شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لۇ ۋېنجۈن، سۈن نەن) 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي شىجياۋ مېھمانخانىسىدا 2026 - يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن تايلاند زۇڭلىسى ئانۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلدى، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، چىن قەلب بىلەن دوستلىشىپ، «جۇڭگو - تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» دوستلۇق مېھرىنى ئورناتتى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - تايلاند مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، باشتىن - ئاخىر تايلاند تەرەپنىڭ ئىشەنچلىك، تايىنىشقا بولىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇپ كەلدى. جۇڭگو - تايلاند ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ گۈللەنگەن، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان جۇڭگو - تايلاند تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە كۈچ قوشۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ تايلاندنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، تايلاند يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى قوللايدۇ. مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو - تايلاند ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى «2 + 2» ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو - تايلاند تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو - لائوس - تايلاند تۆمۈريول ئالاقىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك. ساياھەت، تاراتقۇ، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ بېرىش - كېلىش قىلغانسېرى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىق چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەرگە داۋاملىق زور كۈچ بىلەن زەربە بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ۋە خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە بىخەتەر مۇھىت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تايلاند تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، تايلاند تەرەپ بىلەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، لەنساڭجياڭ - مېيگۇڭخې ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدىكى ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. تايلاند - كامبودژا چېگرا تالاش - تارتىشىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش تايلاند - كامبودژا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ۋە ئۇزاق كەلگۈسى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، تالاش - تارتىشنى تىنچ ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
ئانۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: زۇڭلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن جۇڭگودا تۇنجى قېتىم رەسمىي زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو ئىزچىل تايلاندنىڭ تايىنىشقا بولىدىغان، ئىشەنچلىك ياخشى دوستى، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەپ، بىر - بىرىگە ئىشىنىپ، بىر - بىرىنى قوللاپ كەلدى، تايلاند تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. تايلاند تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئورتاق زەربە بېرىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، تايلاند - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى نامايان قىلدى، تايلاند تەرەپ بۇنى پائال قوللايدۇ. تايلاند تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. تايلاند تەرەپ تايلاند - كامبودژا توقۇنۇشىنى تىنچ ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئادىل، ھەققانىي رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ.
سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، چېن جىنىڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار فېڭ شىنرەن، گۇڭ ۋېن) 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي شىجياۋ مېھمانخانىسىدا 2026 - يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم خىزمەت زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭ مانەي بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - كامبودژا ئىككى دۆلەت جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولدى، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، تەۋرەنمەس دوستلۇقى يىللارنىڭ تاۋلىشى ۋە بوران - چاپقۇننىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ دوستلۇقى مەلۇم ۋاقىت، مەلۇم ئىش سەۋەبىدىن بولغان ئالاقە ئەمەس، بەلكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھالقىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن ئورتاق تونۇش بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى بەرپا قىلغان تەۋرەنمەس دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىقى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە يېڭى دەۋر پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۈغ كۈچىنى سىجىل مۇجەسسەملەيدۇ. بۇ يىل كامبودژا خەلق پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپ بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - كامبودژا دوستانە ھەمكارلىق يولىدا قەتئىي ياخشى مېڭىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - كامبودژا ھۆكۈمەتلەر ئارا ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «سانائەت تەرەققىياتى كارىدورى» ۋە «بېلىق - گۈرۈچ كارىدورى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، كامبودژانىڭ دۆلەت ئىقتىسادى، خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو - كامبودژا دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، گۇڭئەن «3 + 3» ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ساختا تاۋار ياساش، ئەتكەسچىلىك قىلىش، توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىق چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەرگە بىرلىشىپ قاتتىق زەربە بېرىپ، ئورتاق مەنپەئەت ۋە خەۋپسىزلىكنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. كامبودژا بىلەن تايلاندنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى تەدرىجىي ئورنىتىش ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ ۋە ئۇزاق كەلگۈسى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، جۇڭگو تەرەپ كامبودژا - تايلاند ئىككى تەرەپنىڭ سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىشىنى قوللايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
خۇڭ مانەي مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ 2026 - يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىدىيە ۋە تەشەببۇس سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كامبودژا بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇق، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كامبودژانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى خالىس مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كامبودژا تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇش سىياسىتى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ، كامبودژا - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال كۈچ چىقىرىدۇ. كامبودژا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت سودىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. كامبودژا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ پائال ياراشتۇرۇپ سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كامبودژا - تايلاند چېگرا تالاش - تارتىشىنى تىنچ ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، كامبودژا تەرەپ سۆزلىشىپ ۋە سۆھبەتلىشىپ ۋەزىيەتنى پەسەيتىشتە چىڭ تۇرىدۇ.
سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، چېن جىنىڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شاۋ يىبو، جوۋ رۇي) 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي شىجياۋ مېھمانخانىسىدا 2026 - يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: گۇتېررېس ئەپەندى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بولغان ئون يىلدىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلىپ كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھات مۇساپىسىنى باشلاشقا تۈرتكە بولدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. بۇ يىل يېڭى جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنى ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ 55 يىللىقى. 55 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، دۇنياۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى. مېنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى بىر مۇھىم ئويلىنىشىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورنى ۋە نوپۇزىنى قوغداشتىن ئىبارەت. جۇڭگو تەرەپ ئىلگىرىكىدەكلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق بولۇۋاتقان تەرىپى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورنى ۋە رولىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشقا توغرا كەلدى. بىرىنچى، ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇش. ھەربىر دۆلەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باراۋەر ئەزاسى، ھەربىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ ھەممىسى ھۆرمەتلىنىشى كېرەك، دۇنيانى قايتىدىن ئورمان قائىدىسىگە قايتۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئىككىنچى، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش. توغرىلىرىنى ساقلاش − بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە رىئايە قىلىپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېكىتىلگەن خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قائىدىنى ياخشى قوغداشتىن ئىبارەت؛ يېڭىلىق يارىتىش − بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋاقىت - شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى يېڭىلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۈچىنچى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش. پۈتۈن دۇنيادىكى 190دىن ئارتۇق دۆلەت تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولىدىغان بىر چوڭ پاراخوتتا ئولتۇرىدۇ، شۇڭا جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. چوڭ دۆلەت تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تېخىمۇ چوڭ ئەندىزىنى نامايان قىلىشى كېرەك. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشتى.
گۇتېررېس مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلقئارا ۋەزىيەت مەيلى قانچىلىك مۈشكۈل، مۇرەككەپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوللاش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىشلىرىنى قوللاش، خەلقئارا ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. جۇڭگو تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىقنى تۈزىتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ياخشىلىققا ئىنتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش، تەرەققىيات ھاڭىنى تولدۇرۇش، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشقا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم ئىدىيە ۋە تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، كىشىنى قايىل قىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق، زوراۋانلىق، مۇشتۇمزورلۇققا قارشى تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى ۋە خەلقئارا قانۇننى قوغداپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.
سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، چېن جىنىڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.