- 2026) يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى)
شى جىنپىڭ
يولداشلار، دوستلار:
بۈگۈن، بىز داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، پارتىيەمىز بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىنى ئەسلىدۇق، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر سالدۇق، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە سەپەرۋەر قىلدۇق.
ئالدى بىلەن، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا بايراملىق سالام يوللايمەن! «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرنى، تەقدىرلەنگەن مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
يولداشلار، دوستلار!
105 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئويغىنىشى داۋامىدا، ماركسىزم - لېنىنىزمنى جۇڭگونىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچى بار بولدى، ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىككە تولغان، نامرات ھەم ئاجىز جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل تارىخىي زور ئۆزگىرىش باشلاندى.
105 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردىكى جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەت ۋە ئۆزگىرىشلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ تارىخىي داستاننى پۈتتى.
105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ھەيۋەتلىك ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق، جاھانگىرلىك، فېئودالىزم، بىيۇروكرات كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان يېڭى جۇڭگونى قۇرۇپ، كونا جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەت بولۇش تارىخىنى تەلتۆكۈس ئاخىرلاشتۇردى، خەلق تۇرمۇشىدا كىيىنىش - تويۇنۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئومۇمىي جەھەتتە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقى تەقدىرىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان قىياپەتتە مەردانە قەدەم بىلەن تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلانماقتا.
105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان توغرا يولنى ئاچتى. ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ۋە يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، پەقەت نەچچە ئون يىلدىلا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تاماملاپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، بۇ، مىسلى كۆرۈلمىگەن پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلدى.
105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. پارتىيەمىز ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزمنى زور دەرىجىدە بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچى ماركسىزمنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ھەقىقەت خاراكتېرىنى تولۇق سىناقتىن ئۆتكۈزدى، ماركسىزمنىڭ خەلقچىللىقى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، ماركسىزمنىڭ ئېچىۋېتىش خاراكتېرى ۋە دەۋر خاراكتېرىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى.
105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى تەرىپىدە تۇرۇپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىش يولىنى كېڭەيتتى. بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلدۇق. پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك جۇڭگو كۆپچىلىك تەرىپىدىن دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، دۇنياۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى، دەپ ئېتىراپ قىلىندى.
105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، قۇدرەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاۋلاپ چىقتى. پارتىيەمىز ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ خاراكتېرى - ئاساسىي مەقسىتى ۋە كۈرەش نىشانىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۈرەش ئىرادىسىنى قەتئىي چىڭىتىپ، قايتا - قايتا تاۋلىنىپ تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەمىز تەرەققىي قىلىپ زور دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان، دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلىنىپ، خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، ئۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى، ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا پارتىيە بولۇشقا تامامەن مۇناسىپ.
يولداشلار، دوستلار!
105 يىلدىن بۇيان، بىز قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. يولداش ماۋ زېدۇڭ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ، يولداش جياڭ زېمىن، يولداش خۇ جىنتاۋ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى ياراتتى! بىز ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!
مۇشۇ ۋاقىت، مۇشۇ پەيتتە، بىز يولداش ماۋ زېدۇڭ، جوۋ ئېنلەي، ليۇ شاۋچى، جۇ دې، دېڭ شياۋپىڭ، چېن يۈن قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار ۋە يولداش جياڭ زېمىننى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، پىداكارلىق كۆرسىتىپ ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار، غايىلىك ۋە ئىرادىلىك كىشىلەرنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز. ئۇلارنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن ياراتقان ئۇلۇغ تۆھپىلىرى تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈ پۈتۈلىدۇ! ئۇلارنىڭ ئالىيجاناب روھىنى يۈز مىليونلىغان خەلق قەلبىدە مەڭگۈ چىڭ ساقلايدۇ!
خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، ھەقىقىي قەھرىمان. بۇ يەردە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ھەرقايسى سەپلەردە كۈرەش قىلىۋاتقان پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ۋە ھەر ساھە زاتلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن! جۇڭگو خەلقى بىلەن دوستانە ئۆتكەن، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان بارلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ۋە دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!
يولداشلار، دوستلار!
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 105 يىل كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالىشى، تارىخ ۋە خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەمىزنىڭ باشقا پارتىيەلەر ۋە سىياسىي كۈچلەرگە قارىغاندا تەڭداشسىز ئېسىل ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىدە.
− قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى باشتىن - ئاخىر دەل جايىدا ئىگىلىدى. پارتىيەمىز ماركسىزمنى سۇبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت ھەرىكىتى داۋامىدا ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىش ۋە تەتبىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ھەقىقەتنى سىناش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، يېڭى نەزەرىيە ئارقىلىق يېڭى ئەمەلىيەتكە ئۈزلۈكسىز يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
− خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، باشتىن - ئاخىر پۇختا ئاساسقا ئىگە بولدى. پارتىيەمىز ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قەتئىي ھالدا خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇردى، بىرلىكتە ئويلىدى، بىرلىكتە ئىشلىدى، ھەرقانداق بوران - چاپقۇنمۇ تەۋرىتەلمەيدىغان پۇختا ئاساسقا ئىگە بولدى.
− تارىخىي بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى باشتىن - ئاخىر ئىگىلىدى. پارتىيەمىز كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسىنى قەلبكە پۈكۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئىرادە باغلاپ، تارىخ ۋە خەلق تاپشۇرغان مۇھىم ۋەزىپىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئۇزاق مەزگىللىك نىشان بىلەن باسقۇچلۇق نىشاننىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ مەركىزىي ۋەزىپىنى بېكىتىپ، توغرا لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
− تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭدى. پارتىيەمىز يۈكسەك تارىخىي ئاڭلىقلىق ۋە كەڭ دۇنياۋى نەزەر دائىرىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە دەۋر باش تېمىسىنى سەگەكلىك بىلەن ئىگىلەپ، پائال تۈردە ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە دەۋر خاراكتېرىنى نامايان قىلىش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، ئىجادچانلىقنى بېيىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ۋە مىللەتنى تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەش، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، ئىسمى - جىسمىغا مۇناسىپ دەۋر ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلاندى.
− دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىدى. پارتىيەمىز قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق، باتۇرانە كۈرەش قىلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق، دۆلەت، مىللەت ئۈچۈن، غايە - ئېتىقاد ئۈچۈن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، دۈشمەن قانچىلىك كۈچلۈك، يول قانچىلىك خەتەرلىك، خىرىس قانچىلىك كەسكىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر ۋاقىت قىلچە قورقمىدى، قەتئىي چېكىنمىدى، بوران - چاپقۇنلارنىڭ ھۇجۇمىغا پىسەنت قىلمايدىغان، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان پولاتتەك ئىرادە بىلەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشقا ئىلھاملاندۇردى.
− ئۆزىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى. پارتىيەمىز بازغانچىنىڭ بېلى جەزمەن چىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپى بويىچە ئۆزىنى كۆزىتىش، كۈچلۈك كۈلپەت ئېڭى بىلەن ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى تازىلاپ، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى تازىلاپ، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى.
بۇ ئېسىل ئالاھىدىلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكىنىڭ ئاچقۇچلۇق شىفىرى. بىز يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مەڭگۈ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك ئىجادچانلىق، ئۇيۇشقاقلىق، جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
يولداشلار، دوستلار!
«ئۇلۇغ ئىشلار ئۇلۇغۋار غايە ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئۇلۇغ تۆھپە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.» يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدىن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، دەۋر ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
− ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرى پارتىيە ۋە خەلق جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم نەتىجە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدىكى تۈپ قوللانما. يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن پارتىيە يولنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەسلىك ئىرادىسىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماسلىق، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش ھەم يولدىن ئادىشىپ قالماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت.
− ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشتا، جەزمەن خەلققە چىڭ تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىشى. يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن پارتىيە ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى جۇشقۇن روھنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇشى شەرت. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش شەرت.
− ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشتا، جەزمەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دەل ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلدە تۇرماقتا، بوران - چاپقۇننىڭ، ھەتتا دەھشەتلىك بوران - چاپقۇننىڭ زور سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن پارتىيە كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆزگىرىشنى ئىلمىي ئالدىن كۆرۈش، خەۋپ - خەتەرنى ۋاقتىدا كۆزىتىش، خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت.
− ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشتا، جەزمەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، ئىنسانلار يەنە بىر قېتىم نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشتەك تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. يېڭى مۇساپىدە، بىز كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىمىز شەرت.
− ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشتا، جەزمەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك كۈچى، ئاممىۋى تەشكىللەش كۈچى، جەمئىيەت چاقىرىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت.
يولداشلار، دوستلار!
دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش شەرت. ئارمىيە قۇدرەت تاپسا، ئاندىن دۆلەت تىنچ - ئامان بولىدۇ. يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش شەرت.
شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئىچكى تەلىپى. يېڭى مۇساپىدە، بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى يۇغۇرۇلۇشى ۋە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا مەدەت بېرىشىمىز كېرەك.
تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ قەتئىي ئۆزگەرمەس تارىخىي ۋەزىپىسى، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى ۋە يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.
يولداشلار، دوستلار!
ياشلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن. پۈتۈن پارتىيە ياشلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلارنى قوللاپ، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، شەخسىي ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، گۈزەل ياشلىقىنى قەدىرلەپ، يېڭى مۇساپىدىكى تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرۈپ، ياشلىق باھارى ئارقىلىق يول ئېچىپ، غايىسىنى جۇلالاندۇرۇشى كېرەك!
يولداشلار، دوستلار!
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 105 يىللىق شانلىق تارىخى كىشىنى پەخىرلەندۈرىدۇ، لېكىن بىز ھەرگىز مەغرۇرلانماسلىقىمىز، ئۆز - ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ قالماسلىقىمىز، بىر ئىزدا توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ! تارىخ ساقلاپ تۇرمايدۇ! پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، جەزمەن كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشى، جەزمەن دادىل كۈرەش قىلىشى، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە زىچ تايىنىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)