شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دېلا ئېسپرىئېللاغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كولومبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كولومبىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 46 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - كولومبىيە مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل مۇستەھكەملەندى، خەلقنىڭ دوستلۇقى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مەن جۇڭگو - كولومبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان دېلا ئېسپرىئېللا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - كولومبىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
شۇ كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ كولومبىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان رېسترېپوغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.