شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ باكانىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2026-08-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باكا ئاندىراسقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋېنگىرىيە يېڭى جۇڭگونى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 77 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇردى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. مەن جۇڭگو - ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ باكا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.