20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىندى ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى، مۇھاكىمە قىلىندى

2026-08-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىندى

ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى، مۇھاكىمە قىلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنى بۇ يىل 10 - ئايدا بېيجىڭدا ئېچىشنى قارار قىلدى، يىغىننىڭ ئاساسىي قارالمىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مەركىزىي كومىتېتقا خىزمەت دوكلاتى بېرىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشتىكى بىرقانچە مۇھىم مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىش. يىغىندا ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، مۇھاكىمە قىلىندى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش يېڭى مەنزىلى ئېچىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، پارتىيە ۋە خەلق پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈزبېرىشىگە ئەگىشىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يەنە نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ بۇرچ ۋە ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەردە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى تۈزەش، ياخشى ھەل قىلىش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا شەكىللەنگەن ياخشى سىياسىي ۋەزىيەتنى ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشتا ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئاساس قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنى كۆزدە تۇتۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران - چاپقۇننىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيدىغان، غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيە بولۇشىغا، باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا بېسىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك تاشقى زەربە ۋە ئىچكى قىيىنچىلىقلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدا قۇۋۋەت يېڭى بولۇشقا يۈزلىنىش، قۇرۇلما ئەلا بولۇشقا يۈزلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك پۇرسەت ۋە ئەۋزەللىكلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى - كونا قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇۋاپىق، كەڭ پۇل سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك ساقلانما سىياسەتنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان ئاشۇرۇلما سىياسەتنى ۋاقتىدا پىلانلاپ يولغا قويۇپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، كۈچەپ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل تۈردە يېڭى بولۇش، ئەلا بولۇش، ياخشى بولۇشقا يۈزلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، مالىيە چىقىمى ۋە زايوم مەبلىغىنى ئىشلىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇشى ۋە «ئىككىنى يېڭىلاش» خىزمىتىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» تۆۋەن چېكىنى پۇختىلاش كېرەك. پۇل سىياسىتى قورالىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ ھەم ئۇنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا تەڭشەپ، مالىيە بىلەن پۇل مۇئامىلە ماسلىشىپ ئىچكى ئېھتىياجنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ يولغا قويۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىچكى ئېھتىياجنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ ئەلا سۈپەتلىك تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش كېرەك. «ئالتە تور»نى پىلانلاپ قۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇل تەتقىقاتنى ئۇزاققىچە مۇقىم قوللاشنى كۈچەيتىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەقلىي ئىقتىدار ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە كېلەچەك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن تۈۋرۈك كەسىپلەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئادىل، تەرتىپلىك بولغان بازار رىقابىتى مۇھىتى يارىتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى نىزامىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، «ئىچكى تالىشىش شەكلى»دىكى رىقابەتنى داۋاملىق ھەر تەرەپلىمە تۈزەپ، كارخانىلاردىكى پۇل نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى دائىملىق ھەل قىلىش كېرەك. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ قېلىپلاشقان، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلقئارا ئىقتىساد - سودىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت سودىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سودىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەل مەبلىغىنى پائال جەلپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى، توشۇش ۋە تىجارەت، باشقۇرۇش - ئاسراش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، تىرىك چوشقا قاتارلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، كۈزلۈك ئاشلىق ۋە پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ۋە يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. «ياشانغانلار، بالىلار» مۇلازىمىتى كاپالىتىنى ياخشى تۇتۇپ، قاتلامغا - تۈرگە ئايرىلغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بىخەتەرلىك توسۇقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش كېرەك. ئۆي - زېمىن بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قەرزنى تۈگىتىشكە دائىر بىر قاتار لايىھەلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، جايلاردىكى ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىش، سانىنى ئازايتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كاپىتال بازىرىدا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كاپىتال بازىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە تۈزەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك. خەۋپ - خەتەر ساقلانغان سۇ ئامبارلىرى، دەريا توسمىلىرى، قىيان ۋە گېئوئاپەت خەۋپ - خەتەر رايونلىرى، شەھەردىكى ئاسان ھۆلچىلىك بولىدىغان پەس - ئويمان جايلار قاتارلىقلاردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان روھىي قىياپەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.