جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى
كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلقى ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىدە دۆلىتىمىزدە ناچار ھاۋارايى كىلىمات ھادىسىلىرى يەنىلا بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ، قۇرغاقچىلىق بىلەن ھۆلچىلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مەۋقەنى زور كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئېغىر قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنىدىن مۇداپىئەلىنىشكە قويۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كىشىلەرنى يۆتكىلىپ خەتەردىن ساقلىنىشقا ۋاقتىدا، كەسكىن تەشكىللەپ، كۆپ ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش كۆرۈلۈشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. چوڭ دەريا، چوڭ ئېقىن، چوڭ كۆللەردە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دەريا، كۆللەرنىڭ كەلكۈن ئاققۇزۇش بوشلۇقىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. قۇرغاقچىلىق بىلەن ھۆلچىلىك تېز ئالمىشىش خەۋپ - خەتىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشنى ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ مەنبەسىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە قۇرۇلۇۋاتقان قۇرۇلۇشلارنىڭ كەلكۈندىن ئۆتۈش مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا خەتەردىن قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، كۈچ، جابدۇق، ماددىي ئەشيا تەييارلىقىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ۋە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر ئەھۋاللاردا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بايلىقنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، كۈچنى بىرىنچى سەپكە ئەۋەتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش ۋە قوماندانلىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، نۆۋەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلىپ، ئاممىنى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللىشى ۋە سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىدە ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئاتاكىدا ئالدىدا تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىشى كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.