ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2026-07-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ فۇجيەن چۈەنجوۋنىڭ جىنجياڭ شەھىرىدىكى بىر ئاياغ زاۋۇتىدا يۈزبەرگەن ئوت ئاپىتى ھادىسىسى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر يېڭىلاش <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى تەدرىجىي يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قىلىپ بەرپا قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدە يېقىنقى مەزگىلدە يۈزبەرگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، پۈتكۈل جەريان، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر ئىگىلەپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، كۆز بوياپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىش ئىدىيەسىنى قەتئىي توسۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېگىز قەۋەتلىك ئىمارەت، چوڭ تىپتىكى سودا ساراي - تاللا بازار، «توققۇز كىچىك مەيدان - سورۇن»، قىزىق نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، زاۋۇت، زاۋۇت ئۆيى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارغا چىڭ قادىلىپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، دەل جايىدا تۈزەش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك. كان بىخەتەرلىكىدىكى «سەككىز تۈرلۈك قاتتىق تەدبىر»نىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، يوشۇرۇن ئىش دائىرىسىدە مەشغۇلات قىلىش قاتارلىق قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، قاتتىق جازالاپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يول قاتنىشى، ساياھەت مەنزىرە رايونى، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار، شەھەر - بازارلاردىكى يېقىلغۇ گاز، قۇرۇلۇش، قىيان ئاپىتى ئەھۋالى، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر يېڭىلاش <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى شەھەر خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە شەھەرنىڭ «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش» يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، شەھەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بوشلۇق جەھەتتە گىرەلەشكەن، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە شەھەر زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سالماقنى زورايتىپ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، مەركەزنىڭ قوللاش سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارغا ھاياتىي كۈچ قوشۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تارماقلار ئارا ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى تەدرىجىي يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قىلىپ بەرپا قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى نىشانلاپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بويىچە تۈر تۇرغۇزۇش، بەرپا قىلىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، باشقۇرۇش - قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەرپا قىلىش ۋاقىت تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، ھەقىقىي تۈردە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شارائىتى ھازىرلانغان مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى تېرىقچىلىق قىلىشقا ماس كېلىدىغان، قۇرغاقچىلىق - ھۆلچىلىك بولغاندىمۇ ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان، يۇقىرى ھوسۇللۇق، مۇقىم ھوسۇللۇق زامانىۋىلاشقان مۇنبەت ئېتىز قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.