ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى
لى چياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كونا - يېڭى قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇۋاپىق كەڭ پۇل سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك ساقلانما سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان كۆپەيمە سىياسەتنى ۋاقتىدا پىلانلاپ يولغا قويۇپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ۋە تەمىناتنى ئەلالاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل يېڭى بولۇشقا، ئەلا بولۇشقا، يۈكسىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى چياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئويلىنىشنى تونۇشتۇردى.
سۆھبەت يىغىنىدا، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى شاۋ فېڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ چىقارغان ھۆكۈمى ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى تامامەن قۇۋۋەتلىدى ھەم يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدار ئىقتىسادىي كەسىپتە قوللىنىش ئۆلچىمى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى بىرتۇتاش جارى قىلدۇرۇش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، ئىستېمالنى كېڭەيتىش يىرىك پىلانىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش، تەتۈر دەۋرىيلىك سىياسەت سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئالدىغا ئۆتۈپ كۈچەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىچكى - تاشقى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى بولۇشقا، ئەلا بولۇشقا يۈزلىنىپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىشى يەنە بەزى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلدى، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كېيىنكى يېرىم يىلدا، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى سىجىل تۈگىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئومۇمىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، دىققەتنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى بەزى نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.
شى جىنپىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارغا ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، پائال تۈردە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا قاراتمىلىقى بولغان تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك. ئۈچىنچى، كەڭ ئەزالار ۋە ئالاقىلىشىدىغان ئاممىغا بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى سىجىل كۈچەيتىپ، كۆپچىلىكنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.
ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە شاۋ خۇڭ، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن ۋە جاڭ ئېندى، فاڭ گۇاڭخۇا، جاڭ بىن قاتارلىقلار بار.