خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2026-07-09 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش - ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش - ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىندا، گۇاڭشى، خۇبېي، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردا يامغۇر ۋە بورانلىق ھاۋارايى سەۋەبىدىن، سۇ ئامبارلىرى يار ئېلىپ كېتىش، تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش قاتارلىق ئاپەت ئەھۋاللىرى ئارقا - ئارقىدىن يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلدى. خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئەگەشمە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار بېكىتىلگەن ئورۇنلاشتۇرما - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاشنى چىڭ كۆزلەپ، دەريا - كۆل، خەۋپ - خەتەر ساقلانغان سۇ ئامبىرى، گېئو ئاپەت ئاسان يۈزبېرىدىغان رايون قاتارلىقلارغا قارىتا يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇپ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى مەزگىلدە ناچار ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلدى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ئىشخانىسى ھەرقايسى جايلارنىڭ يامغۇر ئەھۋالى، كەلكۈن ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، خەتەرلىك ئەھۋالنى كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر ئەگەشمە ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.