ، شەخسىي غايىسى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنى دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىگە سىڭدۈردى.

«داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىسەك، چوقۇم تېخىمۇ ياخشى قىلالايمىز»

بېيجىڭ يىجۇاڭ، دۆلەت ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش - يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەر باغچىسى. باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا بۇ جايغا كەلدى.

«بۈگۈن بۇ جايغا كېلىپ نەق مەيداندا ئۆگىنىپ، نەزەر دائىرەم ناھايىتى كېڭەيدى، كۆرگەندىن كېيىن دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ھەم بىرىنچى سەپتىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، ھەم يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلغانلىق، قايتا چوڭقۇرلاشتۇرغانلىق.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى يېقىن ئارىلىقتىن ئەستايىدىل ئاڭلاپ، بېيجىڭ شۇرۇي ماشىنا ئادەم پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى شۈ كەي تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى: «يۇقىرى دەرىجىلىك داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئۇزاق مەزگىل باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ ئىجادىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز.»

سەنشى تەييۈەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى داتلاشماس پولات سىپتا تاسما پولات چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا، يۇقىرى دەرىجىلىك داتلاشماس پولات نېپىز ماتېرىيالىنىڭ قېلىنلىقى بىر پارچەA4قەغەزنىڭ تۆتتىن بىرىدىنمۇ نېپىز ئىدى.

2020 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، نەق مەيداندىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ئىلھاملاندۇردى: «سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق بويىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، ئىلغار ياسىمىچىلىققا تىرەك بولۇش جەھەتتە يېڭى، تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.»

0.02 مىللىمېتىردىن 0.015 مىللىمېتىرغىچە، «قولدا يىرتقىلى بولىدىغان پولات»نى ئىجادىي تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپى باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق ئەڭ يۇقىرى چەككە قاراپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى: «كېيىنكى قەدەمدە، يەنە 0.01 مىللىمېتىر قېلىنلىق دەرىجىسىگە كۈچەپ، قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرىمىز.»

ئاساستا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن ئەمەلىي قوللىنىشقا ئايلاندۇرۇشقىچە، ئىختىساسلىقلارنى توپلاشتىن ئېكولوگىيەنى ئەلالاشتۇرۇشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغىدى.

«بۈگۈن خەۋەرگە چىقتىڭىز، شۇنداقمۇ؟» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ بىر ئېغىز ئەھۋال سورىشى نەنجىڭ شەھەرلىك 1 - دوختۇرخانىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاڭ جۈنجيېنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە.

2025 - يىلىدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، جاڭ جۈنجيې «ۋەكىللەر يولى»دا كۆپ يىل ئۆز ئالدىغا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۆپكە ئارتېرىيە بېسىمى يۇقىرى بولۇشنى داۋالاشتىن ئىبارەت بۇ دۇنيا خاراكتېرلىك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «جۇڭگو لايىھەسى»نى تەمىنلىگەنلىكىدىن ئىبارەت ھېكايىنى بايان قىلدى.

جاڭ جۈنجيې باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنىڭ «ۋەكىللەر يولى»دىكى تونۇشتۇرۇشىغا دىققەت قىلىپلا قالماي، يەنە يۈرەك قان تومۇر ئوپېراتسىيە ماتېرىياللىرىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. «دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تىرەكنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنگەنلىكىنى» ئىگىلىگەندىن كېيىن، باش شۇجى مەمنۇن بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ جەھەتتە بىز ناھايىتى زور ئىلگىرىلىدۇق، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىسەك، چوقۇم تېخىمۇ ياخشى قىلالايمىز.»

«داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك»، بۇ تاپشۇرۇق، شۇنداقلا يۆنىلىش.

«سۈنئىي قۇياش»تا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن كىۋانت ھېسابلاشتا يېڭى رېكورت يارىتىشقىچە، يەنە «شېنجېن - شياڭگاڭ - گۇاڭجوۋ»نىڭ دۇنيا بويىچە 100 كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش توپىدا باش ئورۇنغا ئۆتۈشىگىچە، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ جاسارەت بىلەن تىرىشىشىدا، جۇڭگو پەن - تېخنىكىسى «ئەگىشىپ يۈگۈرۈش»تىن سۈرئەتنى تېزلىتىپ «تەڭ يۈگۈرۈش»، «يېتەكلەپ يۈگۈرۈش»كە ئۆتۈپ، دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسىدىكى ئاچقۇچلۇق كۈچكە ئايلاندى.

«ئاچقۇچ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كەڭ ئالىملار ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە تالانتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىش كېرەك»

«ئاساس تەتقىقات خادىملىرىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.» 2026 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەيدە ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان بۇ سۆزى يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى مولېكۇلا ھۈجەيرە ئىلمى بويىچە ئالاھىدە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن لىڭلىڭنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى.

2023 - يىلى، چېن لىڭلىڭ جاڭجياڭ ئىلىم - پەن شەھەرچىسىدە باش شۇجىغا ئاساس تەتقىقاتنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى تەرەققىياتىنى دوكلات قىلدى، «باش شۇجى مۇنداق دېدى: قەلبىگە بۇرچ تۇيغۇسىنى پۈككەن، كامالەتكە يەتكەن زور تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك».

قانداق قىلغاندا پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ماكانلىشىشتا كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى، ئىگىلىك تىكلەشتە ئىستىقبالغا ئىگە قىلغىلى، ئىش قىلىشتا خاتىرجەم قىلغىلى بولىدۇ؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن تەرەققىياتنى كۆزلەپ، غەيرەتنى ئۇرغۇتۇشنى ئەستىن چىقارمىدى.

«ئوشۇقچە قائىدە - يوسۇنلار ئارقىلىق ئالىملارنىڭ پۇت - قولىنى چۈشەپ قويۇشقا بولمايدۇ، تۈگىمەس مەلۇمات جەدۋەللىرى ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاشلار ئارقىلىق ئالىملارنىڭ زېھنىنى خورىتىشقا بولمايدۇ!»

«ئاچقۇچ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كەڭ ئالىملار ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە تالانتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈشتە.»

«ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى ئىشلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.»

2023 - يىلى 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىجياجۇاڭغا جايلاشقان جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا كەسپى ئاساس تەتقىقات ئورنىغا كەلدى.

«مەن ئۆز ۋاقتىدا جېڭدىڭدا خىزمەت قىلغان چېغىمدا بۇ جاينىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىرى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، نامىنى ئۇزاقتىن بۇيان ئاڭلاپ كەلگەنىدىم!» باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ۋە خۇشخۇي ھالدا كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، شىنپيەن ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جوۋ گو چەكسىز ئىللىقلىق ھېس قىلدى.

40 نەچچە يىل ئىلگىرى، يولداش شى جىنپىڭ خېبېي جېڭدىڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىپ، مەخسۇس «ئىختىساسلىقلارغا دائىر توققۇز تەدبىر»نى تۈزۈپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا 200دىن ئارتۇق ئىختىساسلىقلارنى قەدىمىي شەھەرگە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.

ئىختىساسلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەش، ئىختىساسلىقلارنى ئۇتۇق قازاندۇرۇش ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلدى.

«قابىللار باشلامچى بولۇش» «ئات بەيگىسى تۈزۈمى» يولغا قويۇلۇپ، خىراجەتنى «ھۆددىگە ئېلىش تۈزۈمى» مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىغا تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىلدى؛ «تۆت ھەممىنى بەلگىلەش» تۈگىتىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، سۈپىتى، ئۈنۈمى، تۆھپىسىنى يېتەكچى قىلغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تۈرتكىسىدە، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارغا بىۋاسىتە تېگىش قىلىندى.

ئاساسىي مائاش مۇقىم ئۆستۈرۈلدى، ئۈنۈم مائاش جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈش سالمىقى زورايتىلدى، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش مۇكاپاتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى؛ ئىش ھەققى، تۇرالغۇ ئۆي، پەرزەنتلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن قوللاش مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ دۆلەت تەبىئىي پەن فوندىنىڭ ياش ئىختىساسلىقلارغا ياردەم بېرىش كۆلىمى كېڭەيتىلدى... پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ «تۇلپار»لار جۇڭگو زېمىنىدا بەس - بەستە بەيگىگە چۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

«ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ پەن تەتقىقات خادىملىرىنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش، ۋەتەننى سۆيۈپ تۆھپە قوشۇش، قەتئىي ئىرادە بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك»

شىئەن قاتناش داشۆسى شىئەنگە كۆچۈش مۇزېيىدا، 70 يىل بۇرۇنقى بىر پارچە پويىزغا ئولتۇرۇش بېلىتى شۇ چاغدىكى «ئىلىم - پەنگە يۈرۈش قىلىپ، غەربىي شىمالنى گۈللەندۈرەيلى» دېگەن قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى جىمجىت بايان قىلىپ تۇراتتى.

2020 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پېشقەدەم پىروفېسسورلار ئالدىدا ئېغىر بېسىقلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «قاتناش داشۆسىنىڭ غەربىي قىسىمغا كۆچۈشى پۈتكۈل دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، غەربىي قىسىمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.»

2026 - يىلى، تۆت قاتناش داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قايتۇرغان جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. «سومكىنى كۆتۈرۈپلا يولغا چىقىپ، شەخسىي مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىپ، كوللېكتىپنى ئويلاش» دېگەن شۇ ئوت داۋاملىق يەتكۈزۈلۈش داۋامىدا بارغانسېرى يالقۇنجىدى.

ئالىملار روھى ئەستە ساقلاپ ۋارىسلىق قىلىشقا ئېھتىياجلىق، شۇنداقلا ئۈلگىنىڭ يېتەكلىشىگە ئېھتىياجلىق.

«ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش» چاقىرىقى جۇڭگو خاڭفا لىمىڭ موتور قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى «لى جىچياڭ بەنى»نى تېخىمۇ كۈچلۈك «جۇڭگو قەلبى» ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى؛

«ئىلمىي ماقالىنى ئېتىز - دالىلارغا، زېمىنغا يېزىڭلار» دېگەن تاپشۇرۇق فۇجيەن دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى لياۋ خۇڭنى داۋاملىق پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىللىرى كوللېكتىپىنى باشلاپ، تاغ ئارىسىدىكى چايزارلىقلاردا يۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى؛

«مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى»نى تەسىس قىلىپ، «دۆلەت ئىنژېنېرلار مۇكاپاتى» باھالاپ ۋە تەقدىرلەپ، سىجىل تۈردە ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىدىغان، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى ياراتتى؛

«ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئالىملىرى جۇڭگو ئالىملىرىغا ئوخشاش بۇنداق ئالاھىدە مۇئامىلىگە ۋە ئېتىبارغا ئېرىشكەن ئەمەس.» 2020 - يىلى 10 - ئايدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شۆ چىكۇن تەكلىپ بويىچە «كىۋانت پەن - تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە قوللىنىش ئىستىقبالى» دېگەن تېمىدا 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 24 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە چۈشەنچە بەردى.

2024 - يىلى 6 - ئايدا، شۆ چىكۇن 2023 - يىللىق دۆلەت ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم تەبرىكلىدى، ئۇنىڭغا ئوردېن تاقاپ قويدى، گۇۋاھنامە بەردى، يەنە ئۇنى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

«باش شۇجى ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ پەن تەتقىقات خادىملىرىنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش، ۋەتەننى سۆيۈپ تۆھپە قوشۇش، قەتئىي ئىرادە بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، بۇ مېنىڭ ۋەتەننىڭ كىۋانت پەن - تېخنىكىسى ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىش نىشانىم ۋە ئىشەنچىمنى تېخىمۇ چىڭىتتى» دېدى شۆ چىكۇن.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، چىڭخۇا داشۆنىڭ پىروفېسسورى ياۋ چىجى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا قايتۇرغان جاۋاب خەتنى قەدىرلەپ ساقلاپ كەلمەكتە: «سىز ۋەتەنگە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان 20 يىلدىن بۇيان، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىڭىزنى ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، چىڭخۇا داشۆدە قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپسىز، سىزگە سەمىمىي سالام يوللايمەن.»

دۇنياغا داڭلىق مۇتەخەسسىس بولۇش سۈپىتى بىلەن ياۋ چىجى ئامېرىكىدىكى داڭلىق مەكتەپنىڭ ئۆمۈرلۈك ئوقۇتقۇچىسى بولۇشتىن قەتئىي ۋاز كېچىپ، ۋەتەنگە قايتىپ دۆلەتكە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى لۈ كەيفېڭمۇ ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ، چەت ئەلدە بىلىم ئاشۇرغاندىن كېيىن چىڭخۇا داشۆگە قايتىپ كېلىپ، گىرەلەشمە ئۇچۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى پىروفېسسورى بولدى.

«بىز بۇ دەۋردە بۇنداق ۋەزىپىنى ئۈستىمىزگە ئالغانلىقىمىزدىن ئۆزۈمىزنى بەختلىك ھېس قىلىمىز. پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەنمۇ ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق دۆلەتكە كۈچ قوشىمەن» دېدى لۈ كەيفېڭ.

مەنىۋى مەشئەل تاپىنىمىز ئاستىدىكى يولنى يورۇتتى، شۇنداقلا يىراقتىكى ئارزۇنى ياندۇردى.

«بىلىمگە بولغان تەشنالىقنى ساقلاش، ئىزدىنىشكە بولغان قىزىقىشنى ساقلاش كېرەك». ئون يىلدىن بۇيان، جاۋ زېخۇەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئوقۇشنى سىجىل داۋاملاشتۇردى، ئۈزلۈكسىز بىلىم ئاشۇردى.

2016 - يىلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك 1 - ئاۋغۇست مەكتىپىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. ئەينى چاغدىكى تولۇق ئوتتۇرا 1 - يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاۋ زېخۇەن ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە باش شۇجىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۆزلىرى لايىھەلەپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىچىك سۈنئىي ھەمراھىنى ھاياجان بىلەن تونۇشتۇرغانىدى.

«سىلەر ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىن باشلاپلا ئىلىم - پەن ساپايىڭلارنى يېتىلدۈرۈپ، قىزىقىشىڭلار ۋە ئارتۇقچىلىقىڭلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇستەھكەم ئاساس سېلىپسىلەر، كەلگۈسىدە داشۆگە چىقىپ بۇ جەھەتتىكى كەسپىي بىلىملەرنى داۋاملىق ئۆگىنىڭلار، باغلاپ ئۆگەنسەڭلار ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.» جاۋ زېخۇەن باش شۇجىنىڭ كۆپچىلىككە قارىغان ۋاقىتتا كۆزلىرىنىڭ ئۈمىدكە تولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

بۇ يىل 9 - ئايدا، جاۋ زېخۇەن بېيجىڭ داشۆگە ئوقۇشقا كىرىپ دوكتورلۇققىچە ئوقۇپ، مېڭە ماگنىت دىياگراممىسى، بىيوماگنىت دىياگراممىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ساھەسىدە چوڭقۇر ئىزدىنىدۇ: «مەن تىرىشىپ ۋەتەننىڭ تايانچ ئىختىساسلىقلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىمەن، باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن.»

«پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو پەن - تېخنىكىسىنى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك»

دۆلەت زەمبۇرۇغ ئوتى قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ باش ئالىمى لىن جەنشىنىڭ ئىشخانىسىغا بىر گىلوبۇس قويۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە زىچ قىلىپ 100دىن ئارتۇق بەلگە سېلىنغان، بۇ، زەمبۇرۇغ ئوتى تېخنىكىسىنىڭ 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيتىلگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

كىچىككىنە بىر تال ئوت - چۆپ مېھىر - مۇھەببەتنى تۈمەن چاقىرىمغىچە تۇتاشتۇردى. 2021 - يىلى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، 3 - قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەندە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، زىيارەتكە كەلگەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ دۇڭگاۋدى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى تىلغا ئالدى: «مەن ئۇنىڭغا زەمبۇرۇغ ئوتى تېخنىكىسىنى تونۇشتۇردۇم، بۇ ئۆلكە باشلىقى بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى قىزىقتى. مەن <تاغ - دېڭىز مۇھەببىتى> ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى لىن جەنشىنى شۇ جايغا ئەۋەتتىم.»

«تاغ - دېڭىز مۇھەببىتى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى دېھقانچىلىق تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى لىڭ يىنۇڭنىڭ ئەسلىي تىپى دەل لىن جەنشى ئىدى. شۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، لىن جەنشى جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتىگە باردى. ھازىر ئۇ 80 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، يەنىلا كوللېكتىپنى باشلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەربىيەلەش كۇرسى ئاچماقتا، ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىنى قۇرماقتا.

«زەمبۇرۇغ ئوتى تېخنىكىسىنى كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلققە بەخت يارىتىدىغان <بەخت ئوتى>غا ئايلاندۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا پەن - تېخنىكىنىڭ ھەقىقىي قىممىتى» دېدى لىن جەنشى.

«بېيدوۋ سىستېمىسىنى پۈتۈن دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، ئىنسانلارغا بەخت يارىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلەندى، چىڭخاۋسۇنىڭ «پۈتۈن دۇنيا، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى نەچچە مىليون ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى»نى مۇئەييەنلەشتۈردى، «شالغۇت شالنىڭ بەش چوڭ قىتئەدىكى 70كە يېقىن دۆلەتتە تېرىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلىقى»نى ئالقىشلىدى... ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جۇڭگونىڭ 42 - قېتىملىق جەنۇبىي قۇتۇپنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان «شۆلۇڭ 2» ناملىق پاراخوت زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى. 199 كۈنلۈك يۈرۈش مۇساپىسىدە، ئون نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن پەن تەتقىقات خادىملىرى جۇڭگو تەرەپ كوللېكتىپى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلاشتى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ: جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى زور، ئىنسانلارغا بەخت يارىتىدىغان ئالىيجاناب ئىش، دەپ باھا بەردى.» جۇڭگو 42 - قېتىملىق جەنۇبىي قۇتۇپنى تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو قۇتۇپ تەتقىقات مەركىزى (جۇڭگو قۇتۇپ تەتقىقات ئورنى)نىڭ ئالىي ئىنژېنېرى لو گۇاڭفۇ 2014 - يىلى 11 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ خوبارت پورت رايونىدا جۇڭگو - ئاۋسترالىيە جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش خادىملىرىدىن ھال سورىغان ھەم جۇڭگو «شۆلۇڭ» ناملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتىدا تەكشۈرۈشتە بولغان چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئۇنتۇيالمايدۇ.

«باش شۇجىنىڭ داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشى، تۈرتكە بولۇشىدا، بىز مۇھىم خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە بىر تۈركۈم تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت ئوبرازىمىزنى نامايان قىلدۇق.» 11 قېتىم جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپنى تەكشۈرۈشنى تاماملىغان لو گۇاڭفۇ يەنە بىر قېتىم يولغا چىقىشنى ئۈمىد قىلدى.

تارماق ئېقىنلارنى توسۇپ قويمىغاندىلا، دەريا - دېڭىز ھاسىل بولىدۇ.

«چوڭقۇر ۋاقىت رەقەملىك يەرشارى» «دېڭىز - ئوكيان مەنپىي قويۇپ بېرىش» قاتارلىق خەلقئارا چوڭ ئىلىم - پەن پىلانلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى، چەت ئەللىك ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى، «جۇڭگو تيەنيەن»، «فېندوۋجې» ناملىق ئادەملىك چۆككۈ قاتارلىق ئون مۇھىم پەن تەتقىقات ئۇل ئەسلىھەسىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېچىۋەتتى... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش داۋامىدا دۇنياغا قۇچاق ئاچتى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتتى.

«دۇنياۋى پەن - تېخنىكىنى ئىدارە قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلىپ، پەن - تېخنىكىنى پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلىتىش مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يارىتىپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو پەن - تېخنىكىسىنى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك!»

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بۇرچنى يەردە قويماي، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)