شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 27 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى
سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىجادىي تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا 27 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىجادىي تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشى 1 - ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مەمۇرىي خادىملار، زاپاس ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى!
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان ئىشخانىسىدىكى يولداش سۈن جېڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەردى، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.
شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇزاكىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەسىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، بىر تەرەپتىن كۈرەش قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش قىلدى، ئارمىيەمىزنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇش ئاساسى بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئاساسىي رېڭىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە جەھەتتە ئىستىل تۈزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، مىلتىقنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا مەڭگۈ بويسۇنۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنىڭ سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىدارىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پاك بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ يۆنىلىشى ۋە تەكشۈرۈش ئۆلچىمى باشتىن - ئاخىر جەڭگىۋارلىقتا. ئادەمسىز ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى ھەربىي ئىشلاردا قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، تور ئۇچۇر سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ھەربىي ئىشلار سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىش كېرەك. جەڭ قىلىش ئىقتىدارى سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي جەڭ ھالىتىنى تەكشۈرۈش - باھالاشنى ياخشى ئىشلەپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغداش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىرگەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر يولى. ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە - يەرلىك ھالقىغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەت - تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، زىچ ھەمكارلىشىدىغان، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك بولغان ئارمىيە - يەرلىك ھالقىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، يەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دۆلەت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى قىزغىن سۆيىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى گۈللەندۈرىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى قوغدايدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.