شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن تارقىتىپ بېرىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن تارقىتىپ بېرىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ.
يىغىندا يەنە مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەقدىرلىنىدۇ.
مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، شىنخۇا تورى يىغىننى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىدۇ، خەلق تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، جۇڭگو تورى قاتارلىق مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى ۋە خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى ماس قەدەمدە ئۇلاپ تارقىتىدۇ.