
1991 - يىلى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، يولداش دېڭ شياۋپىڭ شاڭخەي داجۇڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، يولداش جۇ رۇڭجى ھەمراھ بولدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

2012 - يىلى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى يېپىلىشتىن بۇرۇن، يولداش شى جىنپىڭ يولداش جۇ رۇڭجى بىلەن بىللە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

2002 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، يولداش جياڭ زېمىن يولداش جۇ رۇڭجى بىلەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا سۈرەتكە چۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ شىنچىڭ فوتوسى

1997 - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، يولداش خۇ جىنتاۋ يولداش جۇ رۇڭجى بىلەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا پاراڭلاشماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ شىنچىڭ فوتوسى

1990 - يىلى، يولداش جۇ رۇڭجى شاڭخەي ياشلار تېخنىكا مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئىشچىلارنى يوقلىدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

1992 - يىلى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، يولداش جۇ رۇڭجى سەنشى ئۆلكىسى داتۇڭ شەھىرىدىكى يۈنگاڭ كۆمۈر كېنىدا تەكشۈرۈشتە بولماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

1998 - يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، يولداش جۇ رۇڭجى جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تېمى توسما ئېغىزى نەق مەيدانىدا كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ ۋۇ فوتوسى

1998 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، يولداش جۇ رۇڭجى سەنشيا قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا تېخنىك خادىملار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ شىنچىڭ فوتوسى

1999 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، يولداش جۇ رۇڭجى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ چيەنگاڭ فوتوسى

1999 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، يولداش جۇ رۇڭجى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كىلىنتوننىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

2002 - يىلى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، يولداش جۇ رۇڭجى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى دادۇڭ رايونىدىكى كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

2002 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، يولداش جۇ رۇڭجى جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى شىرودېر بىلەن بىللە شاڭخەيدە ماگنىتلىق لەيلىمە پويىزغا ئولتۇردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما جەنچېڭ فوتوسى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، ئاتاقلىق پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - نۆۋەتلىك، 15 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق زۇڭلىسى يولداش جۇ رۇڭجى كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2026 - يىلى 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سائەت 11دىن 6 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 98 يېشىدا ۋاپات بولدى.
يولداش جۇ رۇڭجى، 1928 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تۇغۇلغان، خۇنەن چاڭشادىن. 1948 - يىلى 12 - ئايدا ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقان، 1949 - يىلى 10 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئۇ ياش - ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئالغا بېسىشقا ئىنتىلىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا قەتئىي ئىرادە باغلىغان. 1947 - يىلىدىن 1951 - يىلىغىچە، چىڭخۇا داشۆنىڭ ئېلېكتىروماشىنا فاكۇلتېتى ئېلېكتىروماشىنا ياساش كەسپىدە ئوقۇغان ھەم «يېڭى دېموكراتىك ياشلار ئىتتىپاقى»غا قاتناشقان. 1951 - يىلىدىن 1952 - يىلىغىچە، شەرقىي شىمال سانائەت بۇسى پىلان باشقارمىسى ئىشلەپچىقىرىش پىلانى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1952 - يىلىدىن 1958 - يىلىغىچە، دۆلەت پىلان كومىتېتى يېقىلغۇ - ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىدارىسى، ئۇنىۋېرسال ئىدارىسىدە گۇرۇپپا باشلىقى، دۆلەت پىلان كومىتېتى مۇدىر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، دۆلەت پىلان كومىتېتى ماشىنىسازلىق ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان. 1958 - يىلىدىن 1969 - يىلىغىچە، دۆلەت پىلان كومىتېتى كادىرلار ئىشتىن سىرتقى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خەلق ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى بولغان. 1970 - يىلىدىن 1975 - يىلىغىچە، دۆلەت پىلان كومىتېتىنىڭ «7 - ماي» كادىرلار مەكتىپىدە ئەمگەك قىلىشقا چۈشۈرۈلگەن. 1975 - يىلىدىن 1979 - يىلىغىچە، نېفىت سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ تۇرۇبا يولى ئىدارىسى ئېلېكتىر خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشى شىركىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كاندىدات مۇدىر ئىنژېنېر، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سانائەت ئىقتىسادى تەتقىقات ئورنى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1979 - يىلىدىن 1983 - يىلىغىچە، دۆلەت ئىقتىساد كومىتېتى يېقىلغۇ - ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىدارىسىدە باشقارما باشلىقى، ئۇنىۋېرسال ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تېخنىكا ئۆزگەرتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1983 - يىلىدىن 1987 - يىلىغىچە، دۆلەت ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. ئۇ: دۆلەت ئىقتىساد باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ كارخانا تېخنىكىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىدە «ئۈچ ئۆزگەرتىش»نى، يەنى سېلىنما ئارقىلىق قوللاشنى ئاساس قىلىشنى سىياسەت ئارقىلىق قوللاشنى ئاساس قىلىشقا ئۆزگەرتىش، بۇيرۇق خاراكتېرلىك پىلاننى ئاساس قىلىشنى يېتەكچى خاراكتېرلىك پىلاننى ئاساس قىلىشقا ئۆزگەرتىش، مەمۇرىي ۋاسىتىنى ئاساس قىلىشنى ئىقتىسادىي ۋاسىتە ۋە قانۇن ۋاسىتىسىنى ئاساس قىلىشقا ئۆزگەرتىشنى تاماملاپ، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى پىلان، سىياسەت، قانۇن - نىزام تۈزۈش ۋە تەشكىللەش - ماسلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈش - نازارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرگە قويۇپ، ماكرولۇق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ تاشقى سودىدا، تېخنىكا كىرگۈزۈش بىلەن سودىنى كېڭەيتىشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
1987 - يىلى 12 - ئايدىن 1991 - يىلى 4 - ئايغىچە، يولداش جۇ رۇڭجى شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئۇ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي رىقابەتتىن ئىبارەت قوش خىرىس ئالدىدا، شاڭخەينىڭ تۈپ چىقىش يولىنىڭ قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ سانائەت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى قايتا تەشكىللەپ، خەلقئارا رىقابەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي بايلىقتىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، شاڭخەينىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، ئىنچىكە پىششىقلاش، بىلىم - تېخنىكا كۆجۈملەشكەن تىپتىكى يېتەكچى كەسىپلەر ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، خام ماتېرىيال سانائىتى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، سانائەت جەھەتتىكى ماسلاشتۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، شاڭخەينىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش يولىدا پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولغان. شاڭخەيدىكى يەرلىك دۆلەت ئىگىلىكى كارخانىلىرىنى جانلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كارخانىلارنى مەھسۇلات ئىگىلىكى قارىشىنى تاۋار ئىگىلىكى قارىشىغا ئۆزگەرتىپ، ئىچكى يۈزلىنىش تىپىدىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىدىيەسىگە ئۆزگەرتىپ، رىقابەت مېخانىزمىنى كىرگۈزۈپ، ھۆددە ئېلىپ تىجارەت قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۈردە كارخانىلارنى پايدا - زىيانغا ئۆزى مەسئۇل بولۇش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. سۈپەت باشقۇرۇشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ: سۈپەت ھاياتلىق دېگەنلىك، سۈپەت ئۈنۈم دېگەنلىك، شاڭخەينىڭ پەن - تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى سورتلارنى ئېچىپ، ئەلا سۈپەتلىكلىرىنى يۇقىرى باھادا سېتىش يولىدا مېڭىش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، چەت ئەل مەبلىغى بانكىسى ۋە چەت ئەل مەبلىغى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنى پائال كىرگۈزۈپ، شاڭخەي ئاكسىيە سودا ئورنى تەسىس قىلىشقا تۈرتكە بولغان. قاتناشنى مەركەز قىلغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، شاڭخەينىڭ تۈگۈنلۈك، فۇنكسىيەلىك، تورلاشقان زامانىۋى شەھەر ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. تۇرالغۇ ئۆي تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مەملىكەت بويىچە باشلامچىلىق بىلەن تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شاڭخەينىڭ كونا شەھەر رايونى، كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش ئومۇمىي تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۇرالغۇ ئۆينى تاۋارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ۋە تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم تەجرىبە بىلەن تەمىنلىگەن. «كۆك - تاق قۇرۇلۇشى»نى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، شاڭخەيدە دەسلەپكى قەدەمدە زامانىۋىلاشقان قوشۇمچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش - سېتىش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولغان. شەھەر باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، سېلىنما مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شاڭخەينىڭ خەلقئارالاشقان شەھەر ئوبرازىنى تىكلىگەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇدۇڭنى ئېچىش - ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم پۇدۇڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، ھەم مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولغان بىرقاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئېلان قىلىپ، پۇدۇڭنى ئېچىش - ئېچىۋېتىشنىڭ ماھىيەتلىك باشلىنىش باسقۇچىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولغان. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشكە پائال تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلاش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، شاڭخەينىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.
1991 - يىلى 4 - ئايدا، يولداش جۇ رۇڭجى گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان، كېيىن قوشۇمچە گوۋۇيۈەن ئىشلەپچىقىرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، گوۋۇيۈەن ئىقتىساد - سودا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، ماشىنا - ئېلېكتىر، ئېنېرگىيە، تۆمۈريول قاتنىشى، مېتاللورگىيە - خىمىيە سانائىتى، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغان. 1992 - يىلى 10 - ئايدا، يولداش جۇ رۇڭجى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 1993 - يىلى 6 - ئايدا، قوشۇمچە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 14 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولغان. مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈش، بىر تەرەپلىمە ھالدا مەھسۇلات قىممىتى ۋە سۈرئەت قوغلىشىشتەك خاھىشلارنى تۈگەتكەن. بىرمەھەل كۆرۈلگەن سېلىنما كۆلىمىنىڭ ئېشىشى زىيادە تېز بولۇش، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى زىيادە تېز بولۇش ھەمدە تەرەققىيات رايونى قىزغىنلىقى، ئۆي - زېمىن قىزغىنلىقى، پاي چېكى قىزغىنلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر يولى، تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئىقتىسادىي، قانۇنىي ۋاسىتىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىپ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەڭشەپ ۋە تىزگىنلەپ، ئىقتىسادتا زىيادە قىزىپ كېتىشنى ئۆزگەرتىش، پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەش، «سىلىق قونۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن قالتىس ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. «ئۈچ بۇرجەكلىك قەرز»نى ئېنىقلاشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، مەۋقەنى ماھىيەتتىن تۈزەش، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇشقا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇپ ئامبار قالدۇقىنى ئازايتىش، «ئامبار قالدۇقىنى ئازايتىش بىلەن تېخنىكا ئۆزگەرتىش قەرز پۇلىنى كۆپەيتىشنى قوش چېتىش» قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كونا قەرزنى تۈگىتىپلا يېڭى قەرز بولۇش ۋەزىيىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن توسۇپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرغان. مالىيە - باج تەرتىپىنى كۈچەپ تەرتىپكە سېلىپ، مالىيە - ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، باج ئېلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مالىيە - باج ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، باجنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش ۋە مالىيە چىقىمىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، مالىيە خامچوتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش - ئىقتىساد قىلىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش - چىقىمنى تېجەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. پۇل مۇئامىلىنى تەڭشەش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەرز پۇل كۆلىمىدىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە تەڭشەش - تىزگىنلەشتىن ئۆسۈم نىسبىتى، ئاشكارا بازار ۋە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىدىن پايدىلىنىپ ۋاسىتىلىك تەڭشەش - تىزگىنلەشكە ئۆتۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق پۇلىنى دائىملىق تۈرلەردە ئايرىباشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بازاردىكى تەمىنلەش - ئېھتىياج ئاساس قىلىنغان، يەككە بولغان، باشقۇرۇلىدىغان تۇراقسىز پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاكسىيە قەرەللىك مال بازىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرغان. ئاشلىق باھاسى ۋە سېتىۋېلىش - سېتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان، سېتىۋېلىش - سېتىش قولاي بولغان، ئورۇنلاشتۇرۇش جانلىق بولغان ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىدىكى قايچىسىمان پەرقنى كىچىكلىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشنى مۇقىملاشتۇرغان. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئوبوروت قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ باھا سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەمىنات - سودا كوپىراتىپلىرىنىڭ ئاساسىي يوللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا بازارلىرىنىڭ تەمىنلىشىنى ياخشىلىغان. دېھقانلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى ئاساسىدا ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرى ھۆددە ئېلىش، مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىيلاشقان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئاشلىق تېرىيدىغان چوڭ ئائىلىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەدەت بەرگەن.
1997 - يىلى 9 - ئايدا، يولداش جۇ رۇڭجى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 15 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1998 - يىلى 3 - ئايدا، 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا، ئۇ گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىن گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن - ھۆلچىلىك ئاپىتى ئالدىدا، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ يۆنىلىشى ۋە سالمىقىنى توغرا ئىگىلەپ، مۇۋاپىق قىسىش ئاساسىدىكى مالىيە سىياسىتى، پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىن ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا ئۆتۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، پۇل قىسلىقى يۈزلىنىشىنى تىزگىنلەپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېز ئېشىشىنى ساقلىغان، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىغان، خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆسكەن. كەسىپ قۇرۇلمىسى، رايون قۇرۇلمىسى ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەڭشەپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، بولۇپمۇ ئۇچۇر كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى سانائەتنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا پائال مەدەت بېرىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرگەن. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ دەريا، چوڭ ئېقىن، چوڭ كۆللەرنى تۈزەش، يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، دۆلەت زاپاس ئاشلىق ئامبىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا سېلىنمىنى زورايتىپ، يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردا «ھەقنى باجغا ئۆزگەرتىش» ۋە يېزا - بازار ئاپپاراتلىرى، ناھىيە - يېزا مالىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئېكسپورتقا ئىلھام بېرىشكە دائىر بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بازارنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە سۈپەت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، چەت ئەل مەبلىغىنى پائال جەلپ قىلىپ، خەلقئارا ئىقتىساد - تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە رىقابىتىگە قاتنىشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلانغان. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى باغلاش تۈزۈمىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر ساھەنىڭ ئىشەنچىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولغان. ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدا توسمىلارنى تۈزلەپ كەلكۈن ئاققۇزۇش، ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ بازار قۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە ئېتىزدىن كۆلگە قايتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، يەر، قېزىلما بايلىق، تاتلىق سۇ، دېڭىز - ئوكيان ۋە جانلىقلار قاتارلىق بايلىقلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق ۋادى، رايون قاتارلىقلاردىكى بۇلغىنىشنى تۈزەپ، مۇھىت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ نوپۇس، بايلىق، مۇھىت بىلەن ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى سىجىل ياخشىلاپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇش، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورناتقان. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، سالمىقى بىرقەدەر زور بولغان گوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي تارماقلارنى ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش تارمىقىغا ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، كەسپىي ئىقتىسادىي تارماقلارنى تەڭشەپ ۋە ئازايتىپ، بازار قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسى شارائىتىدا شەكىللەنگەن ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى رامكىسىنى ئۆزگەرتكەن. تىرىشىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرغان.
گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى بولغاندىن كېيىن، يولداش جۇ رۇڭجى يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەركەز مەخسۇس كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت پەن - تېخنىكا، مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، گوۋۇيۈەن سەنشيا قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، گوۋۇيۈەن غەربىي قىسىم رايونلارنى ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۆتەپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەرگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان. ئۇ دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا، مائارىپ سېلىنمىسىنى زورايتىپ، دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا باھالاش سىستېمىسى ۋە مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش تۈزۈم - تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەن. غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خاس ئىقتىساد ۋە ئەۋزەل كەسىپلەرنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش، چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن.
يولداش جۇ رۇڭجى گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى بولغان مەزگىلدە، دۆلىتىمىز پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە ئۆتۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتاتتى. يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئۇ بىر قاتار زور ئىسلاھاتلارنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولغان. مالىيە - باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، باج سېلىقىنى ئادىللاشتۇرۇش ۋە باج تۈزۈمىنى ئاددىيلاشتۇرۇش يادرو قىلىنغان مۇھىم باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى مۇۋاپىق ئايرىش ئاساسىدىكى باج ئايرىش تۈزۈمى مالىيە تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇپ، مەركەز بېجى ۋە يەرلىك باج سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئاساس، تىجارەت بېجى ۋە ئىستېمال بېجىنى قوشۇمچە قىلغان ئوبوروت بېجى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تاپاۋەت بېجىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرتىپكە سېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى ۋە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتكەن. پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەركىزىي بانكىنىڭ فۇنكسىيەسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كەسپىي بانكىلىرىنىڭ سودا بانكىسىغا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سىياسەت خاراكتېرلىك بانكا قۇرۇپ، شارائىتى يار بېرىدىغان چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردە شەھەر ھەمكارلىق بانكىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان، قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان پۇل مۇئامىلە بازىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولغان. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىپ، «مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق بولۇش، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولۇش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسى بىلەن كارخانا فۇنكسىيەسىنى ئايرىش، باشقۇرۇش ئىلمىي بولۇش» تەلىپى بويىچە، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتىن دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەڭشەپ ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ يۈكى ۋە تارىخىي يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ زامانىۋىلاشقان باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈچ يىللىق ئىسلاھاتى ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان. بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان، مۇكەممەل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى رامكىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن ئىبارەت «ئۈچ كاپالەت چېكى» تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا كەم - كوتسىز ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، كارخانىلاردىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا كەم - كوتسىز ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىش ئورنىدىن قالغانلار ۋە ئىشسىزلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگەن. تۇرالغۇ ئۆي تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۇرالغۇ ئۆي تەقسىماتىدا پۇللاشتۇرۇشنى تەدرىجىي يولغا قويۇپ، كۆپ قاتلاملىق شەھەر - بازار تۇرالغۇ ئۆي تەمىنات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - بازارلاردىكى تۇرالغۇ ئۆي قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېزلەتكەن. ئاشلىق ئوبوروتى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئېشىنچا ئاشلىقىنى قوغداش باھاسى بويىچە چەك قويماي سېتىۋېلىش، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش كارخانىلىرى ئوڭ باھادا سېتىش، ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغىنى يېپىق ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ئاساسلىق ئاشلىق سېتىش رايونلىرىدا ئاشلىق سېتىۋېلىش بازىرى ۋە باھاسىنى تەدرىجىي قويۇۋەتكەن. دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش توغرىسىدىكى جاپالىق سۆھبەتنى رىياسەتچىلىك قىلىپ تاماملاپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا قاراپ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە قىلىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
يولداش جۇ رۇڭجى خەلق ئاممىسىغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولغان، ھۆكۈمەت خىزمەتچى خادىملىرىغا ئۆزىنىڭ خەلقنىڭ خىزمەتكارى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى، ئالاھىدە بولۇۋالماسلىقنى تەكىتلەپ، دۆلەت ئىچىدە تەكشۈرۈشتە بولۇش، يىغىننى ئىخچاملاش، لاۋازىمەت خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا قارىتا «ھەممە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە»نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، راست گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، باشقىلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقماي، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتقان. ئۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ماھىرلىق بىلەن ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ قېتىم ئۆزى بىرىنچى سەپكە بېرىپ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ زىياننى ئازايتىشنى تەكىتلىگەن. ئۇ كىتاب يېزىپ ئېرىشكەن تاپاۋىتىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، ئوقۇشقا ياردەم بېرىپ ئادەم تەربىيەلەشكە ئىشلىتىشكە ئىئانە قىلىپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلارنى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن.
2003 - يىلى 3 - ئايدا، يولداش جۇ رۇڭجى گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى يەنە ئۆتىمەيدىغان بولغان. رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قەتئىي ھىمايە قىلغان ۋە قوللىغان، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قەتئىي ھىمايە قىلغان ۋە قوللىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەن، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قوللىغان.
يولداش جۇ رۇڭجى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 14 - ، 15 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى.
70 نەچچە يىللىق ئىنقىلابىي ھاياتىدا، يولداش جۇ رۇڭجى باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولغان، خەلققە سادىق بولغان، كوممۇنىزم ئىشلىرىغا سادىق بولغان. ئۇ مۇستەھكەم كوممۇنىزم غايە - ئېتىقادىغا ۋە كۈچلۈك پارتىيەۋىلىككە ئىگە بولۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن، بوشاشماي كۈرەش قىلغان. ئۇ ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىغان. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئۇ سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، توغرىلىنىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغدىغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىغان. ئۇ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدىن ئىجادىي پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلغان، مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلغان، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولغان. ئۇ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرغان، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرغان، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىي سەزگۈرلۈككە ۋە سىياسىي پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە بايرىقى روشەن بولۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغان. ئۇ تىرىشىپ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پاك - دۇرۇس، ئوچۇق - يورۇق بولۇپ، ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، چىرىكلىك قىلمىشلىرى ۋە ناتوغرا ئىستىللارغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىغان. ئۇ بىلىمگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىپ، يولداشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كادىرلارنى ئاسراپ، كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن.
يولداش جۇ رۇڭجىنىڭ ھاياتى ئىنقىلابىي ھايات، كۈرەشچان ھايات، شانلىق ھايات، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، كوممۇنىزم ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ھايات. ئۇنىڭ ۋاپاتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن زور يوقىتىش. بىز قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى، ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە ئېسىل ئىستىلىدىن ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
يولداش جۇ رۇڭجى مەڭگۈ ھايات!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)