شى جىنپىڭ ئاساس مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى
پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساس مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك
دىڭ شۆشياڭ مەملىكەتلىك ئاساس مائارىپ خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئاساس مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساس مائارىپنى ئۇل خاراكتېرلىك، باشلامچى خاراكتېرلىك خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئاساس مائارىپنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ساغلاملىق بىرىنچى دېگەن مائارىپ ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى، ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئاساس مائارىپتا ئەلا بايلىقنى كۆپەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ ئادىللىقى تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش كېرەك. مائارىپچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش بايلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساس مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.
مەملىكەتلىك ئاساس مائارىپ خىزمىتى يىغىنى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
دىڭ شۆشياڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئاساس مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى ئاساس مائارىپ ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئەندىزە خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مائارىپنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتى، خەلقچىللىق خۇسۇسىيىتى، ئىستراتېگىيەلىك خۇسۇسىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئاساس مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، بەش تەربىيەنى تەڭ تۇتۇش، بەش تەربىيەنى يۇغۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، مەكتەپكە كىرىشنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلار، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە غەمخورلۇق قىلىش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ئادىللىقى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئاساس مائارىپنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مائارىپ بايلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، خىراجەت كاپالىتى، مەكتەپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى بىلەن تەمىنلەش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەڭشەپ سەپلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى مەركەز قىلىپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساس مائارىپنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ماسلىشىپ ئورتاق تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەتنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئادەم تەربىيەلەش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مائارىپچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن خاتىرجەم شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە مەكتەپلەر تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركەز ئورگانلىرى ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، بېيجىڭ شەھىرى، خۇبېي ئۆلكىسى، گەنسۇ ئۆلكىسى، بېيجىڭ سىفەن داشۆسىدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
شى تەيفېڭ، لى شۇلېي، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.
ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق سىفەن داشۆلەر ۋە «دۆلەتنىڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش پىلانى»نى يولغا قويىدىغان مەكتەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.